مىسرانكامغا:
مىسرانكام ئىمامەتچىلىك قىلۋاتقان مەسچىتكە يېپ-يېڭى گىلەم سېلىنغانىكەن، يىراق - يېقىنغا داڭقى كەتكەن بىر قىمارۋاز
ئۆيدىكى پۇل - پۈچەك ۋە مال - مۈلكىنى ئۇتتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تەپتارتماستىن مەسچىتتىكى گىلەملەرنى ئوغرىلاپ ئۆيىگە سېلىپ قويۇپتۇ.مىسرانكام بۇ ئىشنى ئۇقۇپ بىر كۈنى ئەتىگەن مىسرانىمدىكى جامائەتنى باشلاپ ھېلىقى قىمارۋازنىڭ قورۇسىغا بېرىپتۇ. بۇ جامائەتنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتكەن قىمارۋاز مىسرانكامدىن:
- ئىمام ئاخۇنۇم، بامدات نامازنى مەسچىتتە ئوقۇماي بۇ يەرگە كىرگەنلىرىگە قارىغاندا، يېڭىلىپ قالدىلىمۇ، نېمە؟ - دەپ سوراپتۇ.
- يوقسۇ، - دەپتۇ مىسرانكام قىمارۋازغا چۈشەندۈرۈپ:
- تۈنۈگۈن قورۇيىڭىز ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، قورۇيىڭىزغا قارىسام، ساپلا مەسچىتنىڭ گىلەملىرى سېلىقلىق تۇرىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ مەسچىت سىزنىڭ قورۇيىڭىزغا يۆتكىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، دەپتىمەن. قىمارۋاز بۇنى ئاڭلاپ ئۆپكىدەك قىزىرىپ كېتىپتۇ.
ئۆل كامغا :
تاغدىن كەلگەن ئىككەيلەن بىر چوڭ شەھەرگە كېلىپ ئىگىز بىنالارغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ساناۋاتسا يولدىن ئۆتكەن ئۆل كام ھە پۇرسەت كەلدى دەپلا يالغان ساقچى شەپكىسىنى كېيىپلا ; ھەي بۇ ئىككىڭ نېمە قىلىۋاتاسەن؟؟؟نېمە مەقسىتىڭ بار؟؟؟جەرىمانە تۆلەش !!!" دەپتىكەن ..ئۇ ئىككىسى قورقۇپ كېتىپ :قانچە پۇل ؟؟؟" دەپ سوراپتۇ.
ئۆل كام:
_ قانچىنچى قەۋەتكە ساناشتىڭ ھەر بىر قەۋىتى 10 يۈەن دەپتۇ.
ئۇ ئىككىسى ئامالسىز پۇلنى تۆلەپتۇ..
ئۆل كام پۇلنى ئېلىپلا تىكىۋېتىپتۇ......
بىر تاغلىق يەنە بىرسىگە ھىجىيىپ تۇرۇپ :ھەجەپ قۇيدىمما ئەسلى 27 -قەۋەتكىچە ساناپ بولغانتىم ..11-قەۋەت دەپلا 110元 بەردىم دېگۈدەك....
مۇسلىنە ھەدەمگە:
كىچىك مۇسلىنە ھەدەم دادىسى ئاچقان گىرىم بۇيۇملىرى دۇكىنىغا ئوينىغىلى بېرىپتۇ. بۇ چاغدا دادىسى خېرىدارغا ئىككى پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ گىرىم بۇيۇمىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
— قاراڭ، بۇ سۈرەتتىكىسى ئىشلەتمىگەن ۋاقتى، مانا بۇ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى ۋاقتى.
— دادا، خاتالاشتىڭىز، بۇ سۈرەتتىكىسى مومام، ئۇ سۈرەتتىكىسى ئاپام، — دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ كىچىك مۇسلىنە ھەدەم.
مەلىكە ھەدەمگە:
جاۋابكار ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى مەلىكە ھەدەمگە دەپتۇ:
— ئەگەر قابىلىيىتىڭىزنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، مېنى تۈرمىدە پەقەت ئالتە ئايلا ياتىدىغان قىلالىسىڭىز، پۈتۈشكىنىمىزدىن باشقا يەنە مىڭ دوللار بېرەتتىم.
جاۋابكار ئاخىرى ئارزۇسىغا يېتىپتۇ.
— بۇ ماڭا ھەقىقەتەن تەسكە توختىدى، ئەسلىدە سوتچىلار سىزنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرمەكچى ئىدى، — دەپتۇ مەلىكە ھەدەم ئالغان پۇلىنى سانىغاچ.
كارۋانكامغا:
كارۋانكام ھاۋا ئارمىيىنىڭ ئەسكىرى ئىكەن. ھەر كۈنى ئايروپىلاندىن پاراشوتتا سەكرەپ مەشىق قىلىدىكەن.
بىر كۈنى، چۈشىدە مەرھۇم مومىسىنى كۆرۈپتۇ، مومىسى ئۇنىڭغا: ‹‹ئوغلۇم، ئەتە سەكرىمە، پاراشوتۇڭ ئېچىلمايدۇ›› دېگۈدەك. ئەتىسى، ئۇ يەنە مەشىققە بېرىپتۇ. باشقىلار سەكرەپ بولۇپ، نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە، سەكرىمەي تۇرۇۋاپتۇ.
كوماندىر نېمىشقا سەكرىمەيدىغانلىقىنى سورىغانىكەن، كۆرگەن چۈشىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. كوماندىر ئىشەنمەي ئۆزىنىڭ پاراشوتىنى ئۇنىڭغا ئالماشتۇرۇپ بېرىپتۇ. كارۋانكام سەكرەپتۇ - دە، ئاستا -ئاستا تۆۋەنلەپتۇ. ئارقىدىن كوماندىر سەكرەپتۇ، بىراق پاراشوتى ئېچىلماي، كارۋانكامنىڭ يېنىدىن ئىتتىك ئۆتۈپ چۈشۈپ كېتىپتۇ. كارۋانكام ۋارقىراپتۇ:
— نەگە، كوماندىر؟
— موماڭنىڭ قېشىغا!
سەبىنۇر ھەدەشكە:
پروفېسسورنىڭ قىزى سەبىنۇر ھەدەشنى مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن. بىر كۈنى پروفېسسور لوگىكا دەرسىدە: ‹‹كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە›› دەپ سۆزلەۋېتىپ، ئالدىنقى قاتاردا ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مىسال كۆرسىتىشنى بۇيرۇپتۇ. ئوقۇغۇچىسى جاۋاب بېرىپ: ‹‹ مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىز قىزىڭىزسەبىنۇرنى ياخشى كۆرىسىز، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزسەبىنۇرنى ياخشى كۆرىمەن››دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
جەسسۇرمەنكامغا:
ئوقۇتقۇچى: دەرس باشلانغاندىن تارتىپ توختىماي سۆزلەپ چىقتىڭ، قېنى دەپ باقە، سەن زادى ئوقۇغۇچىغا ئوخشامسەن؟
جەسسۇرمەنكام: ئوخشىمايدىكەنمەن.
ئوقۇتقۇچى: ئۇنداقتا، سەن كىمگە ئوخشايدىكەنسەن؟
جەسسۇرمەنكام: ئوقۇتقۇچىغا.
مارشالكامغا:
دوختۇرخانا باشلىقى مەسئۇل دوختۇرمارشالكامغامۇنداق دەپتۇ :
_بىر ئازدىن كېيىن باشلىقنىڭ ئايالى كېلىدۇ ، باشلىقنىڭ ئايالىغا دېئاگىنوز قويۇپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم سىپايە سۆزلەڭ ، ئۇنى قورقۇتۇۋەتمەڭ ، دەپتۇ .
مەسئۇل دوختۇر مارشالكام ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .
تەكشۈرۈشتىن كېيىن مەسئۇل دوختۇر مارشالكام باشلىقنىڭ ئايالىغا مۇنداق دەپتۇ : خانىم ، سىزنىڭ ئۆتىڭىزدە 30 گراملىق چىرايلىق تاشتىن بىرسى باركەن .
Ruin كامغا:
ئىككى ساقچى ئۈچ گىراناتنى بايقاپ قېلىپ، ئۇنى ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىشقا تەييارلىنىپتۇ. ياش ساقچى سەل قورقۇپ، پېشقەدەم ساقچى Ruin كامدىن سوراپتۇ:
— ئەگەر يولدا گىراناتنىڭ بىرى پارتلاپ كەتسە قانداق قىلارمىز؟
— ئۇنداقتا ئىككىنىلا ئۇچراتتۇق دەيمىز – دە، — دەپتۇ Ruin كام.
بۇلارنىڭ ھەممىسى چاق_چاق جۇمۇ ئېغىر كەتكەن بولسا خاپا بولماڭلار!!
مەنبە : يۇمۇرلاردىن قۇراشتۇرۇلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-12 06:08 PM