ziyaliy يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 02:25 PM
ئەخمەتجان قاسىمى سىتالىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شى ...
ئەخمەتجان قاسىمى سىتالىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىنجاڭغا كىرىپ ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ۋە سىتالىنىڭ ئارقا تېرەك بولۇشى بىلەن بىر ئاددىي چايچىلىقتىن بىر يىلدىلا ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلابى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسلىك ھوقۇقىنى ئېگەللىگەن ھەمدە « ش تۈركستان ھۆكۈمىتى » نىڭ رەئىسى ئېلىخان تۈرە سىتالىن ئەۋەتكەن ئالاھىدە خادىملار تەرىپىدىن سوۋېتكە ئېلىپ كېتىلگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغان..
ئەخمەتجان ئەپەندى توغۇرلۇق نورغۇن سىرلار بار،بەزىلەر ئۇنى سوۋېت ئېتپاقىنىڭ جاسۇسى دەپ قارىسا،يەنە بەزىلەر ئۇنى ئۇيغۇر يېقىنىقى زامان ئويغۇنۇش ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى،ھەقىقى قەھرىمانى دەپ قارايدۇ.
بەلكىم ئۇ سىز دېگەندەك ئاۋۋال سوۋېت ئېتپاقى ئەۋەتكەن جاسۇس بۇلۇپ كىيىن بەلكىم خەلىقنىڭ ئازاتلىق ھەركىتى ئۇچۇن ئاققۇزغان قانلىرىغا قااپ مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن بۇلىشى مۇمكىن .لىكىن بۇ توغۇرلۇق سىزدە قانداق ماتىريال با ياكى سىز بۇ توغۇرلۇق قانداق ماتېريال كۆردىىڭىز بۇنىسى ماڭا نامەللۇم،لىكىن بىر تارىخى شەخىسكە باھا بەرگەندە ھەرگىزمۇ پەرىزىمىز بويىچە ئەمەس بەلكى تارىخى چىنلىققا ۋە تارىخى پاكىتقا ئاساسلىنىشىمىز كىرەك.
ئۇچ ۋېلايەت ئېنقىلابى ھازىرچە تېخى ئېچىلمىغان سىر ، بۇنى بىلىش ۋە خەلىققە بىلدۇرۇش بىز،سىز ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى.
بۇ شانلىق ۋە ئاچچىق تارىىخنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات يەتكۇزىشىمىز ۋە بىلدۇرشىممىز ، بۇنىڭ سىرىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىن ئىبرەت ۋە كۇچ-قۇۋەت ئېلىشىمىز كىرەك.