hekmat110 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 01:44 PM
شۇنداقمۇ دەيمىز لىكىن ئوقۇماي يۈرگەندىن شەخسى مەكتەپ ...
دىگىنىڭىز توغرا، بىلىم ئېلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز. ئەمما، شەخسى مەكتەپتە مەجبۇرى ئوقۇسا، نەچچە ھەسسە ئارتۇق پۇل بىلەن ئوقۇسا، ئاندىن زور ئۈمىد بىلەن خىزمەت تاپىمەن دەپ چېپىپ يۈرسە«شەخسى مەكتەپ ئىكەن» دەپ خىزمەتكە قۇبۇل قىلمىسا ئاخىرى قانداق بولىدۇ؟ چۈشكۈنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بارا بارا: ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇمدۇ؟ نەچچە يىل ئوقۇپ كەلسە يەيدىغانغا نان يوق دەپ دادلاپ يۈرىدۇ، بۇ خىل كۆز قاراش بارا بارا بازار تېپىپ، ئالىي مەكتەپنى بىر دىنبىر چىقىش يولى دىگەن قاراش چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن خەلقىمىزگە ئېغىر زەربە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تولۇقسىزنى پۈتتۈرسىلا مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇتمايدۇ.
مەكتەپنى توغرا تاللاش كېرەك. تېما ئىگىسى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنىڭ ئەھمىيتى چۇڭقۇر. 7777، 888دىگەندەك قاتار نۇمۇرنى كىم كۆپ ئىشلىتىدۇ؟ كىم بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ چوڭ سودىگەرلەر! سودىگەرلەرنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇغاننىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ، ئەكىسچە زىيىنى بار.
ئۇنداق مەكتەپتە ئوقۇغاندىن ئوقۇمىغان ياخشى. ئۇنداق مەكتەپتە نېمىنى ئۈگىنەر؟بەزىلەر: ھېچ بولمىسا ماۋۇ خام قاپاق چىرايلارنىڭ تىلىنى بولسىمۇ ئۈگىنىپ كەلسە شۇ مۇ چوڭ ئىش دىيىشى مۇمكىن. 80-، 90- يىللاردا شۇنداق بازىرى ئىتتىك ئىدى شۇلارنىڭ تىلىنى بىلگەنلەرنىڭ.
ئاتا ئانىلار مەكتەپ تاللىغاندا كاللا ئىشلىتىپ تاللىشى لازىم.