ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار:
چاقچىقىمنى تۇتىۋېلىڭلار !!ئۇچۇپ كەتمىسۇن بىكار!!!
نازىلە 998 ھەدەمگە:
كۈتۈش بۆلۈمىدە ئىنتايىن پەرىشان بىر بىمار ئولتۇراتتى.نازىلە 998 ھەدەم ئۇنى چاقىرۋىدى،ئۇ چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرگەن ھالدا:-دوختۇر نازىلە 998 ئەمدى قانداق قىلارمەن؟تۈنۈگۈن ئوقۇشماي بىر قۇتا بېنزىننى ئىچىپ ساپتىمەن،-دەپتۇ. دوختۇرنازىلە 998 ھەدەم:-ھە!ھىچقىسى يوق .بىراق ئېسىڭىزدە بولسۇن.بۇ بىرنەچچە كۈن ھەرگىز تاماكا چەكمەڭ،-دەپتۇ.
كەلگۈندە ئاكامغا:
ئوقۇتقۇچى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىسىنى تارقىتىپتۇ.
ئوقۇتقۇچى: كەلگۈندە ، نەتىجە قەغىزىڭنى ئېلىۋال.
كەلگۈندە ئاكام ئىمتىھاننى ياخشى بىرەلمىگەچكە قەغەزنى خوشياقمىغان قىياپەتتە ئاپتۇ.
ئوقۇتقۇچى: ئاۋايلىغىن، تۇخۇم چېقىلىپ كەتمىسۇن.
ئاتلان كارۋان ئاكامغا:
ئاتلان كارۋان ئاكام ئوۋ - ئوۋلىغىلى چىقىپ كېتىپ ، 3 كۇندە كەپتۇ .
غۇجىدار ئۇنىڭغا پەتنۇستا ئالما ئېلىپ كەپتۇ ، ئاتلان كارۋان ئاكام ئۇنىڭدىن ، ئۆيگە بىرى كەلدىمۇ دەپ سوراپتۇ ،
ياق ئاتلان كارۋان بىگىم ھىچكىم كەلمىدى - شۇ باغۋەن كۇندە ساتقان ئالمىنىڭ پۇلىنى ئەكىلىپ ، خانىمغا ئۆتكۇزۇپ تۇردى - دەپتۇ.
نۇرجۇلا ھەدەمگە:
نۇرجۇلا ھەدەم: نىمىشقا دادامغا سۆڭەك شورپىسى ئىچكۈزىسەن؟
ئاپىسى: داداڭنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن سۆڭەك ،سۆڭەككە پايدا قىلىدۇ دىگەن گەپ بار.شۇڭا سۆڭەك قاينىتىپ داداڭغا ئىچكۈزمىسەم بولمايدۇ قىزىم..
نۇرجۇلا ھەدەم : بۇنى بالدۇرراق دىسەڭ بولمامتى .ماتتىماتتىكا كىتاپنى قاينىتىپ ئىچىپ ئاللىقىچان مۇئەللىمىمگە دەرس ئۆتۈپ بولغان بۇلاتتىم.....
ئىلنازە ھەدەمگە:
ئوقۇتقۇچى: ئاتنىڭ گۆشىدە قايسى ۋېتامىن كۆپ ؟
ئىلنازە ھەدەم: ۋىتامىن «ئا».
ئوقۇتقۇچى: بېلىقنىڭ گۆشىدە قايسى ۋېتامىن كۆپ ؟
ئىلنازە ھەدەم: ۋىتامىن «ب».
ئوقۇتقۇچى: غازنىڭ گۆشىدەچۇ ؟
ئىلنازە ھەدەم: ۋىتامىن «غ».
لەرزان ھەدەمگە:
بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان يىگىت سالام خەت يىزىپ قىزچاقنىڭ سىڭلىسى بىرىپ لەرزان ھەدەمگە خەتنى ھەدىسىگە بېرىپ قويۇشنى تاپىلاپ ئۇنىڭغا ئىككى سوم بېرىپتۇ. ئەتىسى جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن قىزنىڭ مەھەللىسگە بېرىپ لەرزان ھەدەمنى چاقىرىپ سوراپتۇ:-
خەتنى ھەدەڭگە بەردېڭمۇ؟
لەرزان ھەدەم:- ياق، تۆنۈگۈن ئۆيدە ھەدەم يوق ئىكەن، شۇڭا خەتنى دادامغا بەردىم.
-- ھە ! ئۇنداقتا داداڭ نېمە دېدى؟
لەرزان ھەدەم:-- دادامنىڭ بەك ئاچچىغى كېلىپ كەتتى.
-- ئۇنداقتا خەت قېنى؟
لەرزان ھەدەم:-- دادام ئۇخەتنى سېزنىڭ ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بېرىشىمنى ئېيتقان، بىراق تۈنۈگۈن ئۆيىڭىزگە بارسام سىز يوق ئىكەنسېز، شۇڭا دادىڭىزغا بېرىپ قويدۇم
ۋاسكىتبول گۈزىلى ھەدەمگە:
ۋاسكىتبول گۈزىلى ھەدەم: بەش قېتىم ئېتىپمۇ توپنى گارغا كىرگۈزەلمېدىڭ !!! ۋاي دۆت
ۋاسكىتبولچى: ئونداقتا تېرنىر ۋاسكىتبول گۈزىلى بىر ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرمەمسىز؟
ۋاسكىتبول گۈزىلى ھەدەممۇ بەش قېتىم ئېتىپ توپنى چۈشۈرەلمەپتۇ دە
ۋاسكىتبولچىغا:- سەن باياتىن دەل مۇشۇنداق ئاتتىڭ ! دۆت ،قايتا كەل!
رىزۋانگۈل 0995 ھەدەمگە:
تۇنجى قېتىم چوڭ شەھەرگە كىرگەن بىر ئادەم بىر كۈن شەھەر ئايلىنىپ، قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، ئاشخانىغا كىرىپتۇ، تاماق تىزىملىكىگە قارىسا ھەممە تاماقلار شۇنداق قىممەت ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى مۇلازىمنى چاقىرىپ سوراپتۇ:
-ئاشخاناڭلاردىكى تاماقلار بەك قىممەت ئىكەن، ئەرزانراق تامىقىڭلار يوقمۇ؟
رىزۋانگۈل 0995 ھەدەم ئۇ ئادەمگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
ئەپەندىم، ئاشخانىمىزغا تۇنجى كېلىشىڭىز ئوخشايدۇ، ئۇنداق بولسا ئاشخانىمىزنىڭ ھەقسىز تائاملىرىدىن تېتىپ باقامسىز؟
ئۇ كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇشال بوپ كېتىپتۇ:
-ئەلۋەتتە بولىدۇ!
رىزۋانگۈل 0995 ھەدەم ئاشپەزگە قاراپ :
بۇ ئەپەندىمگە بىر قاچا مەنتەڭ!
نازىنە ھەدەمگە:
نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرىنازىنە ھەدەم داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قانچە بىمارنى يىغىپ، ئۇلارغا بىر ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ دەپتۇ:
— بۇ بىر پىكاپ، ھەممىڭلار پىكاپقا چىقىڭلار!
بىمارلار بىر–بىرىگە قارىشىپ قويۇپ، مىدىر–سىدىر قىلماپتۇ، بۇنى كۆرگەن دوختۇرنازىنە ھەدەم داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، خۇشال ھالدا يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ:
— نېمىشقا پىكاپنى ھەيدەپ ماڭمايسىلەر؟
ساراڭلار :— ھېچقايسىمىزنىڭ پىراۋىسى يوق!
سۇمرۇغ ئاكامغا :
سۇمرۇغ دوختۇر غالجىر ئىت چىشلىۋېلىپ نېرۋىسىدىن ئاداشقان مىليونېر بىماردىن سوراپتۇ:
— بۈگۈن مىجەزىڭىز قانداقراق؟
— ماڭا قەغەز–قەلەم بېرىڭلار.
سۇمرۇغ ئاكام : — ۋەسىيەتنامە قالدۇرامسىز نېمە؟
— ياق! چىشلەيدىغانلىرىمنىڭ تىزىملىكىنى يېزىۋالاي.
ب م ۋ ئاكامغا:
دادىسى سىرتتىن باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈز–كۆزى كۆكىرىپ قايتىپ كىرگەن ئوغلىدىن سوراپتۇ:
— مەن ساڭا دېدىمغۇ، ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئونغىچە سانا دەپ، يەنە خەقنىڭ بالىسى بىلەن ئۇرۇشتۇڭما؟
ب م ۋ ئاكام: — مەنغۇ ئونغىچە سانايتتىم، بىراق ھېلىقى شۇمنىڭ دادىسى بەشكىچە سانا دەپتىكەن.
چاق چىقىمدىن خاپا بولماڭلار جۇمۇ !!!
ھەممىڭلار غا يازماقچى ئىدىم ،لېكىن تاپشۇرۇق ....شۇڭا يازمىغانلار خاپا بول ماڭلار !!!
ئىسمى چىقمىغانلار چىققانلار دىن تاپشۇر ۋېلىڭلار !!!
مەنبە :خاتىرەمگە ساقلىۋالغانلىرىمنى ئۆزگەرتىپ ياز غان!!!