almas8888 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 05:04 PM
بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز يىراق قەدىمى زامانلاردىن بۇيان ت ...
840-يىللاردىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىللىرى غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، دىيارىمىزدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىچكى نىزاھىدىن پايدىلىنپ،يەرلىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ ،دىيارىمىزدائۇيغۇر خانلىقنى قۇرغان.
ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن،مىلادىيە 3-ئەسىردىلا غەربىي دىڭلىڭلار(ئۇيغۇرلانىڭ ئېتىنىڭ مەنبەلىرنىڭ بىرى)شىمالىي شىنجاڭدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
مىلادىيە490-يىلى قاڭقىللار(ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىنىك مەنبەلىرنىڭ بىرى)بۇگۈنكى تۇرپاندا قاڭقىل خانلىقنى قۇرغان.
ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىمۇ بۈگۈنكى شىمالىي شىنجاڭ رايونىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالغان ئىدى.840-يىلى ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار خانزادە پانتېكىننىڭ باشچىلىقىدا خانلىقنىڭ غەربى زېمىنى قوچوغا كېلىپ قوچو ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان،يەنە بىر قىسمى ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ شۇ جايدىكى قارلۇقلار بىلەن بىرلىكتە قاراخانىيلار سۇلالىسنى قۇرۇپ چىققان.
بىر مىللەت ئۆز زېمىنىدا ئاستەنىسىنىڭ ئورنىنى يۆتكىشى قانداقىسغا كۆچۈش ھېسابلىندۇ؟ئەلۋەتتە تارىم بويلىردا ياشىغان قەدىمقى ساك،توخار قاتارلىق قەبىلەلەرمۇ ،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم يەنە بىر ئېتىنىك مەنبەسى ھېسابلىندۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 06:29 PM