DILKASH يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 02:15 AM
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت، مەن شەھرى ئۈرۈمچىدە ئەمەس، ...
داۋاملىق باشقىلارنىڭ تەھلىل،باھالىرىنى ئاڭلاپ ئۆتىمىزمۇ، شىنجاڭ پۇتپۇلچىلىقى تەرەققى قىلسا، ئەلۋەتتە كۆپلەپ پۇتپۇل ئوبزورچىلىرىغا ھاجىتىمىز چۈشىدۇ، ياراملىق پۇتپۇل ئوبزورچىسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەنسىز، تېخىمۇ تىرىشىپ، مۇشۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن،
مەن چۈشەنمىگەن ئىككى نۇقتا: ‹新疆海棠›نى شىنجاڭ تاشئالما كوماندىسى دەپ ئالامدۇق تاكى شىنجاڭ خەيتاڭ كوماندىسى دەپ ئېلىۋىرەمدۇق؟تورلاردا ھەر خىل ئاپتۇ، بىر نامنى ئۆلچەملەشتۈرۈشىمىز كېرەكمۇ، قانداق؟
يەنە بىرى ئالۋاستى مەيدان دېگەن قانداق گەپ؟
ئاخىرىدا شەخسى بىر گەپ، باش سۇرىتىڭىز ماڭا بەك ياقتى، شۇنداق تەمكىن، ئېغىر بېسىق، تارىختىكى قابىل ھۆكۈمرانلىرىمىزنى ئەسلەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى تىمىلارغا بەرگەن ئىنكاسلىرىڭىزغىمۇ دىققەت قىلدىم، باش رەسىمدىكى ئادەمنى ئەيمىندۈرىدىغان ھالىتىڭىزگە ئوخشاشلا ئىنكاسلىرىڭىزدىكى ئۆتكۈر كىنايە، چوڭقۇر پىكىرلەر كىشىنى قايىل قىلىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-16 09:52 AM