Abdul يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 01:33 PM
سىزنىڭ مىللىتىڭىز نېمە ؟
مەن مۇسۇلمان،مىنىڭ مىللىتىم ئۇيغۇر! كەچۈرۈڭ، بىزنى پەيغەمبىرىمىز مىللەتچى بولۇشقا ئەمەس،ئۈممەتچى بولۇشقا دەۋەت ئەتكەن... گەپ ئېنىق بولسۇن، مەن بۇ يەردە مىللەتنى چەتكە قاقمىدىم، مەن مىللەت دېسە تىك تۇرىدىغانلاردىنمەن، ھەم دىنىم ئۈچۈن جىنىمنى قۇربان قىلىشقا تەييارمەن،مانا مۇشۇنداق. بۇ دۇنيا يارىلىشى مىللەت ئۈچۈن ئەمەس دىن ئۈچۈن يارالغان، پىكىرىڭىز بولسا قۇرئانغا كۆز يۈگۈرۈتۈڭ. شۇڭا دىنىمنى مىللىتىمدىن ئۈستۈن كۆرىمەن،ھەم مىللىتىمنى چىن ئىخلاسىم بىلەن سۆيىمەن! دىن بىلەن مىللەتنى ئايرىمايمەن،چۈنكى دىن يوقالسا ئۇيغۇر تامامەن تۈگىشىدۇ.ياشىغاننىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. مىللەت يوقالسا خاسلىق يوقىلىدۇ، مەدەنىيەتمۇ يوقىلىدۇ،بۇ ھالدا بىر يىتىمغا ئوخشاپ قالىمىز... شۇڭا ئىككىلىسى تەڭ مەۋجۇت بولىشى لازىم. ئىسلامىيەتنىڭ قوينى بەك كەڭرى، ئۇيغۇرنى سىغدۇرالماسلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمەن! ئۇيغۇر ھەم ئاقكۆڭۈل،كەڭ قورساق مىللەت، ئىسلامنى پاتۇرماسلىقى ھەم ئەقلىمگە سىغمايدۇ. بۇ يەردە ئىش تېرىپ يۈرگەن پەقەت ئاز بىر قىسىم ئىچى يامان ياكى سۇخەنچىلىككە ئادەتلىنىپ قالغان كىشىلەر ئۆز ھىسياتلىرىنى تەپەككۇرغا ئارلاشتۇرىۋېلىپ جەڭگە-جىدەل تېرىۋاتىدۇ...
كاللىمىزنى سىلكىيلى ئەي قەۋىم! مىللەتچىلىك بىلەن خەلىپىلىك ئۆرۈلدى! مىللەتچىلىك بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدا بىز بىلەن قان كېچىپ كۆرەش قىلغان قازاق،تاتار،ئۆزبەك دەيدىغان تۈركىي قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئاداۋەتلىشىپ يىراقلاشتۇق ! مىللەتچىلىك تۈپەيلى 1000 يىل بىزگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولغان ئىسلامىيەتنى يەكلەپ قويدۇق... يۇرتۋازلىق، ئابرويۋازلىق،ھەسەتخورلۇق تۇپەيلى مۇناپىقلار ئەدەپ كەتتى ۋە بىر-بىرىمىزنى نۇمۇس قىلماي ئازغىنا دۇنيا ئۈچۈن چاقىدىغان بولۇپ كەتتۇق... قىنى ئۇيغۇردىكى مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقلىرى؟ قېنى ئۇيغۇردىكى ئەنئەنە؟ قېنى ئۇيغۇردىكى ئىززەت-نۇمۇس؟(ھەممە ئادەمگە تەككەتمىسۇن. كۆپ قىسىم قېرىنداشلار جان كەتسىمۇ يەنىلا ۋىجدانى بىلەن يۈرىۋاتىدۇ...)