anatil8 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 12:35 PM
خارسەن ئەپەندىم،بۇنداق دىسەم خاپا بولماڭ،مەن مۇشۇ ھۆس ...
ھۆسىن خەتلىرىمىز تېخى باشقىلار ياقتۇرمىغىدەك دەرىجىدە خارلىشىپ كەتمىگەندۇ ؟ بەلكىم چۈشەنمەيدىغانسىز ، چۈشەنمەيدىغانلار باردۇ ، مۇشۇ ھۆسىن خەتلىرىمىز ، سىز قۇيۇۋالغان ئاۋۇ ‹‹ ئانا تىل ›› دىگەندەك ئارتۇقچىلىقلىرىمىز بولغاچقىلا مۇڭغۇللاردەك ، مانجۇلاردەك باشقا مىللەتلەرگە ئاسسىلىماتسىيە بۇلۇپ كەتمەي گەرچە چېچىلاڭغۇراق بولساقمۇ ‹‹ ئۇيغۇر ›› دىگەن ئىسىم بىلەن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتىمىز .
بۇ كەسىپ سىز دىگەندەك بازارلىق كەسىپمۇ ئەمەس ، مەستانىلىرىمۇ كۆپ ئەمەس ، چۈنكى تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىغى بىزنى سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنالماس قىلىۋەتتى ،
چۈشەنسىڭىز خەتتات - قۇربانلىق بەرگۈچى ، خەتتاتلار ئەمگىگە چۇشلۇق ھالاۋەتكە ئېرىشەلمەيدۇ ،ھىچقانچە ئىقتىسادى قىممەت يارىتالمايدۇ ، خۇددى داڭلىق خەتتاتىمىز نىياز كېرىم شەرقى ئەپەندى ئېيىتقىندەك ‹‹ مەنىۋى جەھەتتىن بايمەن ، لىكىن ماددى جەھەتتى يەنىلا كەمبىغەلمەن ››
مەن تېخى سىزنى قۇيۇۋالغان ئىسمىڭىزغا قاراپ خېلى مىللەت سۈيەر بالا ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ،
خاتالاشقان ئوخشايمەن ، ئۈزىمىز ياقتۇرمايدىغان تېمىغا كىرمىسەك بولىدۇ ، لىكىن ئىنكاس يېزىپ باشقىلارنىڭ قىزىقىشىغا سوغۇق سىپىشنىڭ نىمە زۈرۈرىيىتى بار ؟
تۇرسۇنجانكا ، تىرىشچانلىغىڭىزغا ھەقىقەتەن قايىلمەن ، قەلىمىڭىز ھارمىسۇن !