gvlqay يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 06:00 PM
بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ گۈلچاي قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ كەتتىغۇ ...
ساختا بولسىغۇ نىمە ئۇنسە ئۇنەتتى توردىشىم .
قارىغاندا ساختىپەز ئەبلەخلەر گۈلچاينىڭ خام ئۇرىغى ياكى گۈلچاينىڭ ئۇرىغىغا ئوخشايدىغان باشقا نەرسىلەرنىڭ ئۇرىغىنى قوشنىڭىزغا ساتقان ئوخشايدۇ .
ئىسلام دىندا ھىلىغۇ ئۆسۇملۇكلەرنىڭ خام ئۇرىغى ئەمەس ، پىشمىغان خام مەھسۇلاتلىرىنىمۇ سېتىش چەكلەنگەن .
ھەي ! مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىغا قاراپ تۇرپ ئاللاھدىن ھىيىقماي ساختا ئۇرۇغ سىتىپ جىننى بىقىۋاتقان ئەبلەخلەر قىرىنداشلىرىڭغا ساختا ئۇرۇغ سىتىپ خەجلىگۇچە، خوتۇن-باللىرىڭلارنى سىتىپ خەجلىسىەڭلەرچۇ ؟
دۇنيادا دىھقانلارنى مەسخىرە قىلشتىن، كەمسىتىشتىن ، ئەخمەق قىلشتىن ئارتۇق ئىغىر جىنايەت يوق .
دىھقانچىلىق كەسپى ئەزىلىگىدىن ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھۆرمەتلىك بولغانلىقتىن قانداقكى بىر مۇسۇلماننىڭ ھەر قانچە ئىغىر جىنايەت ئۆتكۇزۇپ تاپقان پۇلىنى، ھەتتا پاھىشە كەسپى بىلەن شۇغىللىنىپ ئىغىر جىنايەت سادىر قىلش بەدىلىگە تاپقان پۇلىنىمۇ شۇ تاپقان پۇلىنى پەقەت بىرلا يول بىلەن يەنى دىھقانچىلىق قىلش يولى بىلەنلا پاكلىيالايدۇ .
قوشنىڭىزغا زىيان بولغان 2000 يۈۋەنغۇ ھىچ گەپ ئەمەسقۇ ئەمدى . بىرەر قوينىڭ پۇلىسىكەن ھەممىدىن ئىغىر بولغىنى ، ھىلىقى ساختا گۈلچاي تىرىغان يەرلەرنىڭ بىر يىللق كىرىمى ۋە ئەمگەك كۇچى زايە بولۇپ كىتىپتۇ .
قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ،يەنە بىر تىرشچانلىق كۆرسىتىپ ، قايتا بىر تىرىياي دىسە گۈلچاي تىرىدىغان پەسىل ئۆتۇپ كەتكەن تۇرسا ، يا ئەتىياز پەسلىنى كەينىگە ياندرۇرغىلى بولمىسا.