stars0998 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-16 09:38 PM
مىيىپلار جەمىيىتى شەكىللىنىپ قالمىغاندۇ ھە؟ ھازىر ئاد ...
قېرىندىشىم، ھازىر مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرمەيۋاتامسىز؟ يۇقارقى مۇلازىمەتلەر تەرەققىي قىلغان، چوڭ شەھەرلەردە ئۇمۇملاشقىلى تۇردى. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشى، خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىشى بىلەن كىشىلەر ئامالسىز شۇنداق مۇلازمەت كەسىپلىرىگە ئېھتىياجى چۈشمەكتە.
ئاشخانىلارنىڭ تاماق ئاپىرىپ بېرىش مۇلازىمىتى كۆپ يەرلەردە ئەمەلىيلىشىپ بولغان. مەن ئوقۇغان مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىغا تېلپون قىلىپ تاماق ئەكىرگۈزەتتى. مېنىڭ ياتاق بىنارىمدا 1، 2، 3- قەۋەتتىكىلەر ئۆزى چۈشۈپ تاپشۇرۇپ ئالاتتى، 4، 5- قەۋەتتىكىلەر بولسا، ھەربىر ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن بىردىن ئارغامچا ئۇزۇتۇغلۇق، ئارغامچىنىڭ ئۇچىغا بىر كىچىك سىۋەت بار، تامقنى ئېلىپ كېلىپ سېۋەتكە سېلىپ قويىدۇ. ئۈستۈنكى قەۋەتتىكىلەر تارتىپ چىقىرىپ يەيتى.
بىزدىكى ئىقتىساد ئېڭى كۈچەيسە، تېمىدا دىيىلگەندەك ئېچىلمىغان ساھەگە بۆسۈپ كىرىپ، بازارنى كېڭەيتەلەيمىز. «شۇنداق مۇ ئىش بولامدۇ، خوشۇم يوق» دەپ ئاتا ئانىمىز بەرگەن پۇلغا تورغا چىقىپ قۇرۇق پاراڭ سېلىپ ئولتۇرساق ھېچكىم بىزگە بىكاردىن پۇل بەرمەيدۇ.