مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 653|ئىنكاس: 6

ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩلار ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ زور ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14215
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3339 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 05:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                  ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩچلار ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ زور ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪۇ؟

  دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻘﺎ، ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى.
ﺑﺎزار - رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ. ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ، ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﻰ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﺎزار رﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ، ﺷﺎﻟلاش ۋە ﺗﺎﻟلاﺷﺘﯩﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘلاﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﯘش ﺗﯜزۈﻟﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﯩلار ﺋﯩﻠﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻗﻪررەر. ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟلاردا ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﯜرى 2.5 ﻳﺎش ﺋﯩﻜﻪن.
رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟلاﻳﺪۇ. ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﺟﻪرﻳﺎﻧﺪا راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ «ﺋﯩﺨلاس»، «ﺋﺎرﻣﺎن»، «ﺋﺎﻣﯩﻨﻪ»، «ﮔﯜﻟﻴﯜرەك»ﻛﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ «ﺳﻪرﻛﻪ» ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلار ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﻟﯘش ﺗﯜزۈﻟﻤﯩﺴﻰ، ﺑﺎﺷﻘﯘرﻏﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﺑﯩﻠﻪن 17- ﻣﺎي ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ «ﺋﯩﺨلاس» ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎش دﯨﺮﯦﻜﺘﻮرى روزاﺧﯘن ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﻰ زﯨﻴﺎرەت ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ.

«ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﺘﺎ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﭼﯩﺪاش روﮬﯩﻲ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ»

روزاﺧﯘن ﺋﺎﺗﯘش ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮى ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﺟﺎۋاب ﺑﻪردى:
-- ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎراﺗﻘﯘﭼﯩﺪا ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎﭘﺎدﯨﻦ ﻗﻮرۇﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ روﮬﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺗﯜرﻛﯩﻴﻪ «ﺋﯜﻟﻜﻪر» ﮔﯘرۇﮬﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘرﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺳﻪﺑﺮى ﺋﯜﻟﻜﻪرﻧﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 86ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. 70 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﻪ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 17ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﯩﻜﻪن. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە «ﻣﻪن ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﺪە دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪن» دەپ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ. دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯘ ﺗﺎﻛﻰ 80 ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ 12ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚز ﻗﺎرﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ زاۋۇﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯩﺸﭽﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﯩﻜﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺋﯘﺗﯘق ﻗﺎزاﻧﻐﺎن ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩلارﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻐﺎ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪش ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ ﺟﺎﭘﺎدﯨﻦ ﻗﻮرۇﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ روﮬﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪن، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎراﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯩﺸلاردا دۇرۇس ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ﺗﯩﺠﺎرەﺗﺘﻪ دۇرۇس، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﮬﺎﻣﺎﻧﻰ ﺑﻪرﺑﺎت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎراﺗﻘﯘﭼﯩﺪا ﺗﻪۋەﻛﻜﯘﻟﭽﯩﻠﯩﻚ روﮬﯩﻲ ۋە ﻳﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﺎﺳﺎس ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﻪﻣﺒﻪرﭼﺎس ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻠلار ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ رﯨﻘﺎﺑﻪت ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮەﻟﻤﻪﻳﺪۇ.
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎراﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺋﯘﺳﻠﯘب ۋە ﻳﻮل ﻳﺎرﯨﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﺗﯘق ﻗﺎزاﻧﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺧﺎس ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘﮬﯩﻢ.
ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺗﯜرﻟﯜك ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻗﺎرﯨﺸﻰ، ﺗﻮﻏﺮا رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺋﯧﯖﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺑﻪل ﻗﻮﻳﯘۋەﺗﻤﻪي ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﻪش روﮬﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. ﺷﯘﻧﺪﯨلا ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﯩﺪەك ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺑﺎزار رﯨﻘﺎﺑﯩﺘﯩﺪە ﭘﯘت ﺗﯩﺮەپ ﺗﯘرالاﻳﺪۇ، ﮬﻪﻣﺪە ﺗﯧﻨﯩﻤﺴﯩﺰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪۇ.

ﺋﯩﺸﭽﻰ - ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﻮزﻏﺎش ﻛﯧﺮەك؟

دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﻪﻣﺴﯚﮬﺒﻪت ﺑﻮﻟﯘش داۋاﻣﯩﺪا ﺷﯘﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﻰ - ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘﺳﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚۋەﻧﻠﯩﻜﻰ، ۋاﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﮔﻪپ - ﺳﯚزﺳﯩﺰلا ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﺷلاپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلار ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮزﻏﺎپ، ﺋﯩﺶ ﺋﯜﻧﯜﻣﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﻛﯚﺗﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ روزاﺧﯘن ﺋﺎﺗﯘش ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى:
-- ﺑﯘ ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩلار دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن رﯦﺌﺎل ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ. ﮬﺎزﯨﺮ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪەك ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎش ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺋﻮرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﯩﺘﻮدﯦﻨﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮاق ﺋﯘلار ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ »ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﻮرۇن، ﺧﯘﺟﺎﻳﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠلاﭘلا ﮬﻪﻳﺪﯨﯟﯦﺘﻪﻟﻪﻳﺪۇ» دەپ ﻗﺎراپ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﺋﺎز - ﺗﯘلا ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ، ﻳﻮل ﺗﯧﭙﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨلا، ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﯜﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸلار ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮى ﻳﻪﻧﻪ ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳلا ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧلار، ﺋﯘلار ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪي، ﺋﻪﮔﻪر ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺧﯘﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻢ ﻗﻪدرﯨﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎم، ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎلاﻳﻤﻪن» دﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻳﺪۇ. «ﺋﯜﻟﻜﻪر» ﮔﯘرۇﮬﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘرﻏﯘن ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە «ﺋﯜﻟﻜﻪر»دە ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜر ﺟﺎن ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪر ﺑﺎر، ﺑﯩﺮاق ﺑﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪردﯨﻦ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜر ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧلا ﻳﻮق دﯨﻴﻪرﻟﯩﻚ.
ﺑﯩﺰ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩلار ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻧﯘرﻏﯘن ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘردۇق. ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﺪە، ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ۋەزﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﺎل ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﯚرﻟﯩﺪى، ﺷﯘﯕﺎ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلارﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎس ﮬﺎﻟﺪا ﻣﺎﺋﺎش ﺋﯚﺳﺘﯜرۈﺷﻰ، ﺋﯩﺸﭽﻰ - ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻰ ۋە ﭘﺎراۋاﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗلاش ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻰ، ﮬﯧﻴﺖ - ﺑﺎﻳﺮام ۋە دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮرۇﻧلاﺷﺘﯘرۇﺷﻰ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ زﯨﺘﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺪﯨﻐﺎن، ﮬﺎﻗﺎرەت ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮدﯨﻜﻰ ﮔﻪپ - ﺳﯚزﻟﻪردﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰزەت - ﺋﺎﺑﺮۇﻳﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮەك، ﺷﯘﻧﺪﯨلا ﺋﯩﺸﭽﻰ - ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، دﯦﮕﻪن ﺋﻮرﺗﺎق ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪۇق ۋە ﺑﯘﻧﻰ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪن ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯘق.
ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﯨﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻦ زاﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ

دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلارﻏﺎ ﻧﻪزەر ﺋﺎﻏﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩلا ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﯨﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎن. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺷﯩﺮﻛﻪت ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە، ﺑﯩﺮﻗﻪدەر زاﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻲ ﺷﯩﺮﻛﻪت ﻗﯘرۇش ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎن. ﻣﻪن روزاﺧﯘن ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ «ﺋﯩﺨلاس» ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺳﻮرﯨﻐﯩﻨﯩﻤﺪا، ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى:
-- ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﯩﯖﯩﺰدەك ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰ 2001- ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﻟلا ﺑﺎزﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﻪردە ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﯨﻲ ﺷﯩﺮﻛﻪت ﺋﯩﺪى. ﺋﯘ ۋاﻗﯩﺘلاردا ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚپ ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎددﯨﻲ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰلا ﭼﺎﭘﺎﺗﺘﯘق. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮدا ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﻘﯩﺪا ﺑﻮﻟﺪۇق، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﻧﺪۇق، ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﺪۇق. ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭘﻪﻟﻪﻣﭙﻪي ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺗﯜزۈﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﭗ، ﺗﯜرﻟﯜك ﮬﺎﻟﻘﯩلار ﻗﯩﻠﯩﭙلاﺷﺘﻰ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﻰ. ﮬﻪر ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮى ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ۋەزﯨﭙﯩﻠﻪر ﻗﺎﺗلاﻣﻤﯘ ﻗﺎﺗلام ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى.
دۆﻟﻪت ﺋﯩﭽﻰ ۋە ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻏﺎ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﻧﯘرﻏﯘن داﯕﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﯨﻲ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، دۇﻧﻴﺎۋﯨﻲ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺧﺎﺗﺎ دﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺋﻮﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪۈرۈپ، دۇﻧﻴﺎۋﯨﻲ ﺋﯘﺗﯘق ﻗﺎزاﻧﻐﺎن ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﺎ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇرۇش.
دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلارﻧﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰدا، ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺗﯜزۈﻟﻤﯩﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺋﺎرﻗﯩﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاﻗلا ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪن ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﯧﺘﻪرﺳﯩﺰ، ﺑﺎر دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺋﯘزۇن ۋاﻗﯩﺖ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﯩﺴﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪۇ.
»ﺋﯜﻟﻜﻪر «ﮔﯘرۇﮬﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪڭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻳﯧﺮى ﺋﯘلار ﺋﯩﺸﭽﻰ - ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﻠﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻠﻪش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ. ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ۋەزﯨﭙﻪ داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪپ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﺋﯩﺸﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺷﺎﻟلاﻳﺪۇ. ﺷﯘﯕﺎ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻏﺎ ﻳﯜزﻟﻪﻧﮕﻪن دۇﻧﻴﺎۋﯨﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ، ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯟﯨﻴﻠﯩﻜﺘﯩﻦ دۇﻧﻴﺎۋﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎراپ ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك.

ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﮬﻠﯩﻞ

راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻐﺎ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﯘﺷﯘپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ. روزاﺧﯘن ﺋﺎﺗﯘش ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪاق دﯦﺪى:
-- ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﻮﻧﻨﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻤﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩلار ﺑﻪس - ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﺪە ﮔﻪرﭼﻪ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻳﻮﻟﺪا ۋەﻳﺮان ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﮬﯟاﻟلار ﻛﯚرۈﻟﯜپ ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ، ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻳﯜزﻟﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎت ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﺪاﻗلا راﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎن روﻟﻰ زور ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪردە ﻧﯘرﻏﯘن زﯨﻴﺎرەﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘش داۋاﻣﯩﺪا دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎرﻗﯩﺪا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﻳﻪردە ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮڭ ﺑﻮﺷﻠﯘق ﺑﺎر. ﺑﯩﺮاق ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﯧﻤﻪك - ﺋﯩﭽﻤﻪك ۋە ﮔﯩﺮﯨﻢ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﮬﺎدﯨﺴﯩﺴﻰ ﻣﻪۋﺟﯘت. ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق، ﺋﯘﻧﯩﯖﺴﯩﺰﻣﯘ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ۋە ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﻧﯘرﻏﯘن ﺗﯜرﻟﻪر ﺑﺎر.
ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺴﯩلا ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻠﻰ، ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺳﻮدﯨﺪا ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩلارﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎي، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻣﺎرﻛﺎ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻧﺪﯨلا، ﺷﯘ ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﺎزاﻧﻐﯘﭼﯩﺪۇر.
ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا ﺋﯚز - ﺋﺎرا ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺶ، ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﯘرۇش، ﺳﻮدﯨﺪا ﮬﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ. ﻛﻮﻧﯩلاردا « ﺑﯘﻏﺪاي ﻧﯧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘﻏﺪاي ﺳﯚزۈڭ ﻳﻮﻗﻤﯘ» دەﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ ﺑﺎر، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﺎددﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎردەم ﻗﯩلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدﯨﻤﯘ، ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚز ﺋﺎرا ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻳﺪا ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩلار، ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﻗﻮرۇش ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﯘﭼﯩلار ۋە ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻠﻪر ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﯩﭗ، دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ، دۇچ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮى ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﺳﺎق ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ.
دەرۋەﻗﻪ، روزاﺧﯘن ﺋﺎﺗﯘﺷﻨﯩﯔ رﯦﺌﺎل، ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﺮى ﻣﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳلاﻧﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﺪى. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﯘلاﮬﯩﺰﯨﻠﻪر ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩلار ۋە ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﻗﯘرۇش ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎن «ﺋﻪزﯨﻤﻪت»ﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎز ﺗﯘلا ﻧﻪپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﻪﺟﻪپ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا دﯨﻴﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮى، ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻠﻪر ۋە ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪش ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﯘﭼﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪاﺷﻤﻪن.


مەنبە :«ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻗﺎﻧﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Jim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 05:05 PM  


ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 3256
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5629
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 3217 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 09:45:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارخانلار ئۈچۈن ئىناۋەت ئەڭ مۇھىم بولسا كېرەك .

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

فورمات

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74255
يازما سانى: 1287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:21:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58220
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4010
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فورمات ئاداش ماڭا ساجىيە تورىنىڭ ئادرىسى بەك لازىم بۇلۇپ قالدى.ھەممىڭلارنى ئاۋارە قىلدىم .ئەۋەتىپ بەرسىڭىز

ھەربىر كۈنىنى خۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58858
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4250
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 10:41:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھېس قىلغان يەنە تولۇقلاپ قويۇشقا تىگىشلىك ئۈچ نۇقتا، مەيلى كىچىك  تىجارەت بولسۇن، ياكى دۇنياغا يۈزلەنگەن چوڭ كارخانا بولسۇن ئۇچۇرغا بەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرمىگەندە بۈگۈن ئەتىۋاربولغان، بازارلىق تاۋارنىڭ ئەتىلا  تۆكمە بولۇپ، باھاسى چۈشۈرۈلۈپ سېتىلىشى مۇمكىن. بۈگۈن ئامباردا توپا بېسىپ ياتقان تاۋارنىڭ ئەتىلا ئالقىشقا ئېرىشىپ، تىجارەتچىگە بايلىق يارتىىپ بېرىشى مۇمكىن.
يەنە بىرى، يېڭىدىن بازار ئېچىش، باشقىلار قىلمىغاننى قىلىش كېرەك. ھەممە ئادەم بىر ئىشقا توپلىشىۋالغاندىن كۆرە، سەزگۈرلۈك بىلەن بازار كۆزىتىپ، يېڭى يول ئىزدەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بۇ يەنىلا ئۇچۇرغا تايىنىدۇ.
  ئاخىرىقى بىرى، چوقۇم خېرىدارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش كېرەك. نۇرغۇن تىجارەتچى-كارخانىچىلار خېرىدار يېرىم خۇدا، دەپ كېتىشىدۇ، بىراق كۆپ ھاللارداد بۇ پەقەت ئېغىزدىلا، شۇئار تەرىقىسدە دېيلىدۇ. ئەگەر ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ياكى ئۆزى سېتىۋاتقان تاۋارلارنى ھەقىقى تۈردە خېرىدارلارنىڭ ئىھتىياجى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ماسلاشتۇرسا، ئەلۋەتتە، تىزلا ئىشەنچكە ئېرىشىپ، تېخىمۇ تەرەققى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكلى بولىدۇ.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-17 10:46 PM  


ھەربىر كۈنىنى خۇشال-خۇرام، مەنىلىك ئۆتكۈزەلىگەنلەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلاردۇر!
   تاپقاق تورى، ئۈن-سىن تورى، تاپقاق ھەممىنى تاپىدۇ!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10841
تۆھپە نۇمۇرى: 410
توردا: 1454 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-17 11:20:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
foormat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-17 10:21 PM
مەن ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ئىزدىنىۋاتقىلى شۇنچە يىل بو ...

مەن دەل مۇشۇنداق مەسلىھەتكە موھتاج ، مېنىڭچىمۇ ئۇنداق باي بولۇش بۇنداق ئېگىلىك تىكلەش قاتارلىق قۇرۇق گەپلەرنى جىق ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق ، ئاشۇنداق گەپلەرنى قىلغانلار ياكى ئاشۇنداق كىتاپلارنى يازغانلار ئەمىلىيەتتە ئۆزى ئىشتىنى تىزىدىن ئاشمايدىغان نامرات بولۇشى مومكىن ، بۇنداق مەسلىھەتلەرنى كىتاپتىن ئەمەس بەلكى ئۆز ئەتراپىدىكى غەلبە قازانغانلاردىن  ۋە موھىتتىن ئىزدەش كېرەك .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14019
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-18 08:34:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   1. قول ئاستىدىكى ئادەملەرنى كەسپى جەھەتتىن ياخشى تەربىلەش.
    2. قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ھىسيات ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولۇش.
   3. قول ئاستىدىكىلەرنى كۆپ ئىشلەتسىمۇ ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى كۆپ بىرىش.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش