تىما ئىگىسى ، ئۈجمە توغرىلىق ساۋات بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . لېكىن تىما مەنبەسى ئېچىلمىدىغۇ؟
يۇرتىمىزدا ئۈجمە پىشىپ ، ھازىر ئاياقلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ . ئۈجمىنىڭ پايدىلىقلىقىنى بىلىپ ، كۈندە دىگۈدەك يىدىم .
بۇ تىما ئارقىلىق پايدىلىق تەرەپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىۋالدىم .
ھازىر يۇرتىمىزدا ئۆرۈك پىشىشقا باشلىدى . ياز كىرىپ تەبىئى چىققان بىدىدە بىدە تاماقلىرىنى يىيىشتىن باشلاپ ، ئۈجمە يىدۇق ، ئەمدى ئۆرۈك يەيمىز . ئەمدى قۇغۇن تاۋۇز يەيمىز . ھەممە مىۋىنى ئۆز پەسىلدە ئۆز تەمىدە يىسە ئادەمگە بەكرەك پايدا قىلىدۇ .
مۇشۇ چوڭ شەھەرلەردىكىلەر ئۈجمىنى سېتىۋېلىپ يەيدۇ . لېكىن بىز دەرەخ شاخلىرىدىن ئۆز قۇلىمىز بىلەن ئۈزۈپ يەيمىز !ھى ھى ھى ......ئاغزىمغا سېرىق سۇ يىغىلىپ كىتىۋاتىدۇ دىسە..