ھەر يىلى ئاز دىگەندە 20يەھۇدى ئىسلامغا كىرىدۇ
نۇر ئىسلام تورى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە «Yedioth Ahronot» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىغا ئاساسلانغاندا، قۇددۇس (ئېرۇسالىم) تەتقىقات مەركىزىدىكى مەخسۇس ئىسرائىلىيەنى تەتقىق قىلىدىغان ئىسھاق تىر پراففىسسورنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا:«ھەر يىلى ئاز دېگەندە 20 نەپەر يەھۇدىي ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ» غانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
تىر پراففىسسور:«ئىسلامغا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا باشلىغان يەھۇدىي ئاياللار مۇسۇلمان ئەرلەر بىلەن توي قىلدى» دېگەن.
«Yedioth Ahronot» نىڭ ئاشكارىلىغان قىسمەن تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام تەشۋىقاتى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ تۇرمىشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان. ئىسرائىلىيە چېگرىسى ئىچىدە ئىسلامنى تەشۋىق قىلغۇچىلار ئۇزۇن ساقال قويغان بولۇپ، ئىسرائىلىيەدىكى يەھۇدىي ئەسلىيەتچىلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇلار يەھۇدىيلارغا يېقىنلىشىپ، مۇلايىملىق بىلەن يەھۇدىيلارغا ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلغان. ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلغۇچى بۇ خادىملار يەنە راۋان ئىبراي تىلىدا سۆزلىيەلەيدىكەن. بۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ يەھۇدىلار ئارىسىدا تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.
ئىسرائىلىيەدىكى ئىسلامنى تەشۋىق قىلغۇچى ئەبۇ ھەسەن:«ھەق دىن بولغان ئىسلامنى دۇنيا خەلقىگە تونۇتۇش مېنىڭ مەسئولىيىتىم، كىشىلەر ئۆزىنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكىدە ئۆزى قارار چىقىرىدۇ» دېگەن.
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەھۇدىيلارغا ئىسلامنى يەتكۈزۈش ئوتتۇرا شەرق ۋە ياۋروپالارنىڭ سۈنئىي ھەمرا قاناللىرى ھەمدە ھەر خىل ئىسلام مۇنبەرلىرى ۋە تور بېكەتلىرى تارقاتقان پروگراممىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
تىر پراففىسسور يەنە تولۇقلاپ:«ئىسرائىلىيەدە ئىبراي تىلى بىلەن ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش 30 نەچچە يىل ئىلگىرىلا بار ئىدى» دېگەن.
مەزكۇر گېزىت يەنە:«ئىسرائىلىيە قانۇنىدا باشقا دىنلارنى تەشۋىق قىلىشنى جىنايى قىلمىش دەپ بېكىتمىگەن چاغلاردا، ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش يەھۇدىيلاردا زور ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشمىگەن، ئەمما ئىسرائىلىيە قانۇنى دىننى تەشۋىق قىلىشقا بەلگىلىك چەكلىمە بېكىتكەن ۋە بىر قىسىم قانۇنلارنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان ئەھۋالدا ئۆزگۈرۈش بولدى» دېگەن.
ئىسرائىلىيەدىكى بىر ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن ئەبۇ ھەسەن:«مەن ئىسرائىلىيەدە ئىسلامنى تەشۋىق قىلىدىغانلارنىڭ ناھايىتى ئازلىقىنى بايقىدىم، شۇڭا ھەمرالىرىم بىلەن 'يېڭى مۇسۇلمانلار خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتى'نى قۇرۇپ، ئىسلامنى تارقىتىپ، ئىسلامنى تەشۋىق قىلغۇچى خادىملارنى تەربىيلەپ چىقتۇق، ئىبراي تىلىدا يېزىلغان ئىسلام تەشۋىقات ماتىرىياللىرى بار. ئىبراي تىلىدا يېزىلغان تەشۋىقات قوللانمىلىرى 'بەخت يولى' قاتارلىق ماتىرىياللار بولۇپ، كۆپ قىسىم مەزمۇنلىرىدا يەھۇدىيلارنى ئىسلامغا كىرىشكە دەۋەت قىلغان» دېگەن.
بۇنىڭغا قارىتا، « يېڭى مۇسۇلمانلار خەيرى-ساخاۋەت جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئىماد يونۇس:« ئىسلامغا كىرگەن كۆپ قىسىم يەھۇدىيلار ئاياللار، ئۇلار روسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپادىن كەلگەن يەھۇدىي كۆچمەنلەر» دېگەن.
ئۇ يەنە:«ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق پائالىيەتتە، يەنە 55 نەپەر يەھۇدىي ئىسلامغا كىردى، ئۇلارنىڭ 5 نەپىرى ئىسرائىلىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان» دېگەن.
بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن، يېڭىلا ئىسلامغا كىرگەن يەسىمەن خانىم:«ئىسلامغا كىرىشىمنى مۇسۇلمانلار ناھايىتى قارشى ئالدى، ئەمما ئاتا-ئانام قوشۇلمىدى، ئۇلار ماڭا بىز سەن بىلەن بىر يولدا ئەمەس دېدى، ھازىر ئىسلام بىلەن ئېرىمدىن باشقا ھېچنېمەم يوق» دېگەن.