oguz2 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 08:41 PM
ماقۇل بۇرادەر. ساۋساۋنى ئەمىسە ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈ ...
ئاتىلاردىن ماھمۇد قەشقەرى بىزگە « بىلىم ئۈگەن ، ئۈگەنگىنىڭنى ئەلگە تارات » دېگەن . مەن ئاز بىلسەممۇ سىزگە بۇ ھەقتە قىسقىغىنە چۈشەندۈرۈش بېرەي .
1. ساۋساۋ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ۋەزىرى . دوڭجوغا قارشى يۈرۈشتىن كېيىن ناھايىتى يۇقىرى ھەربىي ۋە سىياسىي ھوقۇققا ئىگە بولغان .
2. ساۋساۋ بىر ئۆمۈر ئۆزىنى ۋەزىر ئورنىدا قويۇپ شىمالىي ۋېي پادىشاھلىقى ھەربىي كۈچى بىلەن جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا يۈرۈش قىلىپ تارقاق ھەربىي كۈچلەرنى يوقاتقان . شەرقىي ۋۇ ۋە غەربىي شۇ پادىشاھلىقلىرى ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقى بىلەن قارشى تۇرۇپمۇ تەڭ كېلىپ بولالمىغان .
3. ساۋساۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئەۋلادلىرى تەرىپىدىن ۋېي ۋۇدى دەپ ئاتىلىپ ، خان سانالغان .
4. ساۋساۋ خەنزۇ كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىكى يېتۈك شائىر .
.................
يەنە سانىسام نۇرغۇن ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلسام بولىدىكەن ، ئىشقىلىپ ئوخشاش دەۋردىكىلەر ئارىسىدا « ئۆزۈڭنى ئەر سانىساڭ ، ياۋنى شىر سانا » ، ئۆزىمىزدىن بۇرۇنقىلارغا قارىتا تېگىشلىك ھۆرمىتى بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋالايلى .
ھەقىقەتكى ، ئاللاھ ئىنسانلارنى يارىتىشتا ئېنىق ئىرادە-تەقدىر بىلەن ياراتقان ، ھەرگىزمۇ ئەرزىمەس بەندىسىنى ياراتقان ئەمەس .