يالغان
ھەزەر ئەيلەڭ بىۋاپالاردىن ،
سىزگە كۆڭۈل بەرگىنى يالغان .
باغلىرىغا سىزنى كېلىدۇ دەپ ،
قىزىل گۈللەر تەرگىنى يالغان .
ئالدىڭىزدا ئالدايدۇ ئۆز دەپ ،
ئالامچە سەن تەنھا بىر توز دەپ .
سىزنى شۇڭا ئاتايىن ئىزلەپ ،
يىراقلاردىن كەلگىنى يالغان .
شەيتاننىڭ كەسپى ئىنساننى ئالداش ،
كۆزلىرىدىن تۆكۈپ يالغان ياش .
ئۇلاردا يوق ئاشىقىنى ئاياش ،
سىز ئۈچۈن كۇلا كەيگىنى يالغان .
بىۋاپادا ۋەدىلەر تولا ،
دۇتتارىدىن پەدىلەر تولا .
يالغان كۈلگەن تەنىلەر تولا ،
سىزگە قۇچاق كەرگىنى يالغان .
ئاپتور : مۇھەممەتجان راشىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-22 08:49 AM