مۇسابىقىنى نەخ مەيداندىن كۆرگەن ئىدىم . بىيجىڭ كۇماندىسى بىر توپ ئۇرغاندا كەيپىياتىم بەكلا چۈشۈپ كەتتى .. مەيداندىن چىقىپ كىتىشنىمۇ ئويلىدىم . لىكىن كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ نوقتا توپ ئۇرغان ۋاقىتتا ھاياجاندىن سەكىرەپ كەتتىم ،،،
كىيىن يەنە بىر توپ ئۇرغان چىغىدا بولسا تاس قالدىم 2 - قەۋەتتىن سەكىرەپلا چۈشۈپ باركاللا قىرىنداشلىرىم دىگىلى . ئەڭ ئاخرقى ۋاقىت توشقان چاغدىكى بىر توپ بەك قىززىق بولدى ، بىزنىڭ ماھىرىمىز ۋارتانىمۇ ئالداپ ئۆتۈپ بولغاندا رىپىر ئوپسايىت دەپ ھۆكۈم چىقاردى . ماھىرىمىز ۋاقىت توشقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارتانىڭ ئالدىغا توپنى توختىتپ قويدى . بىچارە ۋارتا نىم قىلشىنى بىلمەي توپنى كۈچەپ بىرنى تەپتى ، خۇددى بارچە ئەلىمىنى توپتىن ئالماقچى بولغاندەك .
. مۇسابىقە ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى ، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەركەكلىرىمىز ئۇتتى ، ھۇررا !! ھۇررا ! ھۇررا !!!! ! !