qiqakkiz يوللىغان ۋاقتى 2012-5-23 04:21 PM
بۇنداق ئويلاش مەن مۇسۇلمان دىگەن ئادەمگە ھەرگىزمۇ توغ ...
ئۇنداقتا مەن مۇسۇلمان دىگەن كىشى رىزقىمنى خۇدا بېرىدۇ، بالام تۇغۇلغاندا رىزقى بىلەن تۇغۇلىدۇ دەپلا ئاسمانغا قراپ ئولتۇرسىلا بولىدىكەندە؟ مۇسۇلمانلار خىرىس ئېڭى، رىقابەت ئېڭىغا ئىگە بولسا بولمايدىكەندە؟
رىزقىمىزنى ئاللاھ بېرىدىغانلىقى ئېنىق، ئەمما، رىزقىمىز قانچىلىك ئۇنى ئۇقمايمىز، لېكىن، ھەممە ئادەمنىڭ رىزقى ئىنتايىن كۆپ بولۇشى مۇمكىن. گەپ شۇ رىزقنىڭ ھەممىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە. «نامازدىن پارىغ بولغاندىن كىيىن، زىمىنغا تارىلىپ رىزقىڭلارنى ئىزلەڭلار»دىگەن ئايەت بار.
مەقسەتكە كەلسەك، ھازىرقى زامان رىقابەت دەۋرى، خرىسقا تولغا دەۋىر. 21- ئەسىردىكى كىشىلەردە، بولوپمۇ ياشلاردا خىرىس، رىقابەت ئېڭى بولۇشى كېرەك، «تۈنۈگۈن ئۆتمۈش،،،،، ئەتە سىرلىك، كەلمىگەن ئىشلار ئۈچۈن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق» دىگەندەك پاسسىپ، چۈشكۈن ئەقىدىدە بولۇش، ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرغا ياراشمايدۇ.
ياپونلارنى مىسال كەلتۈرەي:
1. ياپونلار دۆلىتىدىن بىرتال دەرەخنىمۇ كەسمەيدىكەن، چوكىنى جۇڭگۇدىن كىرگۈزىدىكەن، مەقسەت، دۆلىتىمىز جۇڭگۇدەك چۆلدەرەپ قالمىسۇن دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن، ئىشلىتىپ بولغان قەغەز چوكىلارنى يىغىۋىلىپ قەغەز ياساپ جۇڭگۇغا سېتىپ بېرىدىكەن.
2. ياپونلار جۇڭگۇدىن سېتىۋالغان كۆمۈرنى ئۇدۇللۇق دېڭىز بويىغا كۆمىدىكەن، كەلگۈسىدە جۇڭگۇ بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قالساق ياكى ئالىمادىس نېفىت توشۇش يوللىرىمىز ئۈزۈلۈپ قالسا دەپ ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن.
...................................
ياپونىيەدە خىرىس ئېڭى، رىقابەت ئېڭى، خەۋپ خەتەر ئېڭى بولغاچقىلا ئاشۇنداق تەرەققىي قىلالىغان.
«كۈندە 100 كوي تاپسا بولدى» دەپ ئولتۇرساق، ئاقىۋىتىمىز نىمە بولماقچى؟
بۇ تېما گەرچە ئىچكىرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى، كۈندىن كۈنگە ئېشىۋاتقان تۇرمۇش بېسىمىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ، بىزگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش.
شۇڭا، بىز قاتمال ئىددىيىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ئانچە مۇنچە ئىلغار پىكىرلەر بىلەن ئويلىنىپ باقساق پايدىسى باركى، ھەرگىز زىيىنى يوق.