aptap104 يوللىغان ۋاقتى 2012-5-24 07:10 PM
قىتان ئۇمۇ جەسۇر مىللەت ، بۇرۇنقىلار يەپ تۈگىتىۋىتىپ ، ...
قىتانلار ھەقىقەتەن جەسۇر مىللەت،چۈنكى ئۇلار شىمالىي جوڭگو ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكىدە بۈيۈك قىتان خانلىقىنى(لىياۋ سۇلالىسى) قۇرغان،لىياۋ سۇلالىسى جۇرجىتلار تەرپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىنمۇ،يەنە قىتان سەردارى يوللۇغ تاشىننىڭ باشچىلىقىدا غەربكە كۆچۈپ بۇگۈنكى دىيارىمىز شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قاراقىتان خانلىقىنى قۇرغان.ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلار قۇرغان قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى،قاراخانىيلار سۇلالىسىمۇ قىتانلارغا تەڭ كېلەلمەي قاراقىتان خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاسىتىغا چۈشۈپ قالغان.
بىراق قاراقىتان خانلىقىنىڭ ئوتتۇرا-ئاخىرقى مەزگىلدە مىللىي زۇلۇم ۋە غەربىي دىيار خەلقىنى بۇددا دىنىغا قايتا ئىشەندۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەچكە بۇ خانلىق قۇرۇلۇپ ئۇزۇنغا بارمايلا موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمى يەرلىك خەلىقنىڭ قارشىلىقى ئاسىتىدا گۇمران بولغان،قىتانلارنىڭ ئۆزىمۇ تارىخ سەھىپىسىدن يوقالغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-26 05:19 PM