ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تۇر ئەھلى مەن ئۇزۇندىن بىرى قانۇندىن كەڭ تورداشلارغا قانۇندىن مەسلىھەت بىرىپ كىلىۋاتىمەن .بۇ جەرياندا كۇپلىگەن ياخشى باھالارغا ئىرىشىپ كەلگەن بۇلساممۇ يەنە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارغىمۇ يۇلۇقتۇم . مەن كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە تۇر باشقۇرغۇچىللىرنىڭ بىزدەك قانۇن كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ۋ ەكەڭ تور ئەھلىگە مۇشۇنداق بىر قانۇن سەھىپىسى تەسىس قىلىپ بەرگىنىگە رەھمەت ئىيتىمەن .مىسرانىم تورىنىڭ قانۇن سەھىپىسگە تىخمۇ كۇڭۇل بۇلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. مەن بارلىق تور ئەھلىنىڭ قانۇندىن داۋاملىق مەسلىھەت سورىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن .ۋە قانۇندىن مەسلىھەت سوراش جەريانىدىكى دىققەت قىلىدىغان مەسىللەر ھەققىدە ئەسكەرتىش بىرىشنى مۇۋاپىق كوردۇم. 1. مەسلىھەت بىرىش تىلغۇنىنى داۋاملىق جىرىڭلىتىپ قۇيۇش .بىزنىڭ ھەرقانداق مەسلىھەتىمىز ھەقسىز بۇلۇپ قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش ئۇيۇن قۇيۇش ياكى سىردىشىش دوسلىشىش ئەمەس ، شۇڭا دۇسلار قەتئى ھالدا ئەخلاققا رىئايە قىلىپ
مەسلىھەت ئالماقچى بۇلسىڭىز ئۇزىڭىز تىلفۇن ئۇرۇڭ .ئەگەر ھەقىقەتەن تىلفۇن ئۇرۇشقا پۇلىڭىز بۇلمىسا كەچۇرۇڭ بىزنىڭ سىزگە ياردەم قىلىشقا ئامالىمىز يۇق .كۇنلىگى نەچچە يۇزلىگەن تىلفۇنغا تىلفۇن قايتۇرىۋەرسەك بىزگىمۇ مۇۋاپىق ئەمەس . كەلگۇسىدە مەسلىھەت سورىغۇچى ئۇرسا ھەقسىز ماڭىدىغان مەسلىھەت بىرىش لىنىيىسى ئىچىش پىلانىمىز بار .2. مەخپىيەتلىك مەسىلىسى .سىز مەسلىھەت سۇرىغاندا بىز ئىرىشكەن ھەر قانداق ئۇچۇر مەخپىيەتلىك بۇلۇپ سىرىتقا ئاشكارىلانمايدۇ. بۇ بىز ئادۇۋكاتلارنىڭ ئەقەللى قانۇنى مەجبۇريىتى خىلاپلىق قىلساق كەسپى گۇۋاھنامىمىز يۇققا چىقىش خەۋپىگە دۇچ كىلىمىز . سىز بۇ جەھەتكە ئىشەنمىسىڭىز مەسلىھەت بەرگۇچى ئادۇۋكاتنىڭ سالاھىتىنى شىنجاڭ ئادۇۋكاتلار تۇرىغا چىقىپ ياكى جۇڭخۇا ئادۇۋكاتلار تورىغا چىقىپ تەكشۇرسىڭىز بۇلىدۇ، ۋە پاش قىلسىڭىز بۇلىدۇ.( ئادۇۋكاتلىق سالاھىيەت نۇمۇرى ئاخىردا كۇرسىتىلدى ) 3. قانۇنسىز ئىشلار تۇغرلۇق مەسلىھەت سۇرىغۇچىلارنىڭ ،ھاقارەت ۋە تەھدىد سالغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرى بىردەك ج خ ئۇرۇنلىرغا يۇللاپ بىرىلىدۇ.
4. چ چ نۇمۇرغا ۋە چ چ خەت ساندۇقىغا مەسلىھەت سوراش ماتىريالنى رەسىم ياكى تەسۋىرى شەكىلدە يۇللىسڭىز بۇلىدۇ . چ چ دا مەسلىھەت بىرىلمەيدۇ.قانۇنسىز پىكىردىكى يۇللانغان ماتىرياللار ئۇچۇى بىردەك ج خ ئۇرۇنلىرغا يۇللاپ بىرىلدۇ ،جاۋپكارلىققا ئۇزىڭىز مەسئۇل بۇلىسز . 5. مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى 24 سائەت ئۇچۇق بۇلۇپ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۇلىنىدۇ، لىكىن بەزىدە تور كاشلىسى ۋە جىددى ئىشلار تۇپەيلى توختىشى ئۇلانماي قىلىشى مۇمكىن.سەۋرچانلىق بىلەن قايتا قايتا ئۇرۇڭ .
5. مەسلىھەت سۇرىغۇچىلار ئادۇۋكات تەكلىپ قىلماقچى بۇلسا ئادۇۋكات ئەۋەتىمىز ، سىز تۇرغان جايدىكى مۇنەۋۋەرئادۇۋكاتلارنى تەۋسىيە قىلىمىز .6. قانۇن جەھەتتىكى پىكىرى مەسلىھەتلەرنى پايدىلنىش مەزمۇنىدا ئىشلتىشكە بولىدۇ، پاكىت ئورنىدا ،باشقا قانۇنلۇق ئىشلارغا قارشى تۇرۇشتا ئىشلتىشكە بۇلمايدۇ.يازما جەھەتتە بىرىلگەن قانۇنى پىكىر ۋە مەسلىھەتنى ئادۇۋكات مەسئۇل بۇلۇپ چۇشەندۇرىدۇ. مەسلىھەت ئالغۇچىنىڭ چۇشەندۇرۇش ھۇقۇقى يۇق ۋە چۇشەندۇرىشى ئىناۋەتسىز .7.قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش ھەق تەلەپ، جىنايى ئىشلار،ئىقتىسادى ئىشلار ، ئەمگەك تالاش تارتىشى قاتارلىق بارلىق قانۇنى ئىشلارغا چىتىلىدۇ . مەسلىھەت سۇرىغۇچىلارنىڭ مەسلھەت بىرىش دائىرسىنى قايتا قايتا سورىشى ھاجەتسىز .8 . قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش ھەرگىزمۇ مەنپەت ئۇچۇن بۇلماستىن پەقەت ئاددى ئاۋامىنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇندۇر . ئەشۇ سانسىزلىغان مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاددى ئاۋامدۇر، چۇنكى پۇلدارلارنىڭ ئەمەلدارلارنىڭ ئادۇۋكاتى يىنىدىلا بار بىزنىڭ مەسلھىەتمىز بىھاجەت . دۇسلارنىڭ سەمىمى پىكرى تەكلپى بۇلسا قۇبۇل قىلىمىز .
بىزنىڭ مەقسىتىمىز تىنىچلىق ،ئادىللىق ،باراۋەرلىك ،خەلىقچىللىق .
دوسلارنىڭ تور ئەھلىنىڭ ،تور باشقۇرغۇچىلارنىڭ قانۇندىن ھەقسىز مەسلھىەت بىرىش ئىشلىنى قۇللاپ قۇۋۋەتلىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز . خەلق ئادۇۋكاتى : بەختىيار 18199819854 چ چ 1471561935 كەسىپ نۇمۇرى 16528201010808286
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-24 10:44 PM