ئۇيغۇرشاھ يوللىغان ۋاقتى 2012-5-25 06:22 PM
روسىيە تېررىتورىيسى يەرشارىنىڭ خېلىلا شىمالىدا.بۇ ي ...
ئۇيغۇرشاھنىڭ دېگىنى توغرا .
قۇتۇپقا يېقىن بولسا يىلنىڭ يېرىمى كۈندۈز ، يېرىمى كېچە بولىدۇ . ‹ يازنىڭ كېچىسى › دېگەن گەپ شۇ يەر ۋاقتى يېرىم كېچە بولغاندا زاۋال چۈشكەندەكلا بولۇپ يەنە قايتا كۈن چىقىدۇ ، ‹ قىشنىڭ كۈندۈزى › بۇنىڭ دەل ئەكسى .
قۇتۇپقا يېقىن نۇرغۇن دۆلەتلەر بار . خەرىتىگە قاراپ بېقىڭ . ھازىر فىنلاندىيەنىڭ شىمالىدا قار ئېرىۋاتىدۇ ، ئەمدى كۈندۈز بولۇش باشلىدى ، ئۇ يەردىكىلەر بىر قىش تۈزۈك كۈندۈز كۆرمىدى ، ئەمدى يازىچە تۈزۈك كېچە كۆرمەيدۇ دېسەم ئىشىنەمسىز ؟ ئىشەنمىسىڭىز تولۇقسىزنىڭ جۇغراپىيە كىتابىغا قاراپ بېقىڭ .
بۇ يەرشارىنىڭ يانتۇلىقى ۋە قۇياشنى چۆگىلەپ ئايلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . گلوبوس نېمىشقا يانتۇ ؟ چۈنكى ئالەمدە يەرشارىمۇ يانتۇ ھالەتتە .
تېمىغا كەلسەك ، شۇ ، ياۋروپانىڭ ئاياللىرى ياش ۋاقتىدا مودېلدەك گۈزەل ، قېرىغاندا ئوشۇق دېگەن ئىشىق ، دوڭغاق بوپ قالغان ، خۇدايىم ساقلىسۇن ، بۇ نەق سۆڭەك سوغۇقنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچىراپ كەتكەنلىكتىن .
چەتئەلدە مۇسۇلمانچە تاماقخانا رېستۇرانلارمۇ بار ، ئەمما قىممەت ، يەنىلا ئۆزىڭىز قىلىسىز ئامال يوق ، مەن چىققان ۋاقتىمدا گۈرۈچمۇ دۈملىيەلمەيتىم ، 6 يىل بولدى ، ھازىر پۆرىنىمۇ قىلىمەن . مەن تېخى تاسمىسى ئۈزۈلگەن باسنۇچكامنىڭ تاسمىسىنى ئۆزۈم تىكىپ باققان ، ئۈرۈمچىدە مۇمكىنمۇ ؟ يا سىرتتا تىككۈزىمەن يا تاشلايمەن . ئىشقىپ تۇرمۇشنى ئاجايىپ ھېس قىلدۇرۋېتىدۇ چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇش .
سەل تېمىدىن چەتنىسەم ، راس گەپ قىلسام بەك ئۇششاق تايىقى كام شۇملادەك باللا باكەن جۇمۇ بۇ يەردە ... قايسى تېمىدا جېدەل يوق ؟ مۇنازىرە دېگەننى ئىلمىي قىلغىلىمۇ بولىدۇ ھەي باللا ، چوڭ بولۇڭلار بىزە . ئاندىن مۇشۇ ئاددىي ئۇقۇمنى ئۇقمىساڭلار بەكلا سەت ئىش بوپتۇ ، بۇ تولۇقسىزنىڭ ئۇقۇمى ، مەجبۇرىي مائارىپنىڭ ئۇقۇمى ، مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگەتكەن بولغىيتىڭلار ؟ كۈندە مۇنبەر بېقىپ خەق بىلەن يوق جېدەل چىقىرىپ تىللىشىپ ، مۇڭداشقۇدا خەق بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇرماي باشقا ئىشمۇ قىپ قويىلى . قاچانلا چىقسام بار بىر نەچچە ئۇرۇشقاق تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغانلار ، باشقا ئىشى يوقمىدۇ شۇلارنىڭ ؟؟ مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ۋەتەندە ئەتىگەن سائەت 4 تىن چارەك ئۆتتى ، شۇنداقلار يەنە باركەن ، ئاپاڭلار ياكى مەكتىپىڭلارنىڭ چاتىقى يوقما سىلەر بىلەن ئۆيگە كىرمەي توردا ئولتۇرساڭلار ؟؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-25 11:39 PM