o.o يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 02:27 AM
مايكول جېكسون مۇسۇلمان دېگەنلەر كېنى شۇ پاكتنى مۇ ...
ئىنىم : مايكۇل جېكسون مۇسۇلمان ئەمەس ... بۇ ھەقتە مەن بەك كۆپ توختالدىم ... مايكۇل نىڭ ئاكىسى جېرمايىن جېكسون ئىسلام دىىنىغا كىرىپ جەج پەرىزىنى ئادا قىلىپ ھەقىقى مۇسۇلمان بولغان ...
ئەمدى جېكسونغا كەلسەك ، ئۇ ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئەمەس ، ئۇپەقەت ئىسلام دىنىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ، 2001 - يىلىدىن باشلاپ جېكسون يېنىدا يۈرىيدىغان قوغدۇغۇچىلار شۇنداقلا ئائىلىسىدىكى خىزمەتچىلەردىن تارتىپ ھەممىنى ئالماشتۇرۇپ مۇسۇلمان خىزمەتچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەن. ۋە ئۈيىدە ئىسلامى كىتاپلارنى ساقلىغان ۋە ئۇقۇغان ... شۇ ئىش سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئادۇكاتلار گۇرپىسىدىكى ئىشتىن بۇشۇتۇلغان بىر ئادۇكات جېكسوننىڭ بىر قانچە سورۇنلاردا يەھۇديىلارنى ئۇچۇق - ئاشكارا تىللىغاندىكى ئۈن لىنتىسى ئارقىلىق جېكسوننى ئەرىز قىلغان .... بۇ ئىش ئارقىلىق جېكسون ئاز بولمىغان تۈلەم تۈلىگەن ...
ئۇ سەئۇدىنىڭ شاخسادىسى بىلەن سودا ھەمكارلىقى تۈزگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغان . شۇنىڭ بىلەن جېكسوننىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان قۇيۇق مۇناسىۋىتى باشلانغان . ئۇ ھەتتا بىرقانچە ئىسلام ئالىملىرى بىلەن دوستلۇق ئورنۇتۇپ ئۇلار بىلەن ھەم، سۆھپەت بۇلۇپ تۇرغان ، شۇنىڭدىن كىيىنلا ئاخپارات ساھەسىدىكىلەر جېكسوننى مەخپىي ھالدا مۇسۇلمان بولغان دەپ توختىماي خەۋەر بەرگەن ...
2004 - يىلدىكى جېكسون كىچىك بالىغا جىنسى پاراكەندىچىلىك سالدى دىگەن خەۋەر تارقىلىپ جېكسون سوت ئالدىغا سۆرىلىپ بارغان 2 يىلغا سۇزۇلغان سوت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن جېكسون گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان، بىراق بۇجەرياندا جېكسون ئاز بولمىغان روھى بېسىم ۋە ئىقدىسادى زىيانغا ئۇچىراپ ھالسىزلانغان ... پەقەت ئۇنىڭ ئادۇكاتلىرىنىڭ بىرىغىلا 8 مىلىيۇن دوللار ھەق بەرگەن ....
2006 - يىلى جېكسون ئاقلانغاندىن كىيىن جىمجىتلا بەھرەيىنگە كىتىپ شۇ يەردە قىسقا مۇددەت ئولتۇراقلاشقان ... ئۇ بەھرەىيىندە ئولتۇراقلىشىش جەريانىدا بەھرەيىن مۇسۇلمانلىرىغا 4 قەۋەتلىك ناھايىتى كاتتا بولغان بىر مەسچتنى پۈتۈن چىقىمنى .ئۈزى قىلىپ سالدۇرۇپ بەرگەن . بۇ مەىسجىت بەھرەيىندە ھېلىھەم قەت كۈتۈرۈپ تۇرماقتا .... « مەسچىتنىڭ پۈتۈن سۈرىتىنى ۋە جېكسوننىڭ مەسچىت قۇرلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھەركەتلىرىنى توردىن تاپماق تەس ئەمەس ... »
بەزىلەر جېكسوننى مۇسۇلمان بولغان دىگەن خاتا قاراشتا ئىكەن ....
يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بىرىپ ئۈتەي . جېكسون ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن . پەقەت ئىسلام دىنىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى قايتا - قايتىلاپ بىلدۈرگەن ، ئۇ گەرچە مۇسۇلمان بولمىسىمۇ بىراق ئىسلام دىنىنى ناھايىتى ھۆرمەتلىگەن ۋە ئىسلام دىنىنى قوغداشقا تىگىشلىك كۈچ چىقارغان ...... « جېكسون گەرچە مۇسۇلمان بولمىسىمۇ بىراق نۇرغۇنلىغان ئۈزىنى مۇسۇلمان چاغلايدىغانلار قىلىشقا تىگىشلىك بولغان . شۇنداقلا شارائىتى شۇ ئىشنى قىلىشقا يار بىرىپ تۇرسىمۇ بىراق قىلىشنى خالىمىغان ئىشلارنى قىلغان ... »
نىمىلا بولمىسۇن جېكسون دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىكى بىر مۆجىزە ... ئۇ دۇنيا سەنئەت ساھەسىدە تۇپ توغىرا 45 يىل چاقنىغان ... بۇندىن كىيىن ھېچكىم ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ بۇلالمايدۇ ...