مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: komidiya

بالىلار بايرىمىغا قول سوزغان ئەيدىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەرھابا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11366
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 2252 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 10:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-چىسى قايسى شەھەر ئىكەن؟

ئولۇغ اللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
   星期八

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2635
يازما سانى: 923
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12121
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1478 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:45:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىنداق  قالايمىقان     ئىنكاسلا بۇ      ھە  
         ئۇيغۇرلا لا ئوينامدىكەن ماۋۇ ئىنكاس يازغۇچىلا ئالدى كەينىگە قاراپراق يازايلى  
              قۇرۇق  سەپسەپتە گەپكە ئاز ئىشىنىپ ھازىر بۇ  ئەيدىز شىجاڭغىلا  ئەمەس بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا كەڭ تارقالماقتا بىز شۇڭا  گەپنى بىلىپ بىلمەي قىلماي ھەربىرىمىز دېھقەت قىلايلىى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3592
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:28:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىزنى ساقايتقىلى بولمىغان بىلەن ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ،ئۇنىڭ يۇقۇش يۇلى ناھايتى چەكلىك،بىز پەقەت سەگەك بولساق،ئۆزىمىزنى ساپ تۇتساق،ئىشىنىمەنكى بۇ نىجىز كېسەلنىڭ يۇقۇشىدىن 99%ساقلانغىلى بولىدۇ.

بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10796
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:48:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگودا تۇنجى قىتىملىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 1985-يىلى بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن 10 يىل كىيىن يەنى 1995-يىلى ئۇيغۇر ئىلىدە تۇنجى قىتىملىق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. 1995-يىلدىن ھازىرغا قەدەر بولغان بۇ قىسقىغىنا 12 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئادەمنى چوچۇتكىدەك سۇرەت بىلەن ئىشىپ بارماقتا.

جۇڭگونىڭ ھوكۇمەت تور بەتلىرىدە ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2005-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۇنىگىچە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 11303 بولغان بولسا، 2006-يىلى يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۇنىگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 17209 گە يەتكەن. 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۇنىگە كەلگەندە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 20890 گە يەتكەن. يەنى 2005-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 2007-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى بىر ھەسسىگە يىقىن كوپەيگەن.

ھوكۇمەت سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى پۇتۇن جۇڭگو نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 2% ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانى پۇتۇن جۇڭگودىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئومۇمى سانىنىڭ 10% تىن ئارتۇغىنى تەشكىل قىلغان. بۇ دىگەنلىك ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىغا نىسبەتەن كەم دىگەندە 5 ھەسسە ئارتۇق دىگەنلىك.

ئەيدىز كېسىلى (AIDS) ۋە HIV غا مۇناسىۋەتلىك كۆپ سورىلىدىغان سوئاللار

1. AIDS بىلەن HIV نىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇلارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى ۋە پەرقى بار؟

AIDS دېگەن سۆز ئىڭلىزچىدىكى "Acquired Immune Deficiency Syndrome"
(获得性免疫功能丧失综合症) دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن سۆز بولۇپ، "ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىتېت كۈچى زەخمىنىلىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەر توپلىمى" دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.

HIV دېگەن سۆز بولسا ئىڭىلىزچىدىكى "Human Immunodeficiency Virus"
(人体免疫缺损病毒) دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن سۆز بولۇپ، "ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممونىتېت كۈچىنى زەخمىلەندۇرگۇچ ۋىرۇسى" دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.

HIV ۋىرۇسى ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دۆلەتلەردە ياشايدىغان بىر خىل ئادەمسىمان مايمۇننىڭ بەدىنىدە نورمال ياشاۋاتقانلىقىغا بىرنەچچە مىڭ يىل بولغان بولۇپ، بۇ خىل ھايۋان بەدىنىدە كېسەل پەيدا قىلمايدۇ.

ئادەم بەدىنى HIV بىلەن يۇقۇملىنىپ، 1 ~ 12 يىللىق يوشۇرۇن مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئەيدىز كېسىلى (AIDS) گە تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى HIV بولسا ئەيدىز كېسىلى (AIDS) نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر خىل ۋىرۇس، يەنى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى
(艾滋病病毒).

2. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئاساسلىقى قانداق يوللار ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تارقايدۇ؟

ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى قان ) زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇ ش، قان سىلىش، بۇلغانغان يىڭنە بىلەن ئوكۇل ئۇرۇش( ، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتەك ۋاستىلەر ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا تارقايدۇ.

3. ئادەم بەدىنىدىكى قايسى سۇيۇقلۇقلاردا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بولىدۇ؟

قاندا، ئەرلەرنىڭ مەنىيسىدە، ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزا سۇيۇقلۇقىدا ۋە سۈتىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بولىدۇ. تەردە، ئېغىز سۇيۇقلۇقى ياكى شۆلگەيدە، چوڭ كىچىك تەرەتتە، كۆز يېشىدا ئادەتتە ئەيدىز كىزىلى ۋىرۇسى بولمايدۇ.

4. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە قانچە كىشى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان؟

2007 -يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 20890 گە يېتىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. مولچەرلەشچە ئەمىلىيەتتىكى سان يۇقارقى ساندىن تەخمىنەن 5 ھەسسە يۇقۇرى بولۇشى مۇمكىن.

5. ھازىر پۈتۈن جۇڭگودا قانچە كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان؟

جۇڭگودا تەخمىنەن 1 مىليون 40 مىڭ كىشى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، تەخمىنەن 200 مىڭ كىشى ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

2010-يىلىغا بارغاندا، جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئۇ ۋاقىتتا جۇڭگو دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئەيدىز كېسىلى مەملىكەت خاراكتىردىكى چوڭ بىر ئاپەتكە ئايلىنشى مۇمكىن ئكەن.

6. ھازىر پۈتۈن دۇنيادا قانچە كىشى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان؟

ھازىر پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 39.4 مىليون (35.9 ~ 44.3 مىللىئون) كىشى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 37.2 مىليونى 15 ياشتىن 49 ياشقىچە ئارىلىقىدىكى كىشىلەر، تەخمىنەن 17.6 مىليونى ئاياللار، 2.2 مىليونى بالىلار ئىكەن.

پۈتۈن دۇنيادا، ھەر كۈنى تەخمىنەن 15000 دىن 20000 غىچە ئادەم، ياكى تەخمىنەن ھەر 6 سېكۇنتتا بىر ئادەم يېڭىدىن ئېيدىز كىسىلى ۋىرۇسى (HIV) بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن.

7. قانداق كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولىدۇ؟

زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلەڭەن كىشىلەر، ئوكۇل ئۇرۇشتا بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەن ياكى كۆپ قېتىم قايتا-قايتا ئىشلەتكەن كىشىلەر، كۆپ جىنسىي ھەمراھى بار كىشىلەر ياكى باشقىلار بىلەن قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان كىشىلەر، كۆپ قېتىم قان سالدۇرغان ياكى قان ئالغان كىشىلەر، لاياقەتسىز دوختۇرخانىلاردا ئوكۇل ئۇردۇرغان، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان ۋە ياكى بەدەننى مەلۇم جەھەتتە زەخمە قىلىدىغان بەزى تەكشۈرتكەن ۋە داۋالاتقان كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

8. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغاندا قانداق ئالامەتلەر بولىدۇ؟

ئادەم ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغاندا، كۆپىنچە كىشىلەردە كۆپ ئالامەتلەر بولمايدۇ، بەزى كىشىلەردە قىزىش، بېشى ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، بىئارام بولۇش، ئىشتىھاسى تۆۋەنلەش قاتارلىق زۇكامدا بولىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇ خىل ئالامەتلەر 2~4 ھەپتىلا داۋام قىلىپ يوقاپ كېتىدۇ. ئۇندىن كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە ھېچقانداق ئالامەت بولمايدۇ، بۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ.

9. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولامدۇ؟

ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەڭ ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ھۈجەيرە ئىچىگە ئورۇنلىشىدۇ ۋە ھۈجەيرە ئىچىدە كۆپىيىپ قانغا كىرىدۇ. ھازىر بار بولغان ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار پەقەت قاندىكى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرىدىغان بولۇپ، ھۈجەيرە ئىچىدىكى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ھۈجەيرە ئىچىدە ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ، قانغا چىقىپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە داۋالاتقان كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە تەررەققىي قىلىشى ئاستا بولىدۇ، ئۆمرى داۋالاتمىغانلارغا نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، بىراق ھامان ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ.

10. ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە قانچە يىل بولىدۇ؟

ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى دېگىنىمىز ئادەم بەدىنى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن تۇنجى يۇقۇملىنىپ تا ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققى قىلغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئادەتتە 1 يىلدىن 12 يىلغىچە ئوخشاش بولمايدۇ، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ 3~5 يىلغىچە بولىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، كىشىلەرنىڭ يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى قانداق يۇقتۇرۇۋالغانلىقى، داۋالىتىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھېچقانداق داۋالاش ئىلىپ بارمىغان كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولىدۇ، ئۆمۈرى قىسقا بولىدۇ.

11. ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدۇ؟

ئادەم بەدىنى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، 1 ~ 12 يىللىق يوشۇرۇن مەزگىلنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ۋىرۇس بەدەندە تېزدىن كۆپىيىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئېغىر دەرىجىدە زەخمىگە ئۇچرىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنى ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ، ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ، بۇ بىمارنىڭ ئەيدىز كېسىلى باسقۇچىغا رەسمى قەدەم باسقانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئادەم ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ھەرقانداق كېسەلدە بولىدىغان ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەت كونترول قىلىش قىيىن بولغان قىزىش، ئورۇقلاش، نەمەلۇم ئۆسمە قاتارلىقلار.

12. ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەرقانداق ئادەم چوقۇم ئۆلۈپ كېتەمدۇ؟

1981-يىلى تېببىي ئالىملار تۇنجى قېتىم ئەيدىز كېسىلىنى بايقىغاندا، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كۆپىنچە كېسەللەر بىر-ئىككى يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ھازىر، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى كونترول قىلىشتا ۋە ئۇنىڭدىن ئەيدىز كېسىلىگە تەرەققىي قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا نۇرغۇن يىڭى دورىلار دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇنلىغان كېسەللەر خېلى ئۇزۇن ياشاۋاتىدۇ. بىراق، ئەيدىز كېسىلى يەنىلا جاننى ئالىدىغان كېسەل ھېسابلىنىدۇ. ھازىرچە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا 5 يىل ياشاۋاتىدۇ، بىراق بۇ سان داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.

13. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ياشلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىن ئېلىش كېرەك. قان ئېلىش، ئوكۇل ئۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشلەردە، ئىمكان بار بىرلا قېتىم ئىشلىتىدىغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىش كېرەك. ئەر-ئايال بىر-بىرىگە سادىق بولۇشى، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك، قارشى تەرەپنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۆزىنى قوغداش ۋاسىتىسى قوللىنىش كېرەك. ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئەر-ئايال، ۋاقتىدا تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالسا، ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق كېرەك. ئەگەر ئىمىۋاتقان بالىسى بار ئايالنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى بولسا، ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالىسىنى ئېمىتمەسلىك كېرەك.

14. زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق، بىراق، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشكە ئۆگىنىپ قالغانلار، كېيىنچە زەھەرلىك چېكىملىكنى نەپەس يولى ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشتىن تومۇرغا ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا تەرەققىي قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىستېمال قىلغۇچىلار بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا بايقالغان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە 88.60% زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغان.

15. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالا تۇغۇشى خەتەرلىكمۇ؟

ئەلۋەتتە خەتەرلىك. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال بالىلىق بولغاندا، يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى ناتايىن، بىراق، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېمىتىشنىڭ ئۆزىمۇ خەتەرلىك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغا قەدەر ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۇك داۋاسى بولمىغاچقا، بالىنىڭ بالاغەتكە يەتمەيلا يېتىم بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بار، شۇڭا، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ئەڭ ياخشىسى بالىلىق بولماسلىق كېرەك.

پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى تەخمىنەن 2 مىليون 400 مىڭ ئايال ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، تەخمىنەن 800 مىڭ يېڭى تۇغۇلغان بالىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

16. ئەيدىز يېتىملىرى دىگەن نىمە؟ ھازىر دۇنيادا قانچىلىك ئەيدىز يېتىملىرى بار؟

ئەيدىز يېتىملىرى دېگىنىمىزدە ئاساسلىقى ئاتا-ئانىسى ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كېتىپ يېتىم قالغان بالىلارنى كۆزدە تۇتىدۇ.

17. قان سېلىش خەتەرلىكمۇ؟

ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، نۇرغۇن كىشىلەر قان سېلىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ھازىر قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا سىستېمىلىق تەكشۈرۈلىدىغان بولغاچقا، قان سېلىش ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپ دەرجىدە تۆۋەنلىگەن. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكى بىرنەچچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە خەتىرى بار. (1) شارائىتى ناچار رايونلاردا، بولۇپمۇ بەزى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردا قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا تەلەپ يۇقىرى ئەمەس. ئۇلار سىستېمىلىق تەكشۈرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان باشقىلارغا سېلىنىپ قىلىشى مۇمكىن. (2) ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغىلى 3 ئاي بولمىغان بولسا تەكشۈرۈشتە ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى يالغان ئىنكار قىلىنىدۇ. بۇنداق كىشىنىڭ قېنىنى قوبۇل قىلغۇچى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. (3) قاننى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش، توشۇش ۋە كېسەلگە سېلىش جەريانىدا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن بۇلغىنىش.

18. ئەگەر مەكتەپتە باشقا ئوقۇغۇچىلار ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، مېنىڭ بالامغا يۇقامدۇ؟

ياق، يۇقمايدۇ. ئادەتتىكى نورمال ئۇچرىشىش، مەيلى ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولسۇن، خەتىرى يوق. بۇ خىلدىكى ئۇچرىشىش بارلىق كوللېكتىپ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

19. ئەگەر رېستۇراندا تاماق ئەتكۈچى ئاشپەز ياكى كۈتكۈچى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا، مەن ئۇ رېستۇراندا تاماق يېسەم خەتەرلىكمۇ؟

ياق، خەتەرلىك ئەمەس. رېستۇراندا تاماق يېيىش ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرمايدۇ. ھازىرغا قەدەر ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى نىڭ تاماقتىن يۇققانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئىسپات يوق.

20. ئەگەر بەدىنىم ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن بۇلغانسا، مەن چوقۇم ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىمەنمۇ؟

ئەگەر بەدىنىڭىزدە ھېچقانداق زەخمە بولغان جاي بولمىسا، سىز ئادەتتە ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايسىز، بىراق شۇنداقتىمۇ ئېھتىيات قىلىڭ.

21. چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق شەھسىي بۇيۇملىرىمنى چوقۇم باشقىلاردىن ئايرىم ئىشلىتىشىم كېرەكمۇ؟

ئەلۋەتتە شۇنداق. بۇ بۇيۇملار قان بىلەن بۇلغىنىشى مۇمكىن. بىراق، بۇ ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى تارقىتىدىغان مۇھىم ۋاسىتە ئەمەس.

22. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئۆز ئارا كۆرۈشۈش ياكى قۇچاقلىشىشتەك ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقامدۇ؟

ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇش، سىلاش، قۇچاقلاشتەك ئادەتتىكى ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقىمايدۇ. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان ۋە جىنسىي بەز سۇيۇقلۇقى، ئانا سۈتى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىلىشىش ئارقىلىق تارقايدۇ.

23. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى سۆيۈشۈش ئارقىلىق تارقامدۇ؟

تەتقىقات ئارقىلىق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بەزى كىشىلەرنىڭ شۆلگەي ياكى ئېغىز سۇيۇقلۇقىدا قىسمەن ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنىڭ بارلىقى بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنىڭ سۆيۈش ئارقىلىق يۇقىدىغانلىقىغا تېخى تولۇق ئىسپات يوق. شۇنداقتىمۇ كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى كىشىلەرنى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى سۆيگەندە، قاتتىق سۆيۈشۈشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى بۇنداق سۆيگەندە ئېغىزدىن قان چىقىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

24. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇش بىخەتەرمۇ؟

ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بار ئائىلىلەرنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى قاچا-قۇچا، لۆڭگە، كارىۋات، يوتقان-كورپە، ئوبىرنى قاتارلىق ئۆي سەرەمجانلىرىنى بىرگە ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقمايدۇ. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىش خەتەرلىك. شۇڭا ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى چوقۇم ئايرىم ئىشلىتىش كېرەك.

25. ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىر مونچىغا چۈشۈش، بىر ئوبىرنىنى ئىشلىتىش بىخەتەرمۇ؟

ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن بىر مونچىغا چۈشۈش، بىر ئوبىرنىنى ئىشلىتىش خەتەرلىك ئەمەس. ئەگەر ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنى ۋە جىنسىي بەز سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن بىۋاسىتە قويۇق ئالاقىلاشسىڭىز، ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى سىزگە يۇقىدۇ..

26. يۆتەل ۋە چۈشكۈرۈش ئارقىلىق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى يۇقامدۇ؟

زۇكام قاتارلىق بەزى كېسەللىكلەر يۆتەل ۋە چۈشكىرىش ئارقىلىق تارقايدىغان بولسىمۇ، بىراق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى ئۇ يوللار ئارقىلىق تارقىمايدۇ.

27. پاشا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى تارقىتامدۇ؟

تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى پاشا ۋە باشقا ھاشارەتلەرنىڭ چېقىشى ئارقىلىق يۇقمايدۇ.


دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ.ئەركەك.........

بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10796
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:49:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىز كىسىلى 1981-يىلى تۇنجى قىتىم باتقالغاندىن 2007-يىلىغا قەدەر بولغان 26-يىل ئىچىدە پۇتۇن دۇنيادا تەخمىنەن 65 مىلىيۇندىن ئارتۇق كىشى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى يەنى HIV بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 25 مىلىيۇندىن ئارتۇق كىشى ئەيدىز كىسىلى بىلەن ئولۇپ كەتكەن. مۇتەخەسىسلەرنىڭ مولچەرلىشىچە كىيىنكى 25 يىل ئىچىدە يەنە 25 مىلىيۇن كىشى ئەيدىز كىسىلى بىلەن ئولەپ كىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

1985-يىلى جۇڭگودا تۇنجى قىتىملىق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن تا 2007-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، پۇتۇن جۇڭگودىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 218107 يەتكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 58893 كىشى ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، جەمى 19258 ئادەم ئەيدىز كىسىلى تۇپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. (بەيجىڭ گىزىتى تور بىتىنىڭ 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۇنىدىكى خەۋىرىگە قاراڭ).

پۇتۇن جۇڭگودىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مولچەردىكى سانىنى ھوكۇمەت 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 840 مىڭ دەپ ئىلان قىلىپ كەلگەن بولسا، 2005-يىلىنىڭ ئاخىرغا كەلگەندە، ھوكۇمەت پۇتۇن جۇڭگودىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مولچەردىكى سانىنى 650 مىڭ دەپ ئىلان قىلغان، بىراق كوپۇنچە كىشىلەر ھازىر پۇتۇن جۇڭگودىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنى 1 مىلىيۇن بىلەن 2 مىلىيۇن ئارىلىقىدا دە مولچەرلىمەكتە.

1995-يىلى ئۇيغۇر ئىلىدە تۇنجى قىتىملىق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى يەنى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن ھازىرغا قەدەر بولغان قىسقىغىنا 12 يىل ئىچىدە، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئادەمنى چوچۇتكىدەك سۇرەت بىلەن كوپىيىپ، 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۇنىگىچە پۇتۇن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ تىزىملىكتىكى سانى 20 مىڭ 890 گە يەتكەن. (شىنجىئاڭ خەۋەر تورىنىڭ 2007-يىلى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى خەۋىرىگە قاراڭ).

پۇتۇن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ مولچەردىكى سانىنى 2004-يىلى 5-ئايدىن بۇيان ھوكۇمەت 60 مىڭ دەپ ئىلان قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق مىنىڭ پەرىزىمچە ئوزىنىڭ ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىغىنى بىلمىگەن ۋە ياكى ھوكۇمەت تىزىملىككە كىرمىگەنلەرنىڭ ساننى يۇقارقى تىزىملىكتىكى ساندىن 5، 6 ھەسسە يۇقۇرى بولۇشى، يەنى پۇتۇن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئەمىلى سانى 100 مىڭدىن ئارتۇق بولۇشى مۇمكىن.

گەرچە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كوپلىگى جەھەتتە جۇڭگودا 4-ئورۇندا تۇرىسىمۇ، بىراق بۇ ساننى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ نومۇرى بىلەن نىسبەتلەشتۇرگەندە، پۇتۇن جۇڭگو بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرسا كىرەك.

ھوكۇمەت سىتاتىسكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى پۇتۇن جۇڭگو نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 2% ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمى سانى پۇتۇن جۇڭگودىكى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئومۇمى سانىنىڭ تەخمىنەن 10% تەشكىل قىلاغان. بۇ دىگەنلىك ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى پۇتۇن جۇڭگونىڭ ئوتۇرچە ئەھۋالىدىن 5 ھەسسە ئارتۇق دىگەنلىك.

ئۇنداقتا نىمە سەۋەبتىن ئۇيغۇر ئىلىدە ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە تېز كۆپىيىپ كەتتى؟

بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئىلى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقاش ۋاسىتىلىرىگە قارىشىمىز كېرەك. خەلقارادا، ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنىڭ تارقاش ۋاسىتىسى پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كەتمىسىمۇ، بىراق كۆپىنچىسى جىنسىي مۇناسىۋەت، بولۇپمۇ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋىتى، زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش، ئاپىدىن بالىغا يۇقۇش، قان سېلىش ۋە قان ئېلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تارقايدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 80% ياشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كوپ ساندىكى ياشلار زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغان. قالغانلىرى بولسا جىنسى مۇناسىۋەت، قان سېلىش، قان ئېلىش، ئاپىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنى ئۆزلىرىگە يۇقتۇرىۋالغان.

يېقىندىن بۇيانقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ئاياللار ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى تېز ئېشىپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئەھۋالىمۇ كۆپەيمەكتە. ئۇندىن باشقا جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىمۇ بۇرۇنقىدىن كوپەيمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ تېز كۆپىيىشىنىڭ سەۋەپلىرى ناھايتى كوپ ۋە مۇرەك بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى توۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1- ھوكۇمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز مەسىلىسىگە يىتەرلىك كوڭۇل بولمەسلىكى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى. ئۇيغۇر ئىلىدىكى تۇنجى ئەيدىز كىسىلى ۋىرۇسى بىلەن بايقالغۇچى گەرچە 1995-يىلى بايقالغان بولسىمۇ، بىراق ھوكۇمەت تاكى 2000-يىللارغا قەدەر بۇ جەھەتتە خەۋەر قىلمىغان، ھەم شۇنداقلا ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەھەتتە ئالاھىدە مەبلەخ سىلىش، تەشۋىق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلىپ بارمىغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى تەشۋىقات ماتىرياللىرى ناھايتى كەم بولغان.

باتەس گىلل ۋە سوڭ گاڭنىڭ <<شىنجاڭدىكى ئەيدىز>> دىگەن ماقالىسىدا جۇڭگو ھوكۇمىتىنىڭ تاكى يىقىنقى يىللارغا قەدەر ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنىش ئىلىشى ئۇچۇن يۇقۇرى دەرىجىدە ئەخمىيەت بەرمىگەنلىگى ۋە كەڭ كولەمدە ئىختىزادى مەبلەخ سالمىغانلىغى دوكىلات قىلىنغان.

2-ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىگە يىتەرلىك ئىختىزادى مەخلەخ سالماسلىق، ياكى سىلىنغان مەبلەخنىڭ جاھىدا ئىشلىتىلمەسلىكى تۇپەيلىدىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى يىتەرلىك بولماسلىق، ياكى ئۇنىمى بولماسلىق. نەتىجىدە ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋە ئۇيغۇر ئارىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئۇزلۇكسىز تىز سۇرەت بىلەن كوپىيىش.

2007-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۇنى تەڭرى تاغ تور بىتىدە ئىلان قىلىنغان بىر ماقالىدا ئىختىزادنىڭ كەملىكىدىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتىنىڭ قىيىنچىلىققا ئۇچىراۋاتقانلىغى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى ئۇچۇن ھەر يىلى ئەڭ توۋەن مولچەردە 400 مىلىيۇن خەلق پۇلىنىڭ كىرەكلىگى، گەرچە ھوكۇمەت مەبلەخ سالغان بولسىمۇ، بىراق 80% يىقىن ناھىلەردە ئىختىزادى سەۋەپ تۇپەيلىدىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھىچقانداق ئەستەلەرنىڭ بولمىغانلىغى دوكىلات قىلىنغان.

3- قانۇن تۈزۈمنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى، بەزى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ چىرىكلىكى ۋە قانۇننىڭ تولۇق ئىجىرا قىلىنماسلىقى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك قانۇندا زەھەرلىك چېكىملىكنى ئېلىپ سېتىش ۋە پاھىشە بىلەن شۇغۇللۇنۇش قانۇنسىز دەپ ئېنىق بەلگىلەڭەن بولسىمۇ، بىراق زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تىغىشلىك قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىقى ۋە شۇنداقلا زەھەر چەككۇچىلەرنىڭ كۇنسايىن كوپىيىشى، پاھىشلىق ئىشلىرىنىڭ ئۇنۇملۇك كونتۇرۇل قىلىنماسلىقى، ھازىر پۇتۇن جۇڭگودا، جۇملىدىن ئۇيغۇر ئىلىدا ئەڭ ئىغىر بولىۋاتقان ئىجتىمايى مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ كولەمدە تارقىلىشىغا ئاساسى سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بولماقتا.

باتەس گىلل ۋە سوڭ گاڭنىڭ <<شىنجاڭدىكى ئەيدىز>> دىگەن ماقالىسىدا بايان قىلىشىچە 2005-يىلى پۇتۇن جۇڭگودىكى تىزىمگە ئىلىنغان زەھەر چەككۇچىلەرنىڭ سانى 1.16 مىلىيۇن بولۇپ، 2004-يىلىغا نىسبەتەن 100 مىڭ ئادەم كوپەيگەن. ئۇيغۇر ئىلىدە بولسا تىزىمغا ئىلىنغان زەگەر چەككۇچىلەرنىڭ سانى 25664 يەتكەن، ئەمىلى سان 180 مىڭ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇيغۇر ئىلىدىكى بۇ زەھەر چەككۇچىلەرنىڭ 69.5% زەھەرنى بىلەكتىن ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشقا ئادەتلەڭەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 61.2% بىر يىڭنىنى ئورتاق ئىشلىتىدىكەن.

بۇ ماقلىدا 2005-يىلى پۇتۇن جۇڭگودا تەخمىنەن 5 مىلىيۇن ئادەمنىڭ پاھىشلىق كەسسىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىغى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 127 مىڭ ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىغى دوكىلات قىلىنغان.

4- ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇراقسىز كىشىلەرنىڭ كۈنسايىن كۆپىيىشى. ھوكۇمەتنىڭ پىلانلىق ۋە پىلانسىز كوچمەن يوتكەش ۋە غەرىپنى ئىچىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە كوپلىگەن كوچمەنلەر ئۇيغۇر ئىلىغا ئىقىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، تۇرالغۇ جاي، ۋە ئىختىزادى كىرىم، كىسەل كوئۇرۇنۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۇراقسىزلىقى، ۋە ئۇلارغا بولغان باشقۇرۇشنىڭ سىستىمىلاشمىغانلىغى تۇپەيلىدىن، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئىلىش خىزمىتى قىيىنلىشىپ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تارقىلىش ئەھۋاللى تىخىمۇ مۇرەككەپلەشكەن ۋە تىز بولغان.

باتەس گىلل ۋە سوڭ گاڭنىڭ <<شىنجاڭدىكى ئەيدىز>> دىگەن ماقالىسىدا جۇڭگودىكى كوچمەنلەر سانى 1995-يىلى 53.5 مىلىيۇن بولغان بولسا، 2004-يىلىغا كەلگەندە 140 مىلىيۇنغا يەتكەنلىگى، 2020-يىلىغا بارغاندا 300 ~ 500 مىلىيۇن ئارىلىقىدا بولىدىغانلىغى دوكىلات قىلىنغان. ئىچكىردىن ئۇيغۇر ئىلىغا كەلگەن كوچمەنلەرنىڭ ھوكۇمەت سىتاتىستىكىسىدىكى سانى 1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە بولغان 5 يىل ئىچىدە 2.5 مىلىيۇن بولۇپ، يىقىنقى يىلاردا ئۇيغۇر ئىلىغا كوچمەن بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى 5، 6 مىلىيۇنغا يەتكەن. ئۇندىن باشقا ھەر يىلى تەخمىنەن 600 مىڭ ۋاقىتلىق كوچمەن ئۇيغۇر ئىلىغا پاختا يىغىۋىلىش ئۇچۇن كىلىدىكەن.

5- ئىختىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسىنىڭ كۇنسايىن ئىغىرلىشىشى ۋە باي-كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ چوڭىيىشى. بۇ نەتىجىدە بىر قىسىم كىشىلەر زەھەرلىك چېكىملىكنى ئېلىپ سېتىش ۋە پاھىشە بىلەن شۇغۇللۇنۇشتەك ھەر خىل قانۇنسىز ئىشلارنى ئوز كەسسىپىگە ئايلاندۇرىۋالغان.

6- كىشىلەرنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەنلىشى، ياشلار ئارىسىدىكى ئەخلاق-پەزىلەت تەربىيەنىڭ كەم بولۇشى ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى.

7- ياشلارنىڭ جەمىيەتكە ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىشىشى ۋە ئۈمىدسىزلىكى، بولۇپمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئالدانغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياشلارنىڭ جەمىيەتكە بولغان غەزەپ نەپرىتىنى چىقىرىش ئۈچۈن، جىنايى يوللارغا مېڭىپ، باشقىلارغا زىيان سالىدىغان ئىشلارنى قىلىشى.

8- ئاتا-ئانىنىڭ بالىلارغا بولغان تەربىيەسىنىڭ ئاجىزلىشى، ئەنەنىۋى ئاتا- ئانا ۋە بالا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سۇسلىشىشى.

9- كىشىلەرنىڭ جەھەرلىك چېكىملىكنىڭ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ شەخسىگە، ئايىلىگە ۋە جەمىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىغا بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىشى.

10- مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىنىڭ ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەسلىكى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ قانداق تارقايدىغانلىقىدىن، شەخىس، ئايىلە، جەمىيەتكە قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق خەۋەرسىزلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلمەسلىكىدىن.



دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ.ئەركەك.........

بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10796
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:50:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sahar007 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-1 10:47 PM
1-چىسى قايسى شەھەر ئىكەن؟

شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا1- ئۇرۇندا تۇردىغىنى ئۇرۇمچى تىيانشان رايۇنى .

دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ.ئەركەك.........

بۇ كۇنلەرمۇ ئۇتۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1588
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10796
تۆھپە نۇمۇرى: 607
توردا: 868 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-2 12:59:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ نەس كىسەل ئەتىراپىمىزدا ئەگىپ يۇرمەكتە سىز بىلىپ بىلمەي ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرشۇپ قىلىشىڭىز ھەتتاكى ئۇنى ئۇزىڭىزگە مەڭگۇلۇك ھەمرا قىلىۋىلىشىڭىز مۇمكىن.سىز كۇندە تىلۋىزوردىن ،يولدىكى ئىلان تاختايلىرىدىن زادى قانچىلىك نەرسىلەرنى چۇشەندىڭىز.سىز قانچىلىك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بۇ كىسەلنى چۇشۇنۇپ باقتىڭىز.شۇ سەمىمىلىك بىلەن ئەسكەرتىپ ئۇتەيكى بۇ خەتەرلىك مىھمان ھازىر سىزنىڭ يىنىڭىزدا .
ھازىر بۇ كېسەل نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتە مەن ئۆزكۇزۇم بىلەن ئاتىنىڭ ئۇلۇپ بالىنىڭ يىتىم قالغىنى ئايالىنىڭ ئاشۇ ئەردىن يۇقۇملىنىپ كېسەل ئازابىنى تارتىۋاتقانلىقنى كۇرۇپ تۇرۋاتىمەن.بەزىدە ئىچىم ئۆرتۇنۇپ كىتىدۇ.مىنىڭ مەقسىتىم مۇشۇ مۇنبەردىكى دوسلىرىمنىڭ مۇشۇ كېسەلدىن يىراق تۇرشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
ئائىلىڭىز ۋە ئۆز بەختىڭىز ئۇچۇن ھاياتنى قەدىرلەڭ.
ئەيدىز بىمارلىرىغا ئىللىق قۇلىمىزنى سۇنۇپ ئاشۇ تۇل خۇتۇن يىتىم بالىلارغا تاتلىق قاراپ قۇيايلى.ئىشنى ئۇزىمىزدىن باشلايلى .
ھەر قانداق چاغدا مەندىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ . مەخپىيەتلىكىڭىز قاتتىق ساقلىنىدۇ .13279977606

ھەرقانداق مەسلىھەت ئالغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكى قاتتتىق ساقلىنىدۇ.
قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق مەسلىھەت سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ .
رەخمەت ماقالىنى تەپسىلى ئۇقۇغۇنىڭىزغا .دوسلىرىڭىزغا تەشۋىق قىلىپ قۇيۇڭ .




دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ.ئەركەك.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79686
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2012-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 02:35:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممەيلەن كۆڭۈل بۈلەيلى:

مۇھەببەتني چۇشە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39233
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3351
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 518 سائەت
تىزىم: 2011-4-30
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-4 02:57:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurluk28 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-1 01:33 PM
بالىلارغا كۈڭۈل بۆلگەنلىك كەلگۈسىگە كۈڭۈل بۆلگەنلكتۇ ...

ياخشى دېدىڭىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18257
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 3889 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 01:12:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇرۇۋاتقان رايوندىمۇ زەھەر چەككۈچىلەر كۆپ،ھەتتا بىر بىنادا بىرنەچچە زەھەر سېتىش ئۇۋىسى بار،زەھەر چېكىدىغان،ساتىدىغانلارنى ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئوبدان بىلىدۇ،لېكىن قانۇن تورىغا چۈشمەسلىكىدىن ھەيرانمەن.مەن بالىلاردىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن،چۈنكى بىنانىڭ ئالدى كەينىدىكى چۆپلۈكلەردە كۈندە دېگۈدەك ئىشلىتىلىپ بولغان قان يۇقى شپرىسلار ئۇچراپ تۇرۇدۇ،بالىلار بۇنى تېرىپ ئوينايدۇ.مەن يالپۇز خانقىزدىن سوراپ باقسام،بالىلار ئۇقۇشماستىن ئاشۇ شىپىرىسلارنى تېرىپ ئويناش جەريانىدا يىڭنە قوللىرغا سانچىلىپ كەتسە كېسەل يۇقامدۇ؟مەن كۆرگەن ماتېريالدا ئەيدىز ۋىروسى بەدەندىن ئايرىلىپ 5مىنۇتتىن كېيىن ئۆلۈدىكەن،ئۇنداقتا كېچىلىرى تاشلىۋېتىلگەن ئاشۇ شىپىرىسلاردىكى قېتىپ قالغان قان يۇقىلىرىدا ئەيدىز ۋىروسى بارمىدۇ؟

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش