داۋالغۇش ئىچىدىكى فىرانسىيە: ناپالىئوندىن دىگولغىچە
ياسىن ئەبەيدۇللا
1789-يىلى فىرانسىيە چوڭ ئىنقىلابى پارتىلىدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ تاكى 1958-يىلغىچە فىرانسىيە ئىنقىلاپ، ئۇرۇش، ھاكىميەت ئالمىشىشتىن ئىبارەت دەۋرىيلىك ئايلىنىشقا كىرىپ قالدى. بۇ ئىككى ئەسىرگىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە فىرانسىيەدە بەش قېتىم جۇمھۇرىيەت، ئىككى قېتىم ئېمپېرىيە قۇرۇلدى. ئىلگىرى پادىشاھلىقلار نەچچە قېتىم تىرىلىش قىلدى. نەچچە قېتىم چوڭ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۇردى. تارىختا بەلكىم دىمۇكراتىيە ئۈچۈن فىرانسوزلاردەك كۆپ قېتىم كۆرەشكەن مىللەتتىن يەنە بىرى بولمىسا كېرەك.
1792-يىلى فىرانسىيە تارىخىدا تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلدى، ئەمما ئىچىكى نىزا ۋە چەتنىڭ مۇداخلىسى ئالدىدا ئاجىز كەلگەن ھاكىميەت بېشىدىكلەرنىڭ ئىناۋىتى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ، كورىسكا ئارىلىدىن كەلگەن، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ناپالىئوننىڭ ئىناۋىتى كۈنسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ باردى. ئەينى چاغدا ياۋرۇپادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار فىرانسىيە جۇمھۇرىيتىگە قارىشى بىرلىكسەپ قۇرغان بۇلۇپ،يالغۇز فىرانسىيە ئەتراپىدىكى ئاۋىستىرىيە، پىروسىيە، ئەنگىليە ۋە روسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبور بولغانىدى. ئەمما بۇ كۈچلۈك دۇشمەنلەرنىڭ ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتقىنى تىخى 30ياشقىمۇ كىرمىگەن ياش ھەربى ناپالىئون ئىدى. 1804-يىلى ناپالىئون ئېمپىراتور ئاتالدى. ئۇ قۇرغان ئېمپىرىيە فىرانسىيە 1-ئېمپىرىيىسى دەپ ئاتالدى.
1812-يىلدىكى روسىيە يۈرۈشى فىرانسيەنى ھالدىن كەتكۈدى ۋە ئۇنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويدى. 1815-يىلى ۋاتىرلو ئۇرۇشى ناپالىئوننىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلىشىپ، مۇستەبىت بوربۇن خانلىقىنىڭ قايتا تىرىلىشىنى ۋۇجۇتقا كەلتۇردى. ئەمما فىرانسىيە خەلقى 1848-يىلى يەنە بىر قېتىم ئىنقىلاپ قىلىپ فىرانسىيە 2-جۇمھۇرىيتىنى قۇرۇپ چىقتى. لىكىن بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۇمرى تۇلىمۇ قىسقا بۇلۇپ قالدى. 1852-يىلىغا كەلگەندە فىرانسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭى ، ناپالئوننىڭ نەۋرىسى ئۆزىنى ئېمپىراتور دەپ ئاتاپ فىرانسىيە 2-ئېمپىرىيسىنى قۇردى. جۇمھۇرىيەت يەنە بىر قېتىم سەھنىدىن چۈشۈرۈلدى.
ناپالىئوننىڭ نەۋرىسى بۇۋىسىدەك ئېقتىدارلىق ئەمەس ئىدى. 1870-يىلى فىرانسىيە –پىرۇسىيە ئۇرۇشىدا فىرانسىيە ئارمىيسىنىڭ مەغلوپ بولغانلىق خەۋرى پارىژغا كىلىشى بىلەن بىر قىسىم جۇمھۇرىيەتچىلەر دەرھال ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەشكىللىدى. ئۇنىڭ مەغلۇبىيتى كۈچلۈك گىرمانىيەنىڭ مەيدانغا كىلشى بىلەن نەتىجىلەنگەچكە فىرانىسىيە خەلقى ئۇنىڭ ئېمپىرىيىسىنى گۆرگە يولغا سىلىپ قويدى.شۇ يىلى 9-ئايدا فىرانسىيە 3-جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان بۇ جۇمھۇرىيەت 70يىل مەۋجۇت بۇلۇپ، 1940-يىلى گېتلىر ئارمىيسىنىڭ ماجىنو مۇداپىئە سىپىنى ئايلىنىپ ئۈتۈپ، بىلگىيە ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى ئارقىسىدا مۇنقەرىز بولدى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىششىغا ئەگىشىپ فىرانسىيە يىڭى ئاساسى قانۇنى ماقۇللىنىپ 1946-يىلى 10-ئايدا فىرانىسىيە 4-جۇمھۇرىيتى قۇرۇلدى. بۇ قېتىمقى ئاساسى قانۇندا زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقى زور دەرىجىدە چەكلەنگەن ، ھۆكۈمەت ئاجىز كۈچسىز ئىدى.1958-يىلى ئالجىرىيەدە مۇستەقىللىق ھەركىتى پارتىلىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا فىرانسىيىنىڭ ئازاتلىق ئۇرۇشىنىڭ يىتەكچىسى گىنرال دىگول بۇ جۇمھۇرىيەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يىڭى ئاساسى قانۇن تۈزۈشنى ئۇتتۇرغا قويدى. پارلامىنىت بارلىق ھۇقۇقنى دىگولغا بەردى. شۇنىڭ بىلەن يىڭى ئاساسى قانۇن تۈزۈلۈپ دىگول زۇڭتۇڭ بۇلۇپ سايلاندى. مانا بۇ تارىختىكى فىرانسىيە 5-جۇمھۇرىيتىدۇر. بۇ قېتىمقى ئاساسى قانۇندا زۇڭتۇڭنىڭ ھۇقۇقى كىڭەيتىلگەن. بۈگۈنكى كۈندە فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ھۇقۇقى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ھۇقۇقىدىنمۇ چوڭ دىيىشكە بۇلىدۇ. ئۇ ھۆكۈمەتنى باشقۇرۇپلا قالماي، پارلامىنىقىمۇ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. نۆۋەتتىكى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۈتەش مۇددىتى 5يىل. ئەمما قانچە نۆۋەت بۇلۇشى بەلگىلەنمىگەن.
ئىككى ئەسىرگە يىقىن ئىلىپ بېرىلغان ئىنقىلاپلاردىن قالغىنى مەلۇم بىر خىل تۈزۈلمە بولماستىن بەلكى ئىنقىلاپ روھىدىن ئىبارەتتۇر.