بىزنىڭ جامبازلارنىڭ تارىغىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار بىلەن تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت، جامبازلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلىق ئارسىدىكى ھەرخىل رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ كىلۋاتىمىز، مەسلەن: تۇختى چامباش، نىيار يۇپاڭ ، مۆمىن پەشۋا قاتارلىق ، بىزنىڭ نۇرغۇن جامبازلىرىمىز تارىختا ئۆتكەن ۋە دۇنيا جامبازچىلىغىغا مەلۇم تەسىر كۆرسەتلەنلىك تۇغۇرسىدا بىر ماتىريال كۆرگەن ئىدىم، قەيەردە كۆرگەنلىگىم ۋە قايسى كىتاپتىن كۆرگەنلىگىمنى ئىسىمگە ئالالمايۋاتىمەن، بىزنىڭ نۇرغۇن داڭلىق ئادەملىرىمىز ئۆتكەن، ئىسىمدە قىلىشىچە بىزنىڭ مەھەلىدە نۇرغۇن بالىلار كۇندە قۇم تاققا چىقىپ چامباشچىلىق مەشىق قىلاتتۇق ،بىزدىمۇ خىلى كۆزگە كۆرۇنگەن بىر قىسىم باتۇرلار بار ئىدى، سۇدا مىڭىش، تام دا قەدەم ئىلىش ، مۇش ،پەشۋا ماھارىتى دىگەنلەردە بەلگىلىك ئاساس تىكلىگەن، مەھەلىدىكى بارلىق ياشلار ئاساسەن تاغدا مەشىق قىلاتتى ، بەدەن چىنىقتۇراتتى ھازىر ئۇلارنىڭ ئىزناسىنى كۆرگىلى بۇلمايدۇ، ناھايىتى ئەپسوسلىنىمەن، شۇ ۋاقىتلاردا گۇچۇڭدىكى داڭلىق چامباشلارنىڭ نامىنى ئاڭلىغان، ھازىر ئۇرۇمچىدە ئاتامان كۇلۇبى قۇرۇلۇپ ناھايىتى ياخشى بۇلۇپتۇ، بۇلسا مىللەت ئۇچۇن كۆپلىگەن ئەكەكلارنى تەربىيلەپ يىتىشتۇرۇپ چىقىشىنى تىلەيمىز.