مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: gamkn

مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئاللاھتىن سورىغان سۇئالى (gamkn) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 08:58:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەننەتتىكى خوشنا.....

بىر كۈنى مۇسا پەيغەمبەر خۇدادىن: <ئاللاھىم بۇ دۇنيا چەكلىك دۇنيا لېكىن، ئۇ دۇنيادا، جەننەتتىكى چەكسىز ھاياتىمدا قانداقراق ئادەم بىلەن خوشنا بولىمەنكىن دەپ ئويلىنىپ قالىمەن، چۈنكى ھەر كۈنى ئىشىگىمنى ئاچسام ئۇنى كۆرۈپ تۇرىمەن، ماڭا ئۇ خوشنامنىڭ كىم بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەڭ؟ > دەپ سوراپتۇ. ئاللايىتەئالا ئىنسانلارنىڭ بىلمىگەن ئىشلارنى بىلگىسى كېلىدىغان ئادىتىنىڭ بارلىقىنى، ئادەم ئەلەيھىسالامنىڭ جەننەتتىكى چەكلەنگەن بۇغداينى يېيىشىدىن تارتىپلا بىلگەنلىكتىن، ھېچ ئىككىلەنمەستىن مۇسا پەيغەمبەرگە: <سېنىڭ جەننەتتىكى خوشناڭ ھازىر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلاردىن بىرى، بەكرەك بىلگىڭ كەلسە، ئۇ ھازىر خوراساندىكى چوڭ مەسجىدنىڭ يېنىدىكى قۇشخانىنىڭ خوجايىنى> دەپتۇ.
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام ئەسلىدە ئۆزىنىڭ جەننەتتىكى خوشنىسىنى بىرەر پەيغەمبەر ياكى ھېچ بولمىسا تونۇلغان بىرەر شەخس بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىغان ئىكەن. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ قاسساپ بولۇپ چىققانلىغىدىن پەيغەمبىرىمىز، <ئۇ ئادەم قانداق خاسىيەتلىك بىر ئىش قىلغاندۇ!؟ بولمىسا نە ۋەجىدىن ئۇ مېنىڭ جەننەتتىكى خوشنام بولالايدۇ> دەپ، ئۇ كىشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ خوراسانغا يولغا چىقىپتۇ.
ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام خوراسانغا بېرىپ ئۇ قۇشخانىنى تېپىپتۇ. قۇشخانا خوجايىنى ئورتابوي، كېلىشكەن بىر كىشى بولۇپ، خېرىدارلار بىلەن سودىلىشىۋاتقان ئىكەن. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسالامنى كۆرۈپ قىزغىن سالام بېرىپ، تىنچ-ئامانلىق سوراپتۇ. پەيغەمبەرىمىز خىيالىدا <ئەجەبا بۇ قاسساپنىڭ يېقىملىقلىقى، سۆزىنىڭ گۈزەللىكى، مەن بىلەن جەننەتتە خوشنا بولۇشقا لايىقمىدۇ؟> دەپ ئويلاپتۇ. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ گۆشلەرنى ئادىللىق بىلەن خېرىدارلارغا جىڭلاپ بەرگىنىنى كۆرۈپ <ياكى جىڭدا ئادىل بولغىنى ئۇچۇنمىدۇ؟> دەپ ھەيران بولۇپتۇ. ئۇنىڭ خېرىدارلىرى بىلەن رازىمەنلىك خوشلاشقاندىن كېيىن، ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ باشقا يەردىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر ياخشىراق ساراي تېپىپ بېرىشنى سوراپتۇ. قاسساپ <بىر ساراي بار، لېكىن بۇ كۈنلەردە سودىگەرلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن، خالىسىڭىز مېنىڭ مىھمىنىم بولۇپ مېنىڭ ئۆيۈمدە قونۇپ قېلىڭ، مەنمۇ يالغۇز تۇرىمەن، شۇ باھانىدا سىز يۇرتىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرسىڭىز، باشقا يۇرتلارنىڭ ئاھۋاللىرىنىمۇ بىلىپ قالارمەن > دەپتۇ.
مۇسا پەيغەمبەر ماقۇل بوپتۇ ھەم ئىچىدە <مۇشۇنداق مىھماندوست بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بىلەن خوشنا بولغىدەكمۇ؟>دەپ ئىككىلىنىپتۇ. كەچتە ئۇلار ئۆيگە قايتقىچە قاسساپ مېھمانلىق ئۈچۈن كۆپ نەرسىلەرنى سېتىۋاپتۇ، بۇنى كۆرۈپ <خۇدا ئۇنىڭ سېخىلىقىدىن ماڭا خوشنا قىلدىمۇ-يە> دەپ ئويلاپتۇ. ئۆيگە يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭ ھويلىسىنىڭ پاكىزلىكى ئۆينىڭ ناھايىتى رەتلىك سەرەمجانلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ <ئۇنىڭ پاكىزلىكى خۇدانىڭ كۆڭلىگە ياققان ئوخشايدۇ.> دېگەن خىيال كۆڭلىدىن كېچىپتۇ. قاسساپ ھايت- ھۇيت دېگۈچە مېھمانلىق داستىخاننى ھازىرلاپ <سىز يىراق يەردىن كەلدىڭىز، ھېرىپ-ئېچىپ كەتكەنسىز، قېنى داستىخانغا بېقىڭ، مېنىڭ ئازراق ئىشىم بار> دەپ ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.
ئۇنىڭ ئۆزىنى يالغۇز تاشلاپ ماڭغىنىدىن شۈبھىلەنگەن مۇسا پەيغەمبەر ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ چىقىپتۇ. كۆرۈپتۇكى، ئۇ كىشى ناھايىتى قېرى، بىر-تېرە، بىر-ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن بىر موماينى كارۋىتىدىن تۇرغۇزۇپ، سۈت ئىچكۈزىۋاتقىدەك. مۇسا پەيغەمبەر ئەجەپلىنىپ <بۇ موماي كىم؟ سەن ئۆزەم يالغۇز دېگەنتىڭ؟> دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشى جاۋابەن: <بۇ مېنىڭ ئانام، دادام ۋاپات بولغاندىن كېيىن پالەچ بولۇپ قېلىپ ھازىرغىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى، بېلىنىڭ ئاستى تەرىپى سەزمەيدۇ. ئۆيلىنەي دېگەنتىم، لېكىن مەندىن باشقا بىر كىشىنىڭ ئانامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا كۆزۈم يەتمەي ئۆيلەنمىدىم. ئانام كەم سۆز بىر ئايال، لېكىن ئۇنىڭ بىر دۇئاسى بار، ئۇ دائىم شۇنى تەكرارلايدۇ> دەپتۇ. بۇنىڭغا قىزىقىپ، <قېنى ئاناڭنىڭ دۇئاسىنى بىر ئاڭلاپ باقسام> دەپتۇ مۇسا پەيغەمبەر. قاسساپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ <بەكمۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەمما، ئانام دائىم: <ئوغلۇم مەن سەندىن رازى. خۇدا بۇيرىسا جەننەتتە ھەزرىتى مۇسا ئەلەيھىسالام بىلەن خوشنا بولۇرسۇن> دەپ تەكرار-تەكرار دۇئا قىلىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مەن كىم، ھەزرىتى مۇسا پەيغەمبەر كىم، مەن قانداقمۇ جەننەتتە ئۇنداق بىر ئۇلۇغ زاتقا خوشنا بولالايمەن!؟ مۇسا ئەلەيھىسالام <خۇدا بۇيرىسا، ئاناڭنىڭ ئىستىگى ئەمەلگە ئاشىدۇ> دەپتۇ، ھەمدە ئۇ كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتىسى مىسىرغا قايتىپتۇ ۋە بۇ ۋەقەنى كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بەرىپتۇ   。


مەنبە   :

http://www.kutlan.net/asp/uqur_list.asp?id=90

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8891
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 788 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 10:42:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمتىھان دۇنياسى بۇ؟ھامان بىركۈنى ياشىغاننىڭ ھىسابىنى بېرىمىز

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68509
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3225
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 10:50:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9311
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 10:54:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يازمايلى قېرىنداشلار!
نىمە قىلىمىز مىسرانىمنى پىچەكلەشتۈرۈپ.

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78872
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3087
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2013-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 11:02:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولغان تېمىڭىزغا رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 11:07:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 02:30 AM

تونۇشلىغۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9612
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 561 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2014-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 11:16:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن. يوللىغىچىغا رەخمەت.

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13042
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4254 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 12:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىندىشىم ياخشى تىمايوللاپسىز داۋاملىق يوللاپتۇرغايسىز ئۇلۇق اللاھ ئەجرىڭىزنى كوپبەرگەي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80329
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3331
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-5-19
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 12:20:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-3 12:24:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ssqi يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 03:24 AM
بۇ يەردە ھىچنىمە يوققكەن ...........پەقەت بىر بىلوگ تۇرغان ...

ئو مۇنداق  دەڭ   بولىدۇ  شۇ ھەر كۇنى ئۇنداق ئەمەسقۇ  بۈگۈن قارىسام بىلوەىنىڭ زىيارەت سانى بەكلا ئاز شۇڭا شۇنداق قىلىپ 3 تال ئىنكاس يوللۇدۇم

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش