شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى: ھىندىستان ساقچىلىرى 28-ماي كۆپ مىقداردا يۇندا ئارىلاشتۇرۇلغان سۈتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، تۆت نەپەر گۇماندارنى قولغا ئالدى.
بۇ تۆت نەپەر گۇماندار بومبايدا يۇندا سۈتلەرنى سېتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلغان. ئالتە ئايدىن بېرى بۇ گۇماندارلار %60 سۈت، %40 يۇندا نىسبەت بويىچە سۈپىتى ناچار سۈتلەرنى ياساپ، ئەخلەت تۇڭىدىن يىغىۋېلىنغان سۈت خالتىلىرىغا قاچىلاپ كىشىلەرگە ساتقان. ساقچىلار 181 دانە سۈت خالتىسى ۋە 161 لىتىر سۈپىتى ناچار سۈتلەرنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ھازىر بۇ تۆت نەپەر گۇماندارنىڭ ئۈستىدىن بۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۈتلەرنى ياساپ ساتقان جىنايەت شايكىلىرىغا تەۋە ياكى ئەمەسلىكى توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
ھىندىستان ئوزۇقلۇق بىخەتەرلىك ئورگىنى بۇ يىل 1-ئايدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ھىندىستاندا سۈت بىخەتەرلىك مەسىلىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، بازاردىكى 3/2 قىسىمدىن ئارتۇق سۈتلەرگە تۇز، تازىلاش دورىسى، سۈت پاراشوكى، سۇ قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
http://i.nur.cn/news/2012/05/70163.shtml