مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 570nimauqun

تەجەلىلىنىڭ جەرراھلىق ( ئوپىراتسيە ماھارىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64273
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-11-9
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 11:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ...........ئاخىرىنى تېزىرەك ئوقۇساق بولاتتى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32532
يازما سانى: 538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7169
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 806 سائەت
تىزىم: 2011-3-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-5 11:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xoh يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 05:01 PM
ئۇ ئادەم ھازىر بولسا ئىش تىرىيدىكەندە
قەبرىدىكى جە ...

ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش بىر ئاللاھقا خاس ....... دىققەت

ھەسرىتىمنى كىمگە ئېيتىمەن ،   بۇ دەردىمنى كىمدىن ئالىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 12:12:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 11:29 PM
ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش بىر ئاللاھقا خاس ....... دىققەت

تېخنىكىدا شۇ ئۇلۇكنى تىرىلدۈرەلمىسىمۇ ، DNA  ئارقىلىق كىلونلاپ شۇ كىشىنىڭ نۇسخىسىنى چىقىرالايدۇ ...........!

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1799
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 721 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 12:40:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 01:26:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كىتاب بولسا مەنمۇ بىر ئوقۇپ باقاي .مەنمۇ تىبابەتكە بەكلا قىزىقىمەن .

بۇتخانىدىن ئىبر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61123
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4454
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2012-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 01:27:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
... قەلىبلەردىن ساپ مۇھەببەت كۆتۈرۈلمەكتە، كۆزلەردىن ئۇيات-ھايا  خۇددى تۈتىيادەك غايىب بولماقتا. يالغانچىلىقنىڭ زۇلمەت پەردىسى دوست-بۇرادەرچىلىك، ئاشنالىقنىڭ يۇزىگە كۆلەڭگە تاشلاپ، ئۇ يەردە بىرەر يورۇقلۇقنىمۇ قالدۇرماي يوقاتماقتا. بۇ ئاي، بۇ كۇنلەردە سېنى سېغىنىدىغان يارۇ_بۇرادەرلىرىڭنىڭ يۇزلىرىدىمۇ مۇنافىقلىقنىڭ داغلىرىنى كۆرىسەن. مۇسۇلمانلار  گۇروھى خەلقئالەم ئالدىدا ئەڭ نۇمۇسلۇق ئىشلارنى قىلماقتا. ئۇلار غەيرەت_شىجائەت ۋە كۈچ_قۇدرىتىنى ئۇتتۇرىۋەتمەكتە.ھەممەيلەن ئاغزىدا ( تەرەققىيات)تىن گەپ ئاچقىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئالتۇن تېپىپ باي بولۇش قەستىدە يۇرمەكتە. مېڭىسى دۇنيا مۇھەببىتى بىلەن مەست بولغان ئالىملىق داۋاسى قىلغۇچىلار پىتنىخورلۇق ۋە يامانلىق بىلەن ئۈستۈن بولۇۋېلىشماقتا . ئۇلار جىدەل- ماجىرا ئىلمىگىلا ئۇرۇنغاچقا ، يامانلىق ۋە پىتنىخورلۇقنىلا كەسىپ قىلىپ، قۇرئان ۋە ھەدىس ئىلمىدىن يىراقلاشماقتا . ئۇلارنىڭ ئىلىم ئوقۇشتىن مەقسىتى شەيخ بولۇش ، مۇدەررىس بولۇش ، مەنسەپدار بولۇش . ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئەلگە خىزمەت قىلىش مەقسىتى يوق . ئۇلار پەردازلانغان ھىيلە-مىكىرلەر بىلەن پېقىرلارنىڭ قېنىنى ئانىسىنىڭ سۈتىدەك كۆرۈپ ئىچىشمەكتە . ئىبلىس سۈپەتلىك بىدئەتچىلەر _ قىلغان قىلىقلىرى شەرىئەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ، «ھۇ» تارتىپ ساما سالغۇچىلار،  شەرىئەتنىڭ كۆكسىگە "ھۇ" نىڭ نەيزىسىنى ئۇرۇشماقتا . جاھالەتنىڭ يۇندىسىغا پېتىپ قالغان گاچا - ئەخمەقلەر ئۆزىنى لەھەڭ كۆرۈپ ، ئىلىمدىن لاپ ئۇرۇشماقتا .  ئېشەكلەر « مەن تۇلپار » دەپ جار سېلىشماقتا ، تۈلكىلەر «مەن ھەيۋەتلىك يولۋاس » دەپ لاپ ئۇرۇشماقتا . بەڭگىلەر « ھۇشيارمەن »  دەپ پو ئېتىشماقتا ، « ئەرشكە بېشىمنى سۈرتكەنمەن » دەپ يالغانچىلىق قىلىشماقتا . رەيھان گۈللەر قەدىرسىز گىياھلاردىن رەڭ ۋە بۇي ئىزدىمەكتە ،دەريالار ئالدامچى پالەكتىن ئابرۇي ئىزدىمەكتە . سېرىق قۇرت تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى يېتىلىمەكتە ، ئىتلار توق ، يولۋاسلار تۇتقۇن بولۇپ ئاچ قالماقتا . خۇددى زامان ۋە زېمىن باشقا بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك گۆھەر ساپال، ساپال گۆھەر دەپ قارالماقتا.
     
       دەۋردە  گۆھەرنى تونۇيدىغان كۆز  بولمىغاچقا، گۆھەر ساتىدىغان دۇكىنىمنى تاقىۋىتەي دەيمەن. باھارغا ئوخشاش جـەۋلان قىلىدىغان  قـەلىمىمنىڭ شاش تېيىنى خـامۇشلۇقنىڭ قولى بىلەن  تىزگـىنلەپ، يۇگۇرۇشتىـن   توختاتقايمەن. كور  يۈرەكلەرنىڭ بەختىگە ئاق_قارىنى پەرق ئېتەلمەيدىغان زامانمۇ گۆھەر مارجاننى  پالپىلەك  ئوخشاش كۆرمەكتە.  مېنىڭ  بۇلبۇلۇم  سايراشتىن ۋاز كېچىپ، نەغمىنىڭ ھەۋىسىنى شۇم قاغىلارغا تاشلاپ بەردى.  شەيتان  ئۇلارنىڭ  دىللىرىغا تاشلىغان مەغرۇرلۇقنى مۇقەددەس  روھـ  ئالىمىدىن  كەلگەن پەيزى ئىلھام  دەپ  ئاتايدۇ.  ئەھۋال  شۇنداق ئىكەن، گۆھەر چاچىدىغان قەلىمىمنىڭ  گۆھەر  تامچىلىرىنى  تامچىلاتقىنى خاتا بولماي قالسۇنمۇ؟   سۇمبۇل ۋە نەسرىن  گۇللىرىنى قانداقمۇ بۇ تۆت  پۇتلۇق  ھايۋانلارغا  ھەلەپ قىلىپ بېرىمەن. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىدەك  خۇش ئاۋازىمنى قانداقمۇ بۇ ئېزىتقۇ_ ئالۋاستىلارنىڭ  قۇلاقلىرىغا  يەتكۈزگىلى بولسۇن؟  بۇ نىجاسەت كولاشقا ئادەتلەنگەنلەرگە  ئارچا ۋە رايھاننىڭ خۇشبۇي ماتاسىنى ساتسام زۇلۇم بولىدۇ ئەمەسمۇ؟  شەپەرەڭلەرنىڭ كۆزىگە نۇرلۇق قۇياشنىڭ جىسمىنى سوۋغا قىلسام جاپادىن باشقا نىمە بولماقچى؟   بۇ  ئەسكىلەرنىڭ  دەستىدىن ئىلىم ۋە سەنئەتنىڭ  ئالىي ماتاسى شۇنداق ھالەتكە  چۈشتىكى،  جەننەتنىڭ بۇيى پۇرايدىغان  سۆزنى كىشى بىر ئەخلەتكىمۇ ئالمايدىغان بولدى. بوم  قۇشلارنىڭ ھەيۋەتلىك تاۋۇشلىرى يۈرەكنى ئېزىۋىتىپ تۇرسا، دىللارنى جەلپ قىلىدىغان  خۇش ناۋا بۇلبۇلنىڭ سايراشغا قانداقمۇ زەۋقى بولسۇن؟ تىكەن ۋە ئەخلەتلەرگە ئۇممان  دەرياسىنىڭ نىمە پەرۋايى؟! گۈلخاندىن ئۆرلىگەن بۇس_پوخۇناقلارنىڭ  نۇرلۇق  قۇياشنىڭ يالتىراشلىرىنى يوق قىلىۋىتىشكە  قانداقمۇ  قۇدرىتى يەتسۇن؟!  ئاھ، ئۇلار دىگەندەك شائىرلىق ئىلىم_مەرىپەتلىك  كىشىگە ئـەيـپ بولىدىغان  بولسا ،  ھەيرانمەنكى، ئۇلارنىڭ قوللىرى نىمە ئۈچۈن ئادەتتىكى بايانلارنى يېزىشتىنمۇ تىترەيدۇ؟  ئۇلار مېنىڭ گۈللۇك ۋە گۈزەل كىيىملىرىمنى ئەيىبلىشىدۇ، ئەممـا  ئۆزلىرى باشلىرىغا كونا ئىشتاندا سەللە  ئورايدۇ.  ئەگەر شېئىـر  دىگەن ئۇلۇغ  كىشىلەرنىڭ  پەزىلىتىنى  كۈيلەيدىغان ئالىي خىتاب بولمىسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ھەسسان دىگەن  شائىرغا  شېئىر كۈيلەش ئۈچۈن مۇنبەر قويۇپ بەرمىگەن بولاتتى.  بۇ خاۋارىج ئىتلارنىڭ  قاۋىشىدىن ماڭا  نىمە  خەۋپ  بولسۇن؟   چۇنكى مەن  اللە نىڭ  يولۋىسى _ ئەلى رازىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ  ئەركەك  پەرزەنتىمەن.  بۇ نامەردلەرنىڭ كۆزلىرى مېنىڭ پەزلىمنى كۆرۈشتىن خىرە بولسا ماڭا نىمە غەم؟  چۇنكى كۆز قارىچۇقۇم  مەشھۇر ئالىم، ئەدىبلەر بەزمىسىنىڭ كۆزىدۇر. ياشلىقتىن ھوسن_جامالغا، باھاردىن باغۇ بوستانغا  گۈزەللىك زىيادە بولغاندەك، نازۇك ئىبارىلىك شائىرلار بەزمىسىگە سۆزلىرىم  گۈل ئۇستىگە گۈل بولۇپ  قوشىلىدۇ.  مەن شەرقنىڭ  قۇياشقا  ئوخشاش پادىشاھىمەن. مېنىڭ  ئىلىم ھىكمىتىم بۇ كۇندە شەرقنى يورۇتۇش  ئۈچۈن  تىغ  يالىڭاچلاپ  تۇرماقتا. مېنىڭ نەپەسلىرىم ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ  نەپەسلىرىگە ئوخشاش ئىلىمنىڭ  تېنىگە جان  كىرگۇزىدۇ. لېكىن، مېنى ئىنكار  قىلىدىغان  دەججاللارنىڭ دىل ۋە جانلىرىنى جاراھەت  قىلىدۇ.  مېنىڭ  سۇرگەن  ئىبارىلىرىمگە قاراپ باق!  ھەر بىر ئىبارەم  تەكتىدە شائىرلارنىڭ يۇرتى بولغان يۈز  خۇراساننى تاپىسەن!   قەلىمىم مەنالارنىڭ رەيھانە شارابىدىن مەست بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاۋازى مەستلەرنىڭ  غەزىلىگە  ئوخشايدۇ.  ئـەي  تـەجـەلـلـى،  ئەمدى خامۇشلۇقتىن بىسات ياسىغىن، بۇ ياۋايىلارنىڭ قۇلاقلىرىغا شۇنچىۋالا زىننەت ئاسقىنىڭمۇ  يـېتـەر !...


            
               بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tahdassira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-6 01:33 AM  


مۇھەببەت-نۇرلۇق قول بىلەن نۇرلۇق قەغەزگە يېزىلغان نۇرلۇق سۆز!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80392
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3250
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-5-20
ئاخىرقى: 2013-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-6 01:20:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم
  چۇقۇم  تىرشىمەن  ئىملاغا  دىققەت  قلمەن  كەچرۇڭلا
داۋامىنى  يۇللاپ  قۇيدۇم  بۇ  كىتاپ  كىتاپخانلاردا  بار
    ئۇيغۇرلىغمدن  پەخرلىنمەن  ياشا  ئۇيغۇر  ياخشى  ئىشمۇ  كىلدۇ  قۇلۇڭدن  يامان  ئىشمۇ  كىلدۇ  قۇلۇڭدىن  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش