مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: d@tman

مۇھەببەت دېگەن نېمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3317
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7714
تۆھپە نۇمۇرى: 320
توردا: 1440 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتنىڭ تەبىرى يوق .

ئوغۇل بالا ئېسىل ياشاپ شەرەپلىك قۇربان بولۇشى كېرەك . ئابدۇل.

كۆك ئەتتىرگۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 172
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ؟!

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80147
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە مۇھەببەتنىڭ ئېنىق قېلشپلاشقان جاۋابى يوق ، ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ قانداق چۈشىنىشىگە
باغلىق .

يار دەردىدە خۇن بولدۇق ،
تۈگمەنلەردە ئۇن بولدۇق .
قورقۇنچۇڭدىن قاتتىق تاش ،
بىرلىشەلمەي قـۇم بولدۇق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79144
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
datba يوللىغان ۋاقتى  2012-6-6 05:38 PM
مۇھەببەت تۇنۇشۇش بىلەن تۇغۇلۇپ......... كۇيۇنۇش بىلەن چوڭ  ...



ئەسسالامۇئەلەيكۇم ( دەت با خېنىم )  دەتمەننىڭ تېمىسىغا چۈشكەن ئىنكاسلار ئارىسىدا سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز ئەڭ جانلىق ئىنكاس بوپتۇ ، بىراق نەچچە قېتىم رەددىيە بىرىپ قويغان بولساممۇ يەنىلا ( ۈ  ۆ  ۇ ) دىگەن  مۇشۇ ئۈچ  ھەرىپنى پەقەتلا جايىدا يازالماي ۋاتىسىز  . باشقا تېمىلاردىكى ئىنكاسىڭىزغا قارىساممۇ شۇنداق ياخشى بىراق يەنىلا ئىملا خاتالىقى بەك ئېغىر ، مۇشۇنداق دەۋىرىپ كۆزىڭىزگىمۇ بەك سەت كۆرۈنۈپ كەتتىم ھە ، قاچان !  خاتا چۈشىنىۋالماڭ سىزگىلا ئەمەس باشقىلارنىڭمۇ ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ھامان ، نەخ مەيداندىلا ئىنكاسىنى نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ رەددىيە بىرىپ كىلىۋاتىمەن . ئەسلى ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق دىسەممۇ بۇلاتتى ، بىراق ئاشكارە بىرىلگەن تەنقىدنىڭ ئۈنۈمى ، يۇشۇرۇن بەرگەن تەنقىدكە قارىغاندا ياخشىراق بولىدۇ دەپ قارايمەن . كونىلاردا بىلمەي تۇرۇپ قىلغان ئىش ئەيىپ ئەمەس ، بىلىپ تۇرۇپ ئۆزگەرتمىگەن ئىش نۇمۇس دەيدىغان بىر گەپ بار . ئۆتكەندە تۇنجى تەنقىدنى دادىللىق بىلەن  چىن كۆڭلىڭىزدىن قۇبۇل قىپتىكەن سىز ، شۇ ئىنكاسىڭىزدىن قاتتىق سۆيۈنگەن ھالدا يەنە قايتا ئىنكاسىڭىزنى نەقىل ئېلىپپ سالدىم ، ئەيىپكە بۇيرىمىغاي سىز ، مەندىن ئۆتكەن يىرى بولسا سىزدىن يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن .

ئانا تىلىمىزنى ھۆرمەت قىلىش توغۇرسىدا بەك تولا تېما يوللاپ زىرىكىپ ، چارچاپمۇ كەتتۇق ، مۇشۇنداق بايقىغان ھامان ئىنكاس ئارقىلىق رەددىيە بىرىپ قويساق ، قارشى تەرەپمۇ سەمىمى قۇبۇل قىلسا ، كىيىنچە بارا-بارا ئوڭ شۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ، توغۇر چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئىملانى 100% توغۇر يېزىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ، بۇنىسى ھەممىمىزگە مەلۇم ، مانا مېنىڭ مۇشۇ ئىنكاسىمدىمۇ ئىملا خاتالىقى تۇرۇپتۇ ، ئىنسانلا بولىدىكەن خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس . لىكىن بىلگىنىمىزچە قاتتىق دىققەت قىلساق !  
باشقىلارنىڭ نىمە دەپ قۇسۇر تېپىشى بىلەن كارىم يوق ، بىراق مەن ئانا تىلىمغا بولغان ھۆرمەتنى مۇشۇنداق كۆرگەن ، بايقىغان يىرىمدە رەددىيە بىرىپ ماڭىمەن ، ئىنكاسىم بەك قوپال بىلىنىپ قۇبۇل قىلاممىغانلار بولسا ،  كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دىگەن گەپ بار ، بۇنىڭدىن ياخشىراق ئاماللار بولسا بىرلىكتە پايدىلانساق بولىدۇ ، ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش .... دەپ مىدىرلىماي ئولتۇرغاندىن ، مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ قىلالىغىنىمىز ياخشىراق دەپ ئويلايمەن .
ھۆرمەتلىك تورداشلار  ئانا تىل دىگەن بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم بىر بەلگە ، ھېلىمۇ نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزنى يوقۇتۇپ بولدۇق ، ئەمدى ئانا تىلىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ قوغداپ قالايلى .
كىچىككىنە ئىملا خاتالىقىغا نىمانچە قايناپ قالىدىغاندۇ دىمەڭلار ، ئادەتتە مۇنبەردە پۇچەك ئىنكاس بىلەن ئىملا خاتالىقىنى كۆرسەم ، مىڭەمنىڭ تۇمۇرى پاڭڭىدە قىلىپ ئېتلىپ كەتكىلى ئارانلا قالىدۇ .
قېرىنداشلار ئىنكاسنى يازغانغىلا ھىساپ ئەمەس ، ئىنكاسنى شۇ تېمىغا ماس كەلتۈرۈپ ، ئاز ھەم ساز يازساق ، قىسقىسى مېغىزلىق گەپلەرنى قىلىپ ، نەق گەپنى يازساق . قالايمىقان ۋە تۇترۇقسىز ئىنكاس يېزىشتىن قاتتىق ساقلانساق ياكى يازمىساق . بەزىدە شۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتقان ئەزالاردىن قاتتىق سۆيىنى ۋاتسام ، ئارقىدىنلا شۇ ، تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ ياكى شۇ ، ئىنكاسنى يازغان ئەزالاردىن قاتتىق يىرگىنىپ كىتىمەن . يەنە بەزىدە ئۆز ئارا نەشتىرىنى سانجىۋاتقان ئەزالارغا قاراپ ، ئۆزەمنى قايسى مىللەتنىڭ مۇنبىردە ئىكەنلىكىنى بىلەممەي قالىمەن . بولۇپمۇ مۇشۇ يىقىندا كىچىك ئىشلار ياكى بىزلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىزلەر توغۇرلۇق جىدەل - ماجىرالار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولىۋاتىدۇ .
ۋاي-ۋۇي ، نېمە دېگەن تولا ئۇرۇش بۇ ؟ نېمە دېگەن تولا گەپ ئۇ ؟ ھېلىمۇ تور بولۇپ قاپتۇ  ، ئەگەر تور بولماي بىرەر ئۆي ياكى مەيداندا بولۇپ قالغان بولسا كۈنىگە نەچچە مىڭ ئەزا تۈرمىگە تاشلىنىپ ياكى ئۆلۈپ بولغان بولاتتى . بەزى جىدەللەر بىر ئىنكاس تۈپەيلى يۈز بېرىۋاتسا ، يەنە بەزى جىدەللەر قىزغىن مۇنازىرە بۇلىۋاتقان تېمىغا ، مۇنبەرگە ئايدا بىر كىرىدىغان ماڭقۇرۇتلارنىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەك توككىدە چۈشۈپ قالغان بىر ئىنكاسى تۈپەيلى ئاخىرى بېرىپ جېدەلگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ . لىكىن بىز شۇنداق ئىنكاسلارنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كەتسەكما بولىدۇ ، ياكى ھىسياتىمىزنى ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويۇپ ، قىززىق قانلىق بىلەن نادانلار بىرنى دىسە بىرنى دەپ ، كومپىيۇتۇر تاختىسىدا شەھەر ئالىمەن دىسەكما بولىدۇ . ئادەتتە بىرە تېمىنىڭ قىززىپ كەتكەن ۋاقىتتا بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرشى نۇرمال ئەھۋال . ھەر قايسى ئەل پارلامىنتلىرىدىمۇ مۇنازىرە قىلىشسا ، جېدەل ماجىرا بىلەن ئاخىرلىشىپ كىتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەنغۇ ، شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش ....
مۇنبەردە ئادەم كۆپ بولغاندىكىن بەزى مەسىلىلەرنىڭ قوزغايدىغان تەسىرىمۇ زور بولىدىكەن ، شۇڭا مىسرانىمدىكى جىدەل-ماجىرادىن خالى بولماق تەس ،  ھەمدە پاك-پاكىز مۇنبەر قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئەلۋەتتە .
شۇڭا ھۆمەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىز ئوغلانلىرى ، مۇنبەر-مۇنبەردەك بولسا ، بىر- بىرىمىزنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئىلمى يۇسۇندا پىكىر قىلساق . باشقىلارنڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلساق ، ئىككى تال مۇنبەر پۇلىنى دەپ پۇچەك ئنكاسلارنى ئازىراق يازساق . مۇنبەرنى مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ، ئېتىقادىمىزنىڭ ساپلىشىشىغا تۆھپە قوشىدىغان بىر ياخشى ئۆگىنىش سورۇنىغا ئايلاندۇرساق دىگەن ئۈمۈتتە .
كۆپ چىلىككە رەھمەت ، دەرىستىن چۈشسەڭلار بولىدۇ !

ئەسكەرتىش : گەپ ئىگىسىنى تاپار ....
بۇنداق ئىللەتلەر بولمىسا ئۆزەڭلەرگە ئېلىۋالمىغايسىلەر ، قارغا ئېلىش نىشانى بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن .








ھەددى - ھېساپسىز مال دۇنيانىڭ كەينىدە ، ھەمىشە بويۇنغا پاتقۇدەك گۇناھ - جىنايەتلەر ماراپ تۇرىدۇ .

ئۇمۇتلىك بول بۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28124
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3394
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 2371 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aㄒamaη يوللىغان ۋاقتى  2012-6-7 05:06 AM
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ( دەت با خېنىم )  دەتمەننىڭ تېمىسىغ ...

ۋەلەيكۇم ئەسسالام!
سەمىمى ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت ،
ياق ! كۆزۇمگە سەت كۆرۇنمىدىڭىز ،ئەكسىچە كوت كوت لىكىن كۆيۇمچان ئۇستازىمنى،
ئەسلەتتىڭىز ، تىرشىمەن ، داۋاملىق تىرىشماقتا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئايال بولساڭ دىنايەتلىك ياشا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش