نادىر ھىكايە، بىر ئوقۇغۇنىمچە ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكىنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن، پاھ...چارتىكىن، مۇنداقمۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى يىزىۋىتىدىغان ھۆنىرىڭىز بار ئىكەن-ھە؟
زەيتۇنەنىڭ تارتقان جاپالىرىنى خىلى-خىلى ئەزىمەتلەرمۇ تارتالمىغۇدەك...زەيتۇنەننىڭ ئىسىل پەزىلىتىگە بەكلا قايىل بولدۇم. نىمىدىگەن ئىسىل روھ...جاپادىن قورقمايدىغان، قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان روھىغا قاراپ بەكلا مەستلىكىم كەلدى، ھەرخىل ئىزىتقۇلاردىن ساق-سالامەت ئۆتۈپ ئامان ئىسەن قالغىنىغا ئۆزۈمچە شۈكۈر دەپ كتىپتىمەن...
ھەي...پوق قوساق، كىر گەدەن كەنىت باشلىقىنى كۆز ئالدىمغا چوشقىدەكلا كەلتۈردۈم...
ھىلىقى كىچىككىنە پۇل بىرىپ تۇرۇپ قىز سورايدىغان چەكەندىمۇ ئىشقىلىپ ھىلىقى ئادەم كۆزۈمگە زومىگەردەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى...
ئەزمەتنىڭ دادىسى ئەمەل تونىغا ئورىنىۋالغان، ھازىرقى زاماندىكى بىر قىسىم چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ ئوبدانلا مىسالى بوپتۇ...بالىلىرى ئىڭەككە تاقاشقاندىمۇ ئۆزىنى سورىمىغان ئادەمگە قانچىلىك ئازاپ،خورلۇق تارتسىمۇ ئەرزىيدۇ،دەپ قارايمەن...
ئەزىمەتمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەزىمەت ئىكەن، ۋىجدانلىق ئوغۇل بالىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىكەن...ئىشقىلىپ ئەقىللىق، تىز پۈكمەس، ئىرادىلىك...
زۆھرە قىز گەرچە كىچىك تۇرۇپ يامان يولغا كىرىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولسىمۇ ھەر ھالدا ئوقۇغۇچى بولغانلىق سەۋەبىدىنمۇ،ئىشقىلىپ زەيتۇنەگە ئۇنچە يامانلىق قىلىپ كەتمەپتۇ، ئىزىقتۇرۇپ باققان بولسىمۇ...
ئەڭ ئاخىرقى خاتىمىسى ماڭا بەك يارىدى...نىمىدىگەن ئىسىل...ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسىنىڭ بەختلىك جەم بولۇپ،ھايات گۈلىنى پورەكلەپ ئىچىلدۇرغىنىغا قاراپ تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولدۇم...
قىسقىسى ھىكايىڭىز بەكلا ئۇتۇقلۇق چىقىپتۇ، مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىپتۇ....ئىسىل...
كىنوچىلىقتىن خەۋىرىم بولسا ئىدى، ئىبرەتلىك ھەم تەسىرلىك ھىكايە فىلىمى قىلىپ ئىشلەپ چىقىرار ئىدىم...
يارايسىز چارتىكىن. (تەخەللۇسى:老婆关灯) چاقچاق-ھە