ۋەتەندە تۇغۇشتىن بۇرۇن ھېچقانداق تەدبىر قوللانمايدۇ ، شۇڭا يېڭى ئانىلار تۇغۇشتىن قورقىدۇ .
چەتئەلدە بولسا قورساق كۆتۈرگەندىن تارتىپ ھۆكۈمەت ئايدا پالان پۇل بەرگەندىن باشقا ‹‹يىغلاۋاتقان بالىنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى قانداق بىلىش ، زاكىنى قانداق ئالماشتۇرۇش›› دېگەندەك ئاددىي ساۋادلارنى بوۋاقنىڭ مودېلى بىلان بىرلەشتۈرۈپ دەرس ئۆتىدۇ ، ھەمدە تۇغۇشنى ئاسانلىتىدىغان يوگا ھەركەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ ، سۇ ئۈزدۈرىدۇ . بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دادىمۇ بىللە ئۆگىنىدۇ . دادا كېلەلمىسە مەخسۇس ياردەملىشىدىغان دوختۇرلار بار . ئاشۇ ئاددىي ئۆگىتىدىغان خادىملاردىن تارتىپ دۆلەتنىڭ چوڭ شاللاش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ ، 6 يىللىق ئوقۇشتىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار .
بالا تۇغىلىۋاتقاندا ، ئانىنىڭ بەك قىينىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن داس سۆڭىكى ئازىراق ئېچىلغاندا ناركوز ئۇرۇلىدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ زىيانسىز .
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ، ئانىنىڭ ئېچىلغان داس سۆڭىكىنى ئۇۋىلاش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . دوختۇرخانىدا ئۇزاق تۇرمايدۇ ، بىراق ئۆيگە بارغاندىن كېيىنمۇ يەنە شۇ خادىملار ئۆيگە بېرىپ، بۇرۇن بوۋاق مودېلىغا ئۆگەتكەنلىرىنى ئەمدى ئۆزىنىڭ بالىسىغا تەدبىقلاپ ، ھەتتا قانداق ھالەتتە ئېمىتىشتىن تارتىپ ئۆگىتىپ قويۇپ كېتىدۇ .
ئەلۋەتتە يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز .
شۇنىڭ بىلەن شۇنداق قىلىپ گەرچە بىر قىز بالا بولساممۇ دوستلىرىمنىڭ سۆزلىرى ۋە مەكتەپتە ئۆگەتكەنلەرنىڭ تەسىرىدە ئانا بولۇشقا خېلى بىلىملىك بولۇپ قالدىم ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-9 05:32 PM