مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: atazat

كەتمە يار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 05:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتازات ئەپەندى ياخشىمۇسىز مەن سىزنىڭ  مەن ساڭا ئاشىق دىگەن ئەسىرىڭىزنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئۇقۇغان. ھازىر  تېخىمۇ ياخشى بولغان بىر ئەسەرگە تۇتۇش قىلغان ئوخشايسىز . ئىجادىيەتلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9636
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10058
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1616 سائەت
تىزىم: 2010-9-8
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 07:01:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تازا بەلەن يېرىگە كەلگەندە ئادۇۋكاتىڭىز كەپقالدىمۇ نىمە؟

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە بىر ئايال بولغان بولىدۇ. لېكىن بۇ ئايال ئۇنىڭ ئايالى بولماستىن، بەلكى قېيىن ئانىسىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80993
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 06:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atazat يوللىغان ۋاقتى  2012-6-9 04:19 PM
بۇ چوڭ شەھەرگە كەلگەندىن بىرى پۇل تىپىش ئۆزۈمگە تۇشلۇق ...

ئادۇۋكات بىلەن تىخى پاراڭلىشىپ بولالمىدىڭىزما؟    تىمىنىڭ ئاخىرىنى تىخى يازماپسىز......ئادۇۋكاتنى يولغا سىلىپ قويۇپ تىمىنىڭ ئاخىرىنى يىزىۋەتسىڭىز بولاتتى، بىزنى تەقەززا قىلماي

كۆڭۈللەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ!

سىز ئۇخلاۋاتقان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45943
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4780
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3346 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2012-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 09:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادۇۋۇكاتىم رىھىم قورۇق دىسە بۇ شەھەردىكىلەر بىلمەيدىغان كىشى يوق داڭلىق ئادۇۋۇكاتلارنىڭ بىرى بولوپ، چىرايى قارامۇتۇق كەلگەن ئوروۇق يۈزلىرى رەھىمسىز يىللارنىڭ سالغان ئىزلىرى بىلەن تولغان ،ئوتتورا بويلۇق، دائىم كەستۇم بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ كۈنىگە بىرخىل گىلاستۇكنى ئالماشتۇرۇپ تاقاپ سالاپىتىگە بەكلا دىققەت قىلىدىغان، خۇشچاقچاق، چىقىشقاق سۆزمەن كىشى بولوپ كۆپلىگەن شىركەتلەر بۇ كىشىنى ئادۇۋكاتلىققا ۋە قانۇن مەسلەھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتەتتى.
  سالام سائەتلەردىن كىيىن ئاددىيلا بىر ۋاخ تاماق بۇيرۇتۇپ ئادۇۋۇكاتىم رىھىم ئاكا سۆزىنى باشلىدى.
-ئۇكام مەن ساڭا بۇرۇنلا دىگەن بۇ قىز ئىشەنچىسىز، شىركەتنىڭ تامغىسىنى بەزى مۇھىم نەرسىلەرنى تۇتقۇزما دەپ، مانا بولغۇلۇق بولدى ئەمدى، قانداق قىلماقچىسەن؟ ماڭا باشتىلا ياخشى تەسىر بەرمىگەن بۇ قىز، بىر يولىلا ئۆزۈڭنىمۇ ۋەيران قىلدىڭ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بىچارىلەرمۇ ئىشسىز قالدى مانا.
-ئاكا ئەمدى بۇ نەرسىلەرنى دىگەنگە ئەسلىگە كىلەمتى، بولدى تاپا تەنەڭنى قويوپ بولغان ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئىنىق دىگىنە ؟ تۈنۈگۈن تىلىغۇندا گىپىڭڭنىڭ بىشىنى ئاڭلاپلا بىشىم قايغاندەك بولوپ ئاخىرىنى ئاڭلىغۇم كەلمىدى، زادى نىمە بولدى قانداق بولوپ شىركەتنىڭ مەبلىخى يۆتكەپ كىتىلىدۇ.
-شىركەتنىڭ ھەممە تامغىسىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ قويساڭ يۆتكەپ كەتمەمتى ئەمىسە.
قولىدا ھەممە تامغۇ بولغاندىكىن بانكىدىكى شىركەتنىڭ بارلىق پۇللىرىنى يۆتكەپ كىتىپتۇ، بۇنىڭغا قانداق ھىلە مىكىرلارنى ئىشلەتكىننى تىخى ئىنىقلاپ بولغۇدەك بولمىدىم، ئىش قىلىپ ھىساۋىڭلاردا بىر تىيىنمۇ پۇل قالماپتۇ، بىلىمەن بۇ ئىش ساڭا بەك ئىغىر كەلدى،پۇلىنڭ ئىشىدىن بەكراق ئۇ قىزنىڭ ساڭا يۈزسىزلىك قىلغىنى، سىنى ۋەيران قىلغىنى ئىشەنچكە يارىمىغىنى ئىغىر كەلگىننى چۈشۈنۈپ تۇرۇپتىمەن، لىكىن بەك ئىچىڭگە ئىلىپ كەتمە ئۇكام، مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە تەكشۈرۈپ باقاي، چوقوم بىر يىپ ئۇچى چىقىپ قالا، بۈگۈن ئەتىگەن قول ئاستىمدا ئىشلەيدىغان بالىلاردىن بىرىنى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە ماڭدۇردۇم يىپ ئۇچى چىقىپ قالار دىگەن ئۈمىددىمەن.
بۇرۇن ماڭا تولىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئىدىڭ ئۇكام، ھازىر بىشىڭغا كۈن كىلىپ قالدى مەنمۇ قاراپ تۇرسام ياخشى بولماس ئاز بولسىمۇ بۇ 5 مىڭ سومنى ئىشلىتىپ تۇرغىن يەنە باشقا قىيىنچىلىقلار بولسا دەرسەن ئىش بولسا تىلىغۇن قىلغىن مەن ماڭاي دىگەچ بىر بولاق پۇلنى ماڭا سۇندى.
-بولدى ئاكا ، كۆڭلۈڭ ماڭا تىگىل بولدى، تىرىك ئادەم بولغاندىكىن بىر ئامالىنى قىلارمەن، يىنىڭغا سىلىپ قوي دىگىنىمچە قولىنى ئىتتىردىم.
بىلمەن سەن بەكمۇ غورورلۇق بالا ، لىكىن قوساقنى باقماي تاماق يىمەني بولمايدۇدە، ئالدى بىلەن بۇنى ئال، قەرىز ھىساۋىدا بەرگەن بولاي، كىينچە پۇل تاپقاندا بىرىۋىتەرسەن دىگىنىچە پۇلنى قولومغا تۇتقۇزۇپ قويوپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ماتىرىيال ئامبىرى شىرنە ماتىرىيال ئامبىرى http://www.xirna.com ،ھەقسىز ماتىرىياللار چۈشۈرىۋىلىڭ.

سىز ئۇخلاۋاتقان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45943
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4780
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3346 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2012-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 09:22:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرى سەل تۇرۇپ يوللىنىدۇ.!

ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ماتىرىيال ئامبىرى شىرنە ماتىرىيال ئامبىرى http://www.xirna.com ،ھەقسىز ماتىرىياللار چۈشۈرىۋىلىڭ.

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25831
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3130 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 12:47:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ياخشى ئەسەردىن بىرىگە تۇتۇش قىپسىز-دە ، بۇنى بەك ساقلىتىۋەتمەڭ ، تىزرەك يىزىپ تۈگۈتەرسىز ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

سىز ئۇخلاۋاتقان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45943
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4780
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3346 سائەت
تىزىم: 2011-6-28
ئاخىرقى: 2012-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 04:36:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىھىمكام بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن نىمە قىلىش توغرىسىدا ئويلىنىپ بىر ئاز ئولتۇرۇپ قالدىم، شۇنداق نىمە قىلىشىم كىرەك؟ ئىشلىرىمنى قەيەردىن باشلىشىم كىرەك؟ يىڭى ئىش باشلايمۇ ياكى ئاۋۇ ئالدامچىنى تىپىپ ھىساپ ئالايمۇ؟ قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ تولا خىيال قىلىپ باشلىرىممۇ ئاغرىپ كەتكەن ئىدى، خىيال بىلەن بولوپ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپ قالغان ئىدى، خاپىچىلىقلارنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇش ئۈچۈن ئالدىنقى كۈنىدىكى مەيخانىغا كىردىمدە ئالى دەرىجىلىك ھاراقتىن ئىككى بوتۇلكا بۇيرۇتۇپ ئازراق زاكۇسكا بىلەن ھاراق ئىچىشكە باشلىدىم.
مەن كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇزىكا باشلىنىپ مايخانا ئوتتورىسىدىكى كىچىك سەھنە قىززىشقا باشلىدى، ئوخشىمىغان ياشتىكى ھەرخىل كىيىنىۋالغان ئۆزلىرىگە ماسلاشمىغان كۆرۈمسىز ئۇسۇللارنى ئويناۋاتقان بىر توپ كىشىلەر كىچىككىنە سەھنىدىكى بوشلۇقلارنى تالىشىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇسۇللارنى ئوينىماقتا، قايسى مىللەتنىڭ ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ھەركەتلەر ئارقا ئارقىدىن روياپقا چىقماقتا، قولىنى كۆتۈرسە كاسىسى ئىچىلىپ قالغۇدەك كىيىم كىيىۋالغان بىر توپ قىزلار مەيداننى چاڭ كەلتۈرۈپ بەدەنلىرىنى نامايىش قالماقتا، توۋا مۇشۇنىمۇ ئۇسۇل دەپ ئويناۋاتىدۇ ھە دىدىم ئىچىمدە بەلكىم مەن زاماننىڭ كەينىدە قالغاندۇرمەن، ھازىرقى ئۇسۇللار مۇشۇنداق ئوينالسا كىرەك دىگەن خىياللارمۇ خىيالمىغا كىپ قالدى، ياق ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ، توي تۆكۈنلەردە دوسلارنىڭ ئولتۇرۇشلىردا يەنىلا شۇ بۇرۇنقى ئۇسۇللىرىمىز ئوينىلىدىكەن قارىغاندا بۇ پىچەك ئۇسۇللار مۇشۇ بىر قىسىم <<ئۇسۇل مەستانىلىرىنىڭ>> ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى، يالىڭاچ يەرلىىرنى نامايىش قىلىشتىكى ۋاستىسى بولسا كىرەك دىگەنلەرنى ئويلاپ تۇرۇشۇمغا بىرىنىڭ ئاۋازى خىيالىمنى بۆلدى.
ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم.
-ياخشىمۇسىز ، يەنە ئۇچرىشىپ قالدۇق.
-تۈنۈگۈن مۇشۇ يەردە تونۇشۇپ قالغان  مىنى ھاراققا تەكلىپ قىلغان ۋە مەن مەس بولوپ قالغاندىن كىيىن ياتاق ئىلىپ ئورونلاشتۇرۇپ قويغان  ئەخمەت دىگەن كىشى ئالدىمدىلا ماڭا قاراپ تۇراتتى.
ئىتتىكلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىل بىلەن كۆرۈشتۈمدە ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ دىدىم.
-ياخشى كۆرۈشۈپ قالدۇق، بەزى ئىشلار تۈپەيلى كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس، بىردەم ئولتۇرۇپ چىقاي دەپ كىرىشىم ئىدى، بۈگۈن مەن مىھمان قىلاي تازا بىر ئىچەيلى .
-ھاھاھا بۈگۈن كۆپ ئىچمەيلى ، ئەتە ئەتىگەن مۇھىم سودا ئىشى بار ئىدى ، ھاراقنى كۆپ ئىچسەم بولمايدۇ، لىكىن بىردەم سىزگە ھەمرا بولوپ ئولتۇرۇشۇپ بىرەي، سىزمۇ كۆپ ئىچمەڭ، سالامەتلىككە زىيانلىق، بۇ ھاراق دىگەن نەرسىنى بىر ئىككى رۇمكا ئىچىپ قويسا بولىدۇ، لىكىن بۇنداق بوتولكىلاپ ئەكەپ قويوپ ئىچىش ياخشى ئادەت ئەمەس.
-ئۇغۇ شۇ مەنمۇ بۇرۇن كۆپ ئىچمەيتىم، لىكىن باشقا دەت كىلىپ قالغاندا ھاراقنى خالاپ قالىدىكەن كىشى.
-شۇنداق بولسىمۇ كۆپ ئىچمەڭ، شۇ دەرىت ئەلەمنى يىڭىش ئۈچۈن سالامەتلىك ئەڭ مۇھىم، ئۇنداق ئەمەسمۇ يا؟
بولىدۇ سۆزىڭىزنى ئاڭلاي مۇشۇ بويرىتقىنىمىزنى ئىچىپ بولوپ مەنمۇ ئىچمەي دىدىم ئىككى رومكا ھاراق قۇيۇپ بىرىنى ئۇنڭغا ئۇزاتقاچ.
-بولىدۇ ئەمىسە ، سىزگە ھەمراھ بولوپ ئىچىشىپ بىرەي، دىدى ئەخمەت ۋە رۇمكىنى قولومدىن ئىلىپ بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتكەندىن كىيىن ماڭا قاراپ دىدى.
-زادى نىمە دەرت ئەلەم كىپ قالدى بىشىڭىزغا بۇنچىلىك ئۆزىڭىزنى تاشلىۋىتىپ كۈندە ھاراق ئىچكۈدەك؟
-نىمە دەرت بولاتتى، ئۆزۈم ئىشەنگەن قىز مىنى ۋەيران قىلدى، مەن ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ شىركەتنىڭ بارلىق نەرسىلىرىنى ئۇنغا تۇتقۇزغان، ئۇ شىركەتنىڭ ساتقىلى بولىدىغان نەرسىلىرىنى سىتىپ، نەق پۇللىرىنى قوشوپلا ئىلىپ تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدىلا غايىپ بولوپ كەتتى، پۇلغىمۇ چىدار ئىدىم، تىرىك بىر ئەركەك بولغاندىن كىيىن پۇلنىمۇ تاپارمەن لىكىن ئەقىدەمگە بەكلا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قاپتىكەنمەن، ئىككى كۈندىن بىرى بۇ ئىشلار خۇددى چۈشتەكلا، ئۇ ماڭا چاقچاق قىلىۋاتقاندەك بىلىنىدۇ، لىكىن بۇ بىر ئەمەلىيەت قوبول قىلماي بولمايدۇ لىكىن ئاغزىمدا ئۇنداق دىگىنىم بىلەن پەقەتلا قوبول قىلالمايۋاتىمەن.
قانداق قىلىشىمنىمۇ بىلمەيۋاتىمەن، بۈگۈن ئادۇۋۇكاتىم بىلەن كۆرۈشكەن ئىدىم ئۇ بۇ ئىشلارنى تەكشۈرۈشكە ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، لىكىن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن يىپ ئۇچى يوقلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم، كۆڭلۈمنى ئاياپ ماڭا تەسەللى بولسۇن ئۈچۈن بەزى گەپ سۆزلەرنى قىلغانمۇ بولدى لىكىن، ھىيييييييي ، قارىغاندا ئۇنى تىپىش ئۇنچە ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ، بولدىلا بۇ گەپلەرنى قىلىشماي ھارىقىمىزنى ئىچەيلى.
-ھە مۇنداق دەڭ، دىمىسىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلى يىقىن ئادىمدىن رەنجىسە پەقەتلا قوبول قىلالمايدۇ، لىكىن بۇ پىتى ئۆزىڭىزنى تاشلىۋتىشىڭىزمۇ توغرا ئەمەس چوقوم ئىشلىرىڭىزنى يىڭى باشتىن باشلىشىڭىز، ئىگلىكىڭىزنى قايتىدىن تىكلىشىڭىز كىرەكتە، ئەگەر خالىسىڭىز بىزنىڭ شىركەتكە بىرىڭ، بىرگە ئشلەيلى، قانداق رايىڭىز بارمۇ دىدى  بىرتال تاماكىنى يۆگەپ بولغاندىن كىيىن تۇتاشتۇرۇپ ماڭا تەڭلىگەچ.
-بولدى رەھمەت ئۆزەمنىڭكىنى چىكەي ، مۇشۇ تاماكىدىن باشقىسىنى چىكەلمەيدىكەنمەن، قارىغاندا مۇشۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتىمەن دىدىم ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ قولىنى ئۆزۈمنىڭ تاماكامدىن بىرنى ئىلىپ تۇتاشتۇرغاچ.
-ھىھىھى ھىھى بۇ بەك ياخشىسى ئىدى، بىر چىكىپ قالسىڭىز مىھرىڭىزنى ئۈزەلمەيسىز لىكىن، بۇنى چىكىپ قالسىڭىز سىزنى تاشلىۋەتكەن قىزنىمۇ ئۇنتۇپ بارلىق خاپىلىقلاردىن مۇستەسنا بولاتتىڭىز، بىرنى چىكىپ بىقىڭ دىدى ئۇ ماڭا تاماكىنى يەنە سۇنغاچ.
-كەچۈرۈڭ ، مەن يەنىلا مۇشۇنى چىكەي دىدىم سەل كەيپىم ئۇچقاندەك بولوپ .
-ئاۋال بىرنى چىكىپ بىقىڭ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەيدۇ، ئاسماندا ئۇچىسىز دەيمەن.
بايا تەربىيە قىلىپ كىتىۋاتاتتىڭ ئەجەپ بىردەمدىلا ....دىگەنلەرنى ئويلىغاچ ئۇنىڭغا قاراپ سورىدىم.
-ئاق تاماكا ئوخشىمامدۇ؟
-ياقەي بۇ يەردە ئۇنى چەككىلى بولمايدۇ، بۇ نەشە، تاماكىنىڭ خۇۋەينىسى، ئەگەر چىكىمەن دىسىڭىز ئاقمۇ بار بىر تال بەرسەم چىكىپ باقامسىز؟
ياق بولدى رەھمەت، مەن چىكىپ باقمىغان ھەم چەككۈممۇ يوق. يەنىلا ئۆزىڭىز چىكىڭ دىدىم ئۇنىڭغا زەردە بىلەن بىرنى قاراپ قويوپ، ئەمدى راسلا ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى، ئەگەر تۈنۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىنى دىمىسەم دەككىسىنى بۈرگۈم بار ئىدى لىكىن يەنىلا يۈز ئاۋايلاپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.
- ھىھىھىھى خاپا بولوپ قالغان ئوخشىمامسىز؟ بوپتۇ چەكمىسىڭىز مەيلى لىكىن، بۇ نەرسىنىڭ ھوزۇرىمۇ، پايدىسىمۇ ياخشى، ئەگەر تىزلا باي بولىمەن دىسىڭىز مەن بىلەن بىرگە ئىشلەڭ بىر يىلغا قالمايلا شەھرىمىزدىكى چوڭ بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورون ئالالايسىز، قانداق بىرگە ئىشلەشنى خالامسىز؟
بايا ئۇنىڭ ھاراق ئىچمەڭ سالامەتلىككە زىيانلىق دىگەن سۆزلىرىدىن ۋە تۈنۈگۈن ماڭا قىلغان ياخشىلىقىدىن چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولوپ ئۇنىڭغا ھۆرمىتم قوزغالغان بولسا بايىدىن بىرى ماڭا نىشە ۋە ئاق تاماكىنى زورلاشلىرىدن بۇ ھۆرمەت تۇيغۇم سۇسلاپ ئۇنىڭغا غەزىپىم كىلىۋاتاتتى.
بولدى رەھمەت ماڭا كۆڭلىڭىز تىگىل بولدى ، ماڭا بۇنداق ھارام مال دۇنيانىڭ لازىمى يوق، بۇ پۇلىنى ئۆزىڭىز تىپىۋىلىڭ، توۋا مۇشۇنداق ھارامدىن پۇل تىپىپ كىچىسى قانداقمۇ ئۇيقىڭىزكىلىدۇ؟ ئاشۇ ئاق تاماكا سىتىپ تاپقان پۇللىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ قان تەرى ئىكەنلىكىنى،ئاق تاماكا نۇرغۇنلىغان ئائىلەرنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
- ھاھاھاھا سىز ئەسلى سودا قىلمەن دىگۈچە ساقچى ياكى سوتچى بولسىڭىز بوپتىكەن ئۇكام ھاھاھا ، ھەي مەن تاماكىنى يا ئۇلارغا زورلاپ ساتمىسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنساتمىسام باشقىلار سىتىپ باشقىلار تاپىدۇ بۇ پۇلىنى، باشقىلار ئاچىدۇ بۇ بازارنى.
توۋا خجىل بوماي مۇشۇ گەپلەر بىلەن ئۆزىڭىزگە تەسەللى بىرىۋاتامسىز، توۋا بولدى مەنمۇ ھاراقنى كۆپ ئىچىپ قويوپتىمەن، ئەمدى ھاراق ئىچكۈم يوق مەن قايتاي، دىدىمدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ پۇل تۆلەش ئورنىغا قاراپ ماڭدىم، ئۇنىڭ ئارقامدىن چاقىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ ئاڭلىماسقا سىلىپ تىزلىك بىلەن پۇلنى تۆلىدىمدە سىرىتقا قاراپ ماڭدىم.

ئىسىت بۈگۈن بۇ ئەخمەت دىگەن ئەخلەتنى ئۇچراتمىغان بولسام بوپتىكەن ھىچ بولمىسا كۆڭلۈمدە ئىنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ساقلىنىپ قالغان بولاتتى، ياق ئۇچراتقىنىم ياخشى بولدى، بولمىسا ئۇنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى بىلمەي، ئۇنىڭغا ئىشلەپ بىرىپ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان بولسام ئۆزۈمگە قانداقمۇ يۈز كىلەلەيتىم دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ مىڭىپ تۆت كوچا ئىغىزىغا كىلىپ قالغان ئىدىم، قانداق قىلاي، ياتاق ئىلىپ ئارام ئالايمۇ، توۋا كىملىكىمدىن تارتىپ ھەممىسى ئاشۇ قويمىقى مۇھەببىتىمدە قالغان تۇرسا ياتاقنى قانداق ئالاتتىم، بۇ كىچىنى قانداق ئۆتكۈزەرمەن دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ تۇرغىنىمدا ئۇدۇلۇمدىكى چوڭ ۋىۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.
كۆز ئالدىمدىلا گۈزەل ئەسلىمە تورخانىسى دىگەن خەتلەر جۇلالىنىپ تۇراتتى.
ئەمدى باشقا ئامالمۇ قالمىدى توغرا مۇشۇ يەردە بىر كىچىنى ئۆتكۈزەي، قالغىنى ئەتىگىچە بىر گەپ بولار دىگەنلەرنى خىيال قىلىپ تورخانىغا كىردىم.
تورخانىنىڭ پۇل ئىلىش ئورنىغا كىلىپ خام سىمىز كەلگەن ئۇيقىسىرىغان كۆزلىرىنى ئارانلا ئىچىپ ئولتۇرغان باشقۇرغۇچىغا قاراپ دىدىم.
-مەن بىر كىچە مۇشۇ يەردە تورغا چىقاي دىگەن ئىدىم قانچە پۇل؟
-كىملىك بارمۇ؟
-ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن، كىملىك بولمىسا بولمامدۇ؟
-كىملىك بولمىسا ئىككى كىىشىلىك پۇل تاپشۇرسىڭىز ئىچىپ بىرىمەن، بولمىسا باشقا تورخانىغا بىرىڭ دىدى ئۇ ماڭا پەرۋاسىلا بىرنى قاراپ قويغاندىن كىيىن تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چەككەچ.
-بولىدۇ، قانچە پۇل ؟
-سىرىتتا ئولتۇرامسىز ياكى ئايرىمغانىدىمۇ؟
ئايرىمغانىدا ئولتۇراي، قانچە پۇل.
-40يۈەن، كىچىچە تازا بىر پەيزى قىلاي دەپسىزدە، قىز دوستىڭىزمۇ بار ئوخشىمامدۇ دىدى ئۇ ماڭا قاراپ قىسىق كۆزلىرىنى تىخىمۇ قىسىق قىلىپ كۈلگەچ.
-ئاي نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيدىغانسىز، مەن ئۆزەم يالغۇز، قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئىتتىكرەك ئىچىپ بىرىڭ دىدىم مەن، ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىپ قويوپ.
پۇلنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن بايىقى سىمىز ئۆردەكنىڭ يول باشلىشى بىلەن تورخانىننىڭ بۇلۇڭىدىكى بىر ئايرىمغانىغا كىردىمدە كومپىيوتىرنى قوزغىتىپ تورغا چىقىشقا باشلىدىم.
بۇرۇن بىكار قالغان ۋاقىتلىرىمدا كۆپرەك تورغا چىقىپ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرەتتىم لىكىن تىمىلارغا ئىنكاس يازمايتىم، ھەم شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئالدىراش بولغاچقا، بىر تىمىنى ئەمدى كۆرۈپ بولغۇچە ئىش چىقىپ تۇرغاچقا ئىنكاس يىزىپ ئولتۇرغۇدەكمۇ ۋاقىت چىقمايتى،  ۋاقىت چىققان تەقدىردىمۇ بىر ئاۋارىچىلىق ھىس قىلاتتىم.
چ چ ئىشلىتىشنىمۇ مىنى ئەلەمدە قويغان قويمىچى قىز دوستۇمدىن يىڭىلا ئۈگەنگەن ئىدىم .
مىنى ئەلەمدە قويغان مىنى ۋەيران قىلغان ھەم مىنى ئۆزىگە ئەسىر قىلغان بۇ قىزنىڭ ئىسمى گۈزەلنۇر بولوپ سودا ئىشلىرى بىلەن باشقا شەھەرگە بارماقچى بولغىنىمدا ماشىنامدىن كاشىلا كۆرۈلۈپ ئاممىۋى ئاپتۇبۇزدا ماڭغاندا تونۇشۇپ قالغان ئىدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atazat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-18 05:46 AM  


ئوقوتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ماتىرىيال ئامبىرى شىرنە ماتىرىيال ئامبىرى http://www.xirna.com ،ھەقسىز ماتىرىياللار چۈشۈرىۋىلىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80993
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3175
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 11:43:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەتمە يار........ئىن، كەتمەي ئاخىرىنى ساقلايمىز

كۆڭۈللەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ!

ئەقىلسىز دوستۇڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 2334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25831
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3130 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 08:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاخىرىنى يەنە يازماسىزغۇ ؟  قاچاندا قارسا ھىكاىنى چالا يىزىپ ولتۇرغان

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79951
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4003
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 104 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-11 06:28:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى بۇنىڭ ئاخىرى ئەمدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش