كىتاب ۋە ئۇنىڭ رولى
ئەكبەر ۋەلى
«قانداق نەرسە ئالاھىدە سېھرىي سەنئەت ۋە سېھرىي كۈچ ئارقىلىق كۆڭۈلدىكى ئىچ پۇشۇقى ۋە غەم – ئەندىشىنى يوقىتالايدۇ؟ ئۇ كىتاب! كىتابنىڭ سېھرىي كۈچى. بۇنىڭدىن سىرت كىتاب كىشىلىك تۇرمۇشنى يېڭى مەزمۇنلار بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرگە قانداق ياشاشنى ئۆگىتىدۇ، ئەقىل كۆرسىتىدۇ، ھەسرەتلەنگۈچىلەرگە تەسەللى بېرىدۇ؛ ھورۇنلارنى ئىشچان قىلىدۇ، نادانلارنى مەرىپەتلىك، ئاقىللارنى تېخىمۇ قەيسەر قىلىدۇ….›› (دېككىنىس) گەرچە شۇنداق بولسىمۇ. ھازىر بىزدە بەزىلەر خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئائىلە ئىشلىرىنىڭ جىددىيچىلىقىدا كىتاب ئوقۇغىلى نەدە ۋاقىت دەپ باھانە كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، كىتاب ئوقۇيمەن دېگەن كىشىگە ۋاقىت ئەلۋەتتە تېپىلىدۇ. بۇ ھەركىمنىڭ كىتابنىڭ مەنىۋى لەززىتىنى دەڭسىيەلىشىگە باغلىق.
كىتاب ئوقۇش بىلەن دەم ئېلىش بىر – بىرىگە زىت ئەمەس. چۈنكى ‹‹كىتاب ئوقۇش بىر خىل ھۇزۇرلىنىش ھېسابلىنىدۇ. بەزىلەر يول مېڭىپ ھوزۇرلىنىشنى، بەزىلەر سۇ ئۈزۈپ ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنىڭدەك، كىتاب ئوقۇپ ھۇزۇرلىنىشمۇ دەم ئېلىشنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇشى كېرەك›› (دىڭ لىيىڭ)
تەتقىقاتلاردىن مەلۇمكى، كىتاب ئوقۇش مېڭە ۋە روھىي ھالەتنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رولىنى ئوينايدىكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ مېڭە ئىشلەتكەنسېرى جانلىنىدۇ. ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تەتقىقاتىچە، يېڭى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى بىلەن مېڭە كېلىتكىلىرىدىكى كونا نېرۋىلارنىڭ يىلتىزىدىن يېڭى نېرۋىلار يېتىلىدىكەن، شۇڭا، دائىم كىتاب ئوقۇپ تۇرغاندا، مېڭە كېلىتكىلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، روھىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدىكەن. ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان ‹‹مېڭىدىكى ئىنقىلاب›› دېگەن كىتابتا ئېيتىلىشىچە، ئادەملەر كىتاب ئوقۇغاندا جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتە ئازادىلىشىپ، دىققىتىنى بىر نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ پىكىر قىلىشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئازادىلىك ۋە سەگەكلىككە ئىگە بولىدىكەن.
كىتاب، ژۇرنال ئوقۇش ئىش پۇشۇقى قاتارلىق ھەر خىل روھىي توسالغۇنى يوقىتىپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغانلىقتىن، بەزى ئەللەردىكى دوختۇرخانىلاردا ئاغرىقلار ئۈچۈن مەخسۇس قىرائەتخانا تەسىس قىلىنىپ، ئاغرىقلار سالامەتلىككە دائىر مەزمۇنلار بايان قىلىنغان كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، ماگنىت لېنتىسى، پىلاستىنكىلار بىلەن تەمىن ئېتىلىدىكەن.
«ئۈچ ناداندىن ئۈستۈن تۇرار بىر ساۋاتى بار ئادەم››( ئا. توقاي) دەپ ئېيتقاندەك، كىتاب ئادەملەرنى ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە قىلىپ، شەخسلەرنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدۇ. كىتاب ئوقۇش ئالىيجاناب ئىدىيەدىكىلەر بىلەن بىللە ياشاشتەك ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قانداق گاڭگىراشلاردا ئالىيجانابلىق ۋە ھەقىقەت نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتۇپ، توغرا كىشىلىك ھايات قارىشى ۋە ئىلمىي دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرۈشىمىزگە ئاساس بولىدۇ ھەم ياخشى كىتاب ئاپتورلىرىنىڭ يۈكسەك ئەخلاق – پەزىلىتى، ئەدەبىي تىلى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابقا بولغان مۇھەببىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى كىتابنى تېخىمۇ قىزىقىپ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشنى تېخىمۇ مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
ب د ت پەن – مائارىپ تەشكىلى 1972 – يىلى پۈتكۈل دۇنياغا ‹‹كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇش››نى چاقىرىق قىلىپ، ھەر كىمنى كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلغاندىن بۇيان، كىتاب، ماتېرىياللار تۇرمۇشىمىزدىكى زۆرۈر بۇيۇمغا ئايلاندى.
گەرچە بۈگۈنكى رەقەملەشكەن دەۋردە خىلمۇ خىل ئېلېكتىرونلۇق ئوقۇشلۇق بۇيۇمى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كىتاب يەنىلا ئۆزىنىڭ رولىنى يوقاتقىنى يوق، يوقاتمايدۇ ھەم. ئۇچۇردىن پايدىلىنىشتا، كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا كىتاب يەنىلا ئۆزىگە خاس ئۈستۈنلۈككە ئىگە.
ھازىر تەتقىقاتچىلار كىتاب ئوقۇش مۇقەددەس ئىش بولۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى ئەنئەنىۋى كىتاب ۋە ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەش مەمۇرىي كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرچى ھېسابلىنىدۇ، پۈتكۈل خەلق ئۆگىنىدىغان، ھەممەيلەن كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كېلىشى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش دەۋرى بولۇپ قالىدۇ، دەپ قارىماقتا. بۇ قاراش تۇرمۇشىمىزدا چوقۇم رېئاللاشقۇسى!
http://www.alimbiz.net/?p=2238