قۇددۇس يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 01:10 PM
سىزدىن بىر قانچە ئىشنى ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.
1. سىز ...
1. مىنىڭ نىكاھىمدىكى ۋاقتىدا ئاپامنىڭ ئۆيىدە قونۇپ كىلەي، ئۇزاق بوپتىكەن قونمىغىلى دىسە، مەن ياخشى كۆڭلۈم بىلەن: ھە بوپتۇ، ئاتا-ئاناڭنىڭ ھايات ۋاقتىدا بېرىۋال.... دەپتىمەن. ئەمما ......توۋا...مىنىڭ نىكاھىمدىكى ۋاقتىدا بولغان ئىش.
2. بالام قىز، ھازىر تۆت ياشقا كىردى.
3. تىلفوندا سۆزلىشىش ئۈنئالغۇ خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ياتاقتا ياتقانلىقىنى تەن ئالغان سۆزى بار، لىكىن كىم ئىكەنلىكى ئېنىق دىيىلمىگەن.
مەن تۇرىۋاتقان بۇ يەردە ئادۋوكات تېپىش بەكلا قولايسىز، يۈز كىلومېتىر دائىرىدە بىر ئادۋوكات بار يوقلۇقىنى ئۇقۇشىۋاتىمەن. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرىتقا چىقىپ ئادۋوكات ئىزدەش پۇرسىتى يوق ھىساپتا. شۇڭا ئامال يوق توردىكى دوستلاردىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. مەنمۇ ئۇنى بالامنىڭ ئاپىسى دەپ ئاياپ، سوتقا بارمايلا، نىمە تەلەپ قىلسا شۇنى بىرىپ (ئۆيدىكى قوشۇقتىن تارتىپ موتوسىكىلىتقىچە بارلىق نەرسىلەرنى بىرىپ)ئۆزىمىز كىلىشىپ ئاجراشقان. (سۈرە بەقەرەدىكى << ئاجراشقاندا ئايالىغا زۇلۇم قىلماي چىرايلىقچە قويىۋىتىش، ئاللاھتىن قورقۇش >> توغرىسىدىكى ئايەت غۇۋا ئىسىمدە.) شۇ چاغدا شۇنچىلىك ئايىدىم. لىكىن ئاجرىشىپ بولغاندىن كىيىن(ئوقۇش باشلىنىپ ئىككى ئاي ئۆتمەيلا ئاجراشقان) مەن ئوقۇشتىكى ۋاقتتا، يۇرتتىكى كىشىلەرگە مەن توغرىلىق ناھايىتى ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەرنى قىلىپ(ئۇ .... بولغاچقا مەن ئاجرىشىپ كەتتىم دەپ)، يۈزۈمنى تۆكتى. ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلار ئىشەندى. لىكىن قايتا توي قىلىپ،ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن، ئىككىنچى بالام دۇنياغا كۆز ئېچىشقا ئازقالدى. ئاللاھ يەنىلا يۈزۈمنى يۇرت-جامائەت ئالدىدا يۇرۇق قىلدى. (خۇدايىمنىڭ كۆزى بار دىگەن شۇ ئوخشايدۇ). ئۇ مىنى بالامنىڭ دادىسى دىمەي، ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ماڭا مۇشۇنداق ئاھانەت قىلغان، شۇڭا يامان ئىش قىلغان ئادەم رەسۋا بولۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا wahxi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-11 02:39 PM