52arslan يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 04:04 PM
ئا7 قۇرۇلمىلىق 1گىگاگىرتىسلىق مەركىزىي بىرتەرەپ : ي ...
بولىدۇ،مەن يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن a6 a7 دىگەن ئالدى بىلەن cpuنىڭ تىپى ئەمەس قۇرۇلمسىى، cpuنىڭ يادروسىدىكى كونترول ئۆزىكى، يەنى تولۇق ئاتىلىشى ARMv6 ARMv7 بولۇپ cpuنىڭ ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئا7 قۇرۇلمىلىق cpuيەنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئادەتتە قوش يادرولۇق بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتى تېز ،سەرپىياتى تۆۋەن، ،مۇنداقچە ئېيتقاندا توك تېجەيدۇ، مەن مەزمۇننى يازغاندا بەكلا يۈزەكىي يېزىپ قويغان،تېخى دىققەت قىلىدىغان ئادەم چىقماسمىكىن دېگەن،
،نۆۋەتتە دۇنيادا تېلىفوننىڭ cpuسىنى ياسايدىغان چوڭ شىركەتتىن ئۈچى بار، كورىيە سامسۇڭ شىركىتى(سامسۇڭ、ئالما،htcنىڭ cpuلىرىنىڭ كۆپىنچىسى)ئامېرىكا تېكساس شتاتى دېتال شىركىتى(نوكىيانىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى، بىر قىسىم نوكىيا، htc,motorola,دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تېلىفونلار، بۇ شىركەت كۆپچىلكە ناتونۇش بولىشى مۇمكىن،لېكىن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەقىلىدىي توك يول ئىشلەش كارخانىسى)،ئامىرىكا كۋالكوم 高通, ( موتورولانىڭ كۆپىنچە تېلىفونلىرى، ئاندىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بىر قىسم تېلىفونلار مەسىلەن تيەنيۈ)، بۇ ئۈچ خىل شىركەتنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئوخشىمايدۇ،ئۇنىۋېرسال جەھەتتىن سامسۇڭنىڭ ئەڭ ياخشى،ئۇنىڭ يەنە سۈرەت(图形处理)ئىقتىدارى(شۇ سەۋەبتىن ئالمىنىڭ cpuلىرى سامسۇڭنىڭ)،يەككە جەھەتتىن تور سۈرئىتى، سېستىما ئىجرا بولۇش مۇھىتىنىڭ مۇقىملقىقى جەھەتتىن كۋالكومنىڭ ئەڭ ياخشى، لېكىن سەرپىياتىمۇ ئەڭ يۇقىرى،تېكساسنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىدە، سىز سورىغان مەسىلىدىن چەتنەپ كەتتىممۇ قانداق
،ئاددىي ئېيتسام بۇ تېلىفوننىڭ cpuسى باھاسى ئەرزان بىر قەدەر كونا تىپتىكى cpu ،ھەممەيلەنگە مەلۇم،ئاندىرويىدنىڭ قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى زىيادە يۇقىرى ،armv6قۇرۇلمىلىق cpuدا راۋان خىزمەت قىلىشى تولىمۇ تەس،ئىچكى ساقلىغۇچمۇ سېستىما راۋانلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى،512 مېگابايىت يامان ئەمەس ،ھېسابلىنىدۇ ،يىغىپ ئېيتدام مەن شىركەتنىڭ تېلىفوننىڭ باھاسىغا يەنە 100~150 يۈەن قېتىپ رەسمىي راۋان بولغان تېلىفوننى بازارغا سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن