3-نۆۋەتلىك «ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى ئېچىلدى
3-نۆۋەتلىك «ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى«كوئېنلۇن مېھمانسارىيىدا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پەخرى رەئىسلىرى غازى ئەھمەد، ھېيتەم ھۆسەيىن
ۋە بۇ مۇكاپاتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى، ئۈرۈمچى «مەشئەل» ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ باشلىقى، ئەدەبىي ئاخبارات يازغۇچىسى ئەركىن روزى قاتارلىقلار ۋە ئەدىبلىرىمىزدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىننى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم باشقۇردى. ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ «3-نۆۋەتلىك «ئەركىن روزى ئەدەبىي ئاخبارات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش ھەققىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلدى.باھالاش ھەيئىتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر ئابۇرېھىم ئەسەر باھالاش ئەھۋالىدىن دوكىلات بەردى. غازى ئەھمەت ، ئەركىن روزى،مۇھەممەد سېلىم مۇھەممەد قاسىم قاتارلىقلار سۆز قىلىپ كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلدى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇكاپاتقا غازى ئەھمەدنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرياتى نەشر قىلغان«ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر»ناملىق كىتابى بىلەن مۇھەممەد سېلىم مۇھەممەد قاسىمنىڭ «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ھەكىملەر ئىزىدىن» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى ئېرىشتى.
http://uyghur.xjzjxh.com/Views1.aspx?Subid=3003
ـــــــــــــــــــــــ
بۇ قايسى ئەركىن روزى بولغىيدى ئەمدى؟.
تۈھپىسى باردەك قىلامدۇ نىمە؟!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-13 03:11 AM