arman312 يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 07:07 PM
قايسى تېمدا كۆرگەن بولغىيتىم.مۇشۇ ئىنكاس يېزىش توغىرل ...
ئەجەپ توغرا گەپ قىپسىز، مەن مۇشۇ ئىنكاس يېزىش توغرىسىدا بۇرۇنقى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا خېلى قايناپ قويغانىدىم، ئېقىمغا ئەگىشىپ ئىنكاس يازىدىغانلار كۆپ شۇ، بۇ «كېسەل» تېخى ساقايمىدى، مەيدانى يوق كىشىلەر خېلى كۆپ ئارىمىزدا. ۋېلىسپىتتا قىزىنى توشۇسا ئۆسەي دەپ قىپتۇ دېگەن، ماشىنىدا ئاپارغان بولسا ھەقچان بۇنىڭغىمۇ گەپ تەييار، مەيلى نېمە مەقسەتتە شۇنداق قىلغان بولسۇن مەسئۇلىيەتچان، ئۈلگىلىك دادىكەن. مەيلى مىللىتىمىزدە بولسۇن ياكى باشقا مىللەتتىن بولسۇن رايونىمىزدا ھېلىغۇ شەھەر باشلىقىكەن ئادەتتىكى بىر ئىدارىنىڭ باشلىقىمۇ بالىسىنى ۋېلىسپىتتا ئېلىپ بارمايدۇ مەكتىپىگە. تازا ماشىنىسىنى ھەيۋەت بىلەن ھەيدەپ باشقا بالىلارنىڭ ئالدىدا مۇنچىلىك «نوچى» دادىسى بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ. مېنىڭچە ئۇ شەھەر باشلىقى ھەقىقەتەنمۇ مەدھىيلەشكە لايىق دادىكەن.