ئېسىل ساراي ئۆيىمىز
ماختىنىمىز كۈلىمىز
ئىشىكى يوق، تۇنۇكسىز
ئۆيگە بىر كۈن كىرىمىز....
ئېسىل تونلەر كىيىمىمىز،
گىدىيىشىپ يۈرىمىز،
ياقىسى يوق، يېڭى يوق،
تونلەر بىر كۈن كىيىمىز.....
ئاتلار مىنىپ، مەن مەن دەپ،
ھەر يان چېپىپ يۈرىمىز،
يەتمىش يەردە سوراقچى،
ئالدىمىزدا كۆرىمىز....
ئۆلۈپ كېتىمىز ئەمدى،
تۈگەپ كېتىمىز ئەمدى،
ھالال بىلەن ھارامدىن خۇدايا،
قانداق ئۆتىمىز ئەمدى؟؟؟؟؟؟
ئېسىل ئېسىل ئايۋانلار
قولىمىزدا سايمانلار
پىلسىراتى كۆۋرۈكتىن
قانداق ئۆتىمىز ئەمدى؟؟؟؟
قۇرئان ئاللاھ كالامى،
ئوتتۇز پارە تامامى،
سۇئال سوراق جاۋابى،
شۇنداق كىلۇر بۇ قۇرئان...
قۇرئان ئاللاھ كالامى،
ئوتتۇز پارە تامامى،
سەككىز جەننەت ئاچقۇچى،
شۇنداق كىلۇر بۇ قۇرئان...
ياپراقلىرى رەيھاندىن،
يىلتىزلىرى ئىماندىن،
قاراڭغۇ دىل چىراغى،
شۇنداق كىلۇر بۇ قۇرئان....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yoluchimen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-13 08:48 PM