kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2012-6-13 10:19 PM
ئاتا ئانىسىغا قايىل بۇلدۇم. نۇمۇسلۇق ئادەملەركەن. پەقە ...
توۋا ما نۇمۇسسىز كەلگۈندىنىڭ گىپىنى، ئاۋۇ ئۆز يۈرەك پارىسى بولغان قىزىنى پارچىلاپ ئۆلتۈرگەن ياۋۇز ئىبلىسلىدىنمۇ رەھىمسىزمۇ نىمە ؟ سىنىڭ تىخى بالاڭ يوق ئوخشيايدۇ ھە ، ئىنشائاللا،
ساڭا دىسەم بىشى قىيىپ قالغان تالىپ ئۇكام، ئۇ قىزدا گۇنا يوق ، گۇنا شۇ قىزنىڭ شۇنداق غەرىپ جەمىيىتىدە تۇغۇلىشىغا سەۋەب بولغان ۋە شۇ يەردە ئۆستۈرگەن ئاتا ئانىسىدا چۈنكى ھەر ئادەم ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە ئەتراپىدىكى مەدەنىيەتنىڭ مەھسۇلى. ئۇ ئاتا ئانىسىنىڭ قىلغىنى سەن دىگەندەك يوللۇق شەرەپلىك ئىش بولسا ئەنگىلىيەدە نىم بار ئۇ لومودى كەلگۈندىلىگە؟ قىزىنى پاكىستاندا تىپىپ پاكىستاندىكى ئىسلام مۇھىتىدا چوڭ قىلسا بولمامدۇ؟
ھەي نادان ئۇكام ھەي نادان ئۇكام
سىنىڭ ما قان ۋە نادانلىق ھەم شۇملۇق تىمىپ تۇرغان ئىنكاسىڭدىن بەك يىرگەندىم. توۋا دىگىن ، بىر ئادەمنى قۇتقۇزغانلىق پۇتۇن ئىنسانىيەتنى قۇتقۇزغانلىق، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىك پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرگەنلىك.
ئاۋۇ ئىبلىس ئاتا ئانىنىڭ ئۆز قىزىغىمۇ زەھەرلىك قولىنى سالالىشىنىڭ ھەتتا پارچىلاپ تاشلاشقا جۈرەت قىلالىشىنىڭ سەۋەبى نىمە؟ چۈنكى ئۇلار ساڭا ئوخشاش جاھالەت قۇربانلىرى، قارىغاندا بۇنداا ۋەھشىلىك سىنىڭمۇ قولاڭدىن كىلىدىغان ئوخشايدۇ تالىپ ئۇكام.
ئەمدى بۇ ئىش دۇنيادا غۇلغۇلا پەيدا قىلسا سەن بىلەن بىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلىغا تەسىرى قاندا بولىدۇ بۇنى ئويلا، بەك پەخىرلىنىپ كەتكەن ئوخشىمامسەن.
ماڭا تىل سالساڭ مەن تەييار ، بۇ گەپلىرىم ئۇچۈن مىنىڭ چايناپ توغراپ ، چىشىمنى ئىزىپ ياگو ياساپ چىشىڭنى يۇساڭمۇ پۇخانىڭدىن چىقمايدىغان ئوخشايسەن، ئىنكاسىمنى ئوقا ئوقۇمايلا چىشلىرىڭنى غۇچۇرلىتىپ پالتا كەكىلىرىڭنى ساپلاپ بولدۇڭغۇ دەيمەن؟ لىكىن ھىچقىسى يوق ئۇكام ، چۈنكى ئاللا خالىسا سەنمۇ چوڭ بولىسەن ، بىزدەك ئاتا ئانا بولىسەن، شۇ چاغلىدا بۇ ئىنكاسىڭنى قايتا ئوقۇپ باق.مىنى ئاكا دىمىسەڭ ھىساپ ئەمەس
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yaro تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-14 12:10 AM