312520 يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:54 AM
رەھمەت سىزگە ،كۆپ تەشەككۇرلەر بولسۇن .
رەھمەت ئېيتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق . بىر يولدىكى كۆرەش قىلىۋاتقان كىشىلەر
ئىكەنمىز . كىچىككىنە بولسىمۇ توغرا مەسلىھەت بىرەلىسەم خۇشالمەن .
سىز دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تىجارەت ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ ئاغزىغا قارىسىڭىزمۇ
مۇشۇ فورمۇلا پۇت دەسسەپ تۇرالايدۇ .
قىلماقچى بولغان كەسپىڭىزنى چۈشىنىڭ ، ئىشىنىڭ ، سۆيۈڭ .
سودىغا ماھىرلىقى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان ، شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان
ئاتا ـ بوۋىللىرىمىز بىزگە : ‹‹ بولمىساڭ ئىللىق چىراي ، ئاچمىغىن دۇكان ساراي ››
دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن . تەبەسسۇمنى قولدىن بەرمەڭ !
تىجارەت قىلىشتىكى مەقسەت _ باي بولۇش . ئەمما ، بىز قانداق قىلسام
خېرىدارنىڭ پۇلىنى ئالالايمەن ؟ دېگەننى ئەمەس . قانداق قىلسام خېرىدارلارغا
تېخىمۇ ئەتراپلىق ، ئەلا مۇلازىمەت قىلالايمەن دېگەننى ئويلاپ باقساق بولىدۇ .
سىز چۇقۇم مىھمانخانىڭىزدا ياتقان خېرىدارغا ياخشى مۇلازىمەت
ئىللىق مۇھىت ئاتا قىلىشقا تېرىشىڭ !
يەنە بىرى مىھمانخانىدا ياتقان خېرىدارنىڭ ئىسمىنى ئىسىڭىزدە تۇتۇۋېلىشقا
ئەھمىيەت بىرىڭ ! ھەممە ئادەم ئورتاق پىسخىكىسى _ ھەركىم ئۆز ئىسمىنى
ياقتۇرىدۇ ، ھەم چىرايلىق ئاڭلىنىدۇ . سىز خېرىدارنىڭ ئىسمىنى ئىسىڭىزدە
تۇتۇۋالسىڭىز يەنە بىر قېتىم مىھمانخانىدا يېتىشقا توغرا كەلسە چۇقۇم سىزنىڭ
مىھمانخانىڭىزدا كىلىپ خېرىدارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالىدۇ ...