يەنە سۆز ئويۇنى ئويناش سورۇنى ھازىرلىدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، بۇ مۇنبەر مەزمۇنلىرىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى، موللىقى، ئەزالىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن ھەممىمىزنى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ بۇ يەرگە جەم قىلماقتا، بۇرۇن بىرىنجى بوپ چچ نى ئاچقان بولساق ھازىر بىرىنجى بولۇپ بۇ مۇنبەرنى ئاچىدىغان بولدۇق. شۇ قىزغىنلىق بىلەن ھەممىمىز ھەرخىل مول تېمىلارنى يوللاۋاتىمىز، ھەممىمىز ئۆز ئارتۇقچىلىقلىرىمىزنى جارى قىلدۇرىۋاتىمىز، ھەممىمىز ئۆزارا پىكىر ئالماشتۇرىۋاتىمىز، نەپ يەتكۈزىۋاتىمىز، بىلىم ئېلىۋاتىمىز، كۈنلەرنى خوشال ئۆتكۈزىۋاتىمىز......
مەنمۇ شۇ قاتاردىن قالماي، سۆز ئويۇنىنى يەنە داۋاملاشتۇراي دىدىم، باشتا تورداشلار نامىدا يازغان تېمامدا، شېئىر شەكلىدە 32 ھەرىپ سۆز ئويۇنى يازغان ئىدىم، ھەممەيلەن ياقتۇرۇپ كۆردى، بۇنىڭغا بەك خوش بولدۇم، لېكىن ئەگىشىپ سۆز ئويۇنى يازغانلار بەك ئاز، (چۈنكى بىر خىل ھەرىپتىن 9 بوغۇملۇق قىلىپ، مەزمۇن چىقىرىپ شېئىر يېزىش خېلى تەس، 9 لىققا قارىغاندا 7 لىك قوشاق يېزىش ئاسانراق) شۇڭا بۇ تېمامنى ئۈچ خىل شەكىلدە يېزىپ بېقىشنى ئويلاشتىم:
1. شېئىر شەكلى(9 بوغۇملۇق ياكى كۆپ بوغۇملۇق) .
2. قوشاق شەكلى(5 ياكى 7 بوغۇملۇق).
3. بىر جۈملە ياكى بىر ئابزاس يېزىش شەكلى.
مۇشۇنداق بولغاندا، مەيلى سۆزلۈك يازىدىغانلار بولسۇن ، شېئىر يازىدىغانلار بولسۇن ، قوشاق يازىدىغانلار بولسۇن ، ھەممەيلەن قالماي بۇ سۆز ئويۇنىغا قاتنىشالايدىكەنمىز، ھەم قاتنىشىشىڭىزلارنى ئۈمىت قىلىمەن! سۆز بايلىقىمىزنى تېخىمۇ كۆپ قېزىپ ئىشلىتىپ تۇرساق، تىل بايلىقىمىز تېخىمۇ مول راۋاجلانغۇسى!
قېنى ئەمدى دىققىتىمىزنى سۆز ئويۇنى ئويناشقا ئاغدۇرايلى! باشتا ئا ھەرپىدىن باشلايلى:
1. ئا
(1) شېئىر شەكلى:
ئاۋازىڭنى ئاڭلالماي ئارمان،
ئاھلاندىمغۇ ئاسمانغا-ئايغا.
ئاڭلارسەنمۇ ئاسماندىن ئاھىم،
ئارمانىمنى ئاڭلىغاچ ئاستا.
ئازاپلاندىم ئارزۇ-ئارماندا،
ئاڭلارسەنمۇ ئازاپلىرىمنى.
ئاسرالامسەن ئانامدەك ئاسراپ،
ئاقلارسەنمۇ ئارمانلىرىمنى.
(2) قوشاق شەكلى:
ئاسمىنىدا ئادەمنىڭ،
ئادەم ئادەم ئاتالسۇن.
ئادەمىلىك ئاتاققا،
ئادەملەرمۇ ئاتلانسۇن.
ئادەمگەرچىلىك ئاقسۇن،
ئادەملىكتە ئاقىللىق.
ئاۋاتلاشسۇن ئالەمدە،
ئاسايىشلىق ئاۋاتلىق.
(3) سۆز شەكلى:
ئالىملار ئالەم ئاختۇرۇپ، ئاسماننى ئايلىنىپ، ئاينى ئايلىنىپ، ئالەمنى ئايلىنىپ، ئادىمىزات ئارىسىدا ئايدىڭلاشمىغانلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئالىملار ئاخىرغىچە ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئارتتۇرۇپ، ئاسايىشلىققا ئاتلاندى. ئاپتاپلاردا ئازاپلانماستىن، ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئاقلاشقا ئاتلاندى. ئارزۇ ئارمانلىرىمىزنى ئاز-ئازدىن ئاقلىدى.
ئالىملار ئاخىرغىچە ئاداققىچە، ئادەملەرگە، ئالەمگە ئاسايىشلىق ئاتاۋاتىدۇ.
ئالىملاردىن ئاغرىنىشقا ئالدىرىمايلى. ئادەملا ئاتىلىدىكەنمىز، ئالىملىرىمىزنى ئالتۇننى ئاسرىغاندەك ئاسرايلى.
مەنبە: ئاداشلارغا »ئا«دىن ئازراق ئالغاچ ئاتلاندىم. ئاقىللار ئاقىلانە ئاقىللىرىڭلاردىن، ئالتۇنچىلار ئالتۇنىڭلاردىن، ئاتچىلار ئارغىماق ئاتلىرىڭلاردىن ئايىمىغايسىزلەر.
ئەسكەرتىش: داۋامى بار،
قالغان 31 ھەرىپنىمۇ كۈندە بىر ھەرىپتىن ئىنكاسدا يېزىپ يوللاپ تۇرىمەن، قوللىغايسىزلەر!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-14 05:58 PM