مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: japakaxana

ئائىلە دىگەن نىمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79690
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3269
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 02:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتتە مۇكەممەل بىر ئائىلىدىن ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ.ئائىلە مەسئۇليىتىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى،چۇنكى بىزمۇ شۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 478
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7804
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2751 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 04:49:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇئا ئائىلەمنى بەك قەدىرلەيدىغان بولۇپ قالدىممەن .

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

سەندىكى ئەركەكلىك غۇرۇر شۇمىدى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7989
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2455 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 04:56:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ihsan0903 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-18 04:49 PM
شۇئا ئائىلەمنى بەك قەدىرلەيدىغان بولۇپ قالدىممەن .

ياخشى بوپتىغۇ ، ئەجرىنى كۆرىسىز قىرىندىشىم
ئائىلىڭىزدىكى خۇشاللىققا كۆز تەگمىسۇن ، تىخىمۇ ياخشى قەدىرلەڭ

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا

جاھان كۆزى ئەركەكتە

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1528
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7566
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 07:13:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەركەك بولماي ئايال يوق
قىز بولماي ئەر

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1158 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 07:30:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2012-6-18 12:23 PM
بەختلىك بىر ئائىلە قۇرۇش ، سەلتەنەتلىك بىر دۆلەت قۇرۇش ...

تولىمۇ توغرا گەپ قىلىپسىز جۇمۇ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1158 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 07:31:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەخىتلىك ئائىلە بولمىسا ھەشەمەتلىك داچىنىڭ ئەسكى بىر كەپە بىلەن پەرقى يوق

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1970 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 10:04:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە ئۇ جەمىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى.

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 707
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14212
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3374 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 10:22:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىرلەشنى بىلىڭ



      توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن يولدۇشۇم ماڭا سەھرادىكى ئانىمىزنى(قېين ئانامنى) ئەكىلىپ بېقىشنىڭ مەسلىھەتىنى سالدى. يولدۇشۇمنىڭ ئاتىسى كىچىكىدىلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ،ئۇ ئانىسىنىڭ بىردىنبىر ئۈمۈدى ۋە يۆلەنچۈكى ئىدى،  قېين ئانام ئۇنى مىڭبىر جاپالاردا بېقىپ چوڭ قىلىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ئوقۇتقان بولۇپ، قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن دېسەممۇ ئارتۇقلۇق قىلمايتتى،مەن ئارقا-ئارقىدىن ماقۇل،ماقۇل! دېدىم ۋە دەرھال كۈنگەي بالكونلۇق ئۆينى رەتلەپ قويدۇم، قۇياشقا قاقلىنىپ ئولتۇرسا،گۈل باقسىمۇ بولاتتى. نۇرلۇق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن بۇ ئىللىق ئۆيدە يولدۇشۇم ھېچ گەپ قىلمايلا تۇيۇقسىز مېنى قۇچاقلاپ كۆتۈرگىنىچە نەچچىنى چۆرگىلەپ «ۋاي بولدى!» دەپ ۋارقىراپ كەتكىنىمدە ئاندىن مېنى يەرگە قويۇپ چىڭڭىدە قۇچاقلاپ تۇرۇپ«ھازىرلائانامنى ئالغىلى بارايلى! »دېدى.
        يولدۇشۇم ئېگىز بەستىلىك ئىدى، ئۇنىڭ كەڭ مەيدىلىرىگە بېشىمنى قويۇشنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتىم، ئىككەيلەن بەزىدە ئوخشىمىغان قاراشتا بولۇپ گەپ تالىشىپ قالغاندا ئۇ مېنى كۆتۈرۈپلا ئېلىپ كاللامنى چايقاپ قورقۇتۇپ يالۋۇرغۇزاتتى،ئەمما بۇنداق «قورقۇنۇچلۇق»ۋە بەخىتلىك ھېسىياتقا مەن ئاشىق ئىدىم...  
        سەھراغا كۆنۇپ قالغان قېين ئانامنىڭ بۇ يەرگە كۆنىشى سەل تەس كەلدى. مەن دائىم يېڭى خۇشپۇراق گۈللەرنى ئەكىرىپ مېھمانخانا ئۆيگە تىزىپ قويۇشنى ياخشى كۆرەتتىم، قېين ئانام ئاخىرى قەتئىي چىدىماي:«سىلەر پۇلنى تېجەش دىگەننى بىلمەمسىلەر؟! ھە!» دەپ كەتتى،مەن كۈلۈپ تۇرۇپ:«ئانا،ئۆي ئىچى گۈل پۇراپ چىرايلىق ئېچىلىپ تۇرسا،ئادەمنىڭ كەيپىياتىمۇ ئېچىلىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ!» دېدىم، ئانام بېشىنى تۆۋەن قىلىپ بىرنىمىلەرنى دېگەچ كىرىپ كەتتى،يولدىشىم بىر چەتتە بىزگە قاراپ پىخ پىخ كۈلۈپ:«ئانا،بۇنىڭغا ئاستا ئاستا كۆنۈپ قالىسەن»دېدى.
       ئاناممۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمايدىغان بولدى،بەزىدە چوڭ كىچىك خالتىلارنى كۆتۈرۈپ كىرسەم ئۇنى قانچە پۇلغا ئالدىڭىز بۇنى قانچە پۇلغا ئالدىڭىز دەپ سوراپ كېتەتتى،مەنمۇ راست گەپ قىلىپ ئۆز باھاسىنى ئېيتىپ بېرەتتىم،شۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ بەك قاخشايتتى، يولدۇشۇم بۇرنۇمنى مىجىپ تۇرۇپ:« ھەي،ئەخمەق خوتۇن، ئۆز باھاسىنى دېمىسەڭ بولمىدىمۇ دەيتتى».
        تۇرمۇشىمىز ئاستا ئاستا ئۇنچىۋالا ئىناق بولماي قالدى.قېين ئانامنىڭ ئەڭ خاپا بولىدىغىنى مېنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەندە يولدىشىمغا تاماق تەييارلىغۇزىشىم بولۇپ ،ئۇنىڭ كۆزقارىشىدا، چوپچوڭ ئەر كىشى خوتۇن كىشىگە تاماق ئېتىپ بېرىشى بىر سەتچىلىك ئىدى،ئەتىگەنلىك تاماق ئۈستىلىدە قېين ئانام قاچا-قۇچىلارنى جاراڭ-جۇرۇڭ قىلىپ قوياتتى،بۇ ئۇنىڭ ئۈنسىز قارشىلىقى ئىدى.
       مەن بالىلار سارىيىدا ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم،ئەتىگەندىن كەچكىچە تاقلاپ تازا ھارغاچقا ئەتىگەندىكى بۇ يۇمشاق ئورنۇمدا بىردەم ھۇزۇرلىنىۋىلىشتىن ۋاز كەچكىم يوق ئىدى، شۇڭلاچقا قېين ئانامنىڭ بۇ ئۈنسىز قارشىلىقى بىلەن ئانچە كارىم بولمىدى،  قېين ئانام بەزىدە ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشەتتى،ئەمما ئۇ ياردەم قىلسا مەن تېخىمۇ ئاۋارە بولۇپ كېتەتتىم،مەسىلەن: ئۇ ئەخلەت خالتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ قويۇپ ساتىمىز دەپ ئاشخانا ئۆينى خالتا بىلەن توشقۇزىۋىتەتتى، قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئايايمەن دەپ ئىشلەتمەيلا قاچىلارنى يۇياتتى، ئارقىدىن ئانام خاپا بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئوغۇرلۇقچە قايتا يۇيۇپ چىقاتتىم.
       بىر كۈنى كەچتە مېنىڭ قاچىلارنى يۇيىۋاتقىنىمنى كۆرگەن ئانام يۈگۈرگەن پېتى ئۆيىگە كىرىپ يىغلاپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن يولدۇشۇم ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئەركىلەپ كەچۈرۈم سورىساممۇ كارى بولمىدى،ئاخىرى چىدىماي:«ئۇنچىۋالا قىلغۇدەك نىمە قىلدىم مەن؟!»دەپ ۋارقىرىدىم،ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:«ئانامغا ئازراق يول قويسىڭىز نىمە بوپتۇ؟! قاچىنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلىقى بىلەن يۇماي بىرنىمە يېسە ئۆلۈپ قالامدىكەن ئادەم؟!»دېدى..
       خېلى ئۇزۇنغىچە ئانام ماڭا گەپ قىلمىدى، ئائىلىمىزنىڭ كەيپىياتى شۇنداق سوغۇق بولۇپ كەتتى، ئۇ مەزگىلدە يولدۇشۇممۇ بەك بېسىم ئىچىدە قالدى، ھەر ئىككىسى ئۇنىڭ ئەڭ سۆيىدىغان كىشىلىرىدە...
       يولدىشىمنى تاماق ئېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن،ئانام قەتئىيلىك بىلەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى،ئوغلىنىڭ خوشال يېيىشلىرىگە زوقلۇنۇپ قارىغان كۆزلەر ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن تىكىلەتتى، ئاخىرى بۇ مۇھىتتىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە مەن ئەتىگەنلىكى سەھەردىلا چىقىپ كېتەتتىم.ئۇخلىغىچە يولدۇشۇم:« زۆھرە،سەن ئانامنىڭ ئەتكەن تامىىقى مەينەت دەپ يىمەيۋاتامسەن؟»دېدى،ئۆرۈلۈپ قارىسام،يەنە شۇ سوغۇق دۈمبە مېنىڭ ئۇۋاللىق ياشلىرىم بىلەن كارى يوق قاراپ تۇراتتى.ئۇ بىر ئۇھسىنىۋەتكەندىن كېيىن :«ئۇنداق قىلماي بىز بىلەن ئولتۇرۇپ يېگىن » دېدى،شۇنىڭ بىلەن يەنە بۇ غەيرىي كەيپىياتلىق ئۈستەلگە قايتىپ كەلدىم.
       ئەتىسى ئەتىگەن، ئانام ئەتكەن شوۋگۇرۈچنى ئىچىپ ئولتۇرغىنىمىزدا،تۇيۇقسىز كۆڭلۈم قاتتىق ئايىنىپ،قاچىنى قويۇپلا ھاجەتخانىغا يۈگۈردۈم، بىرھاز قورسۇقۇمدىكى نەرسىلەر چىقىپ بولغاندىن كېيىن قارىسام ئانام بىر نېمىلەرنى دەپ غودۇرايتتى،يولدۇشۇم بولسا ئىشىك تۈۋىدە ماڭا چەكچىيىپ قاراپ تۇراتتى، ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم،مەن ھەرگىزمۇ قەستەن قىلمىغان ئىدىم،شۇ كۈنى بۇ ئۆمرىمىزدە تۇنجى قېتىم قاتتىق تالاش-تارتىش قىلدۇق. ئانام ئاۋال بىزگە بىر قارىۋىتىپ،ئاندىن قوپۇپ،ئاستا ماڭغىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى،يولدۇشۇم ماڭا بىر چەكچىيىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ئانامنىڭ ئارقىدىن چۈشۈپ كەتتى...
        نەق ئۈچ كۈن، يولدىشىم، ئاناممۇ يوق،ھەتتا بىرەر تېلفۇنمۇ يوق. مەنمۇ ئاچچىقىمدا ئىدىم...نىمە بولدىكىن،كۆڭلۈم ئاينىپلا تۇراتتى،ئىشقا بارسام ھەممىسى« چىرايىڭ باشقىچىلىغۇ؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ باققىن»دېگەچ، ئىشتىن چۈشۈپ دوختۇرخانىغا باردىم.نەتىجە چىقىپ مېنىڭ بويۇمدا قالغانلىقى ئېنىقلاندى،مەن ئۇ كۈنى نېمىشقا قۇسقۇم كەلگەنلىكىنى چۈشەندىم،بىرخىل بەخىتنىڭ ئىچىگە قايغۇ ئارىلاشقان بۇخىل ھېسىيات بىلەن دوختۇرخانىدىن چىقتىم، «نېمىشقا يولدۇشۇم ۋە كۆپنى كۆرگەن ئانام بۇنى ھېس قىلماي مەندىن ئاغرىنىپ يۈرىدۇ؟..»
       دوختۇرخانا ئالدىدا يولدىشىمنى كۆرۈپ قالدىم-دە،ئىختىيارسىز ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردىم،ئۇ ئۆرۈلۈپ ماڭا  قارىدى،«سىز دادا بولىدىغان بولدىڭىز !جېنىم» دېسەم،ئۇ مېنى خوشاللىقىدا كاپپىدە كۆتۈرۈپ ،چۆرگىلەپ كەتسە ھە! كاللامدا بۇ خىيال ئەمما ئەمەلىيەتتە كۆرگۈنۈم ئۇنىڭ ئورۇقلىغان چىرايىدىكى ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرى بولدى...مەن ئۆزۈمگە ئۇنىڭغا قارىما ،قارىما دېگىنىمچە تاكسىدىن بىرنى توسۇدۇمدە كىرىپ ئولتۇرۇپلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم...نېمىشقا بىر قېتىملىق ئۇرۇشۇپ قېلىش بىلەنلا مۇھەببىتىمىز بۇنداق مۇزدەك بولۇپ كېتىدۇ؟!...ئۆيگە قايتىىپ ئۆزۈمنى كارىۋاتقا ئاتتىم،كۆز ئالدىمدا يولدۇشۇمنىڭ ماڭا قورقۇنۇچلۇق قاراپ تۇرغان ھالىتى...يەنە مارجاندەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلار...
       كېچىدە، تارتمىنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، كۆزى يىغىغا تولغان يولدۇشۇم تارتمىدىن پۇل كارتىلىرىنى ئېلىۋاتاتتى، ئۇ مېنى كۆرمىگەنگە سېلىپ تېزدىن چىقىپ كەتتى.بەلكىم ئۇ مەندىن بىراقلا ئايرىلىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك...مەن مۇھەببىتىمىزنىڭ بىر قېتىملىق گەپ تالىشىشقا يېڭىلگەنلىكىنى شۇ ۋاقىتتا ئېتىراپ قىلدىم.ياشلىرىم يەنە كۆزچانىقلىرىمغا يېپىشتى...
       ئەتىسى ئەتىگەندە مەن يولدۇشۇم بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىش مەقسىتىدە ئۇنىڭ شېركىتىگە كەلدىم، كاتىپى ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىۋىتىپ:« دېرىكتورنىڭ ئانىسى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ھازىر دوختۇرخانىدا ياتىدۇ»دېدى.  
       جايىمدا داڭ قېتىپلا قالدىم.
     ئۇچقاندەك دوختۇرخانىغا بېرىپ يولدىشىمنى تاپقىنىمدا، ئانام ئاللاقاچان كۆزىنى يۇمغان ئىدى...يولدۇشۇم ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى، ئانامنىڭ تاتارغان چىرايىغا قاراپ كۆزۈمدىن ياشلار ئېتىلىپ چىقتى،نېمىشقا؟ نېمىشقا ئۇ ماڭا بىر ئېغىزمۇ تىنمايدۇ؟!ھازىر ئۇ ھەتتا ماڭا بىر قاراشتىنمۇ يىرگىنەتتى...
     ئانامىنىڭ قانداق بولۇپ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغانلىقىنى خەقنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدىم، ھېلىقى كۈنى ئەتىگىنى ئانام ئۆيدىن چىقىپ،سەھرادىكى ئۆيىگە كېتىش مەقسىتىدە ئاپتۇبۇس بېكىتىگە مېڭىپتۇ، يولدۇشۇم قانچە چاقىرىپ ئارقىسىدىن يۈگۈرسە ئانام شۇنچە چاققان مېڭىپ يولدىن ئۆتكىچە ئۇدۇلىدىن كەلگەن ئاپتۇبۇس ....
     مەن يولدۇشۇمنىڭ نېمىشقا ماڭا ئۇنداق قارايدىغانلىقىنى چۈشەندىم،ئەگەر شۇ كۈنى ئەتىگەندە مەن قۇسمىغان بولسام،بىز ئۇرۇشمىغان بولساق،ئانام چىقىپ كەتمىگەن بولسا...مەن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتىل ئىدىم...
     يولدۇشۇم ئۈن-تىنسىز ھالدا ئانام ياتقان ئۆيگە كىرىپ تۇردى، دائىم ھاراققا چىلىنىپ چىققاندەك قايتىپ كېلەتتى، پۇشايمانلىق ،ئۆكسۈش ھېسىياتىم ۋە بىچارە غورورۇم مىنى بوغۇپ ئۆلتۈرەيلا دەپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرەي دەيمەنيۇ،يەنىلا ئۇنىڭ سوغۇق قاراشلىرى بىلەن بۇ نىيىتىمدىن يانىمەن. مېنى بىر ئۇرىۋالسىمۇ،تىللىۋالسىمۇ مەيلىتى گەرچە مەن ئۇ ئىشلارنى قەستەن قىلمىغان بولساممۇ...           
      كۈنلەر ئېغىر تىنىقلاردەك ئۆتىۋاتاتتى،ئۇ بارغانسىرى كەچ قايتىدىغان بولىۋالدى، بىز ھەتتا ناتونۇش كىشىلەردىنمۇ بەتتەر سوغۇق مۇناسىۋەتتە ئىدۇق..
     بىر كۈنى بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقۇچە يولدۇشۇمنىڭ بىر ياش قىز بىلەن ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم،ئۇ ئاستا ئۇ قىزنىڭ چېچىنى ئوڭشاپ قويدى، مەن ئاۋال ھاڭ-تاڭ قالدىم ئاندىن كىرىپ ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قاراپ تۇردۇم،ئۇ قىز ماڭا بىر قاراپ يولدىشىمغا بىر قاراپ قوپاي دەپ تۇرىشىغا يولدۇشۇم ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى ۋەخۇددى مەن بىلەن بەسلەشكەندەك ماڭىمۇ تىكىلىپ قاراپ تۇردى،مەن يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىنىڭ بارغانسىرى تەشلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم...مەن ئۇتتۇردۇم، ئەگەر يەنە تۇرسام، قورسۇقۇمدىكى بالا بىلەن تەڭ يىقىلىپ كېتىشىم مۇمكىن...
     شۇ كۈنى ئاخشىمى ئۇ قايتىپ كەلمىدى، ئۇ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ماڭا ئانامنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزمۇ ئۆلدى دېگەننى بىلدۈرمەكچى ئىدى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى ،ئۇنىڭ كېلىپ نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالغانلىقىنى بەزىدە ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندە  ئوچۇق تۇرغان ئىشكاپ ئارقىلىق بىلەتتىم.ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغىم يوق، بۇرۇن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش ئويۇم بولغان بولسىمۇ ئەمما ھازىر بۇنى ئويلىمايدىغانلا بولدۇم.
     مەن يالغۇز ياشاپ يالغۇز دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈشلەرنى قىلاتتىم، ھەر قېتىم ئەرلىرىنىڭ ئاياللىرىنى ئاۋايلاپ يېتىلەپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگەن ۋاقىتلاردا يۈرۈكۈم قايتىدىن پارچە پارچە بولۇپ سۇنۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم، بەزى خىزمەتداشلىرىم  «ئالدۇرىۋېتەمسەن يا؟» دېگەندەك قىلغانمۇ بولدى،ئەمما مەندە چوقۇم بۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلىمەن دېگەن ئىدىيە مۇستەھكەم ئىدى...كەچتە ئىشتىن قايتىپ ئولتۇرسام،ئۇ كىرىسلودا ئولتۇرغان ئىدى.كۆزلىرى تەسۋىرلىگۈسىز بىرخىل ھېسىياتقا تولغان، ماڭا ئوخشاش.
        ئاستا يوغان پەلتونى سېلىپ كىيىم ئاسقۇچقا ئاستىم، «يىغلىما،يىغلىما »دەيتتىم ئىچىمدە ئۆزۈمگە،ئۇنىڭ كۆزى مېنىڭ سەل كۆتۈرۈلگەن قورسۇقۇمغا تىكىلدى،مەن كۈلۈپ قويۇپ،ئۈستەل ئۈستىدىكى قەغەزنى ئالدىمدە ئوقۇپمۇ قويماي ئىمزا قويۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدۇم،«زۆھرە، بويۇڭدا قاپتۇما؟»،بۇ ئۇنىڭ شۇنچە ئۇزۇندىن بۇيان ماڭا دېگەن تۇنجى ئېغىز سۆزى ئىدى،ئەمدى ئۆزۈمنى پەقەت تۇتالمىدىم، يىغلاپ كەتتىم ئەمما يەنىلا شۇ بىچارە غورۇرۇمنى دەپ« ھەئە، ئەمما ھېچقىسى يوق ،سىز كېتىۋېرىڭ »دېدىم.
      ئۇ كەتمىدى، قاراڭغۇدا،بىر-بىرىمىزگە قاراپ يېتىشتۇق، ياشلىرىمىز يوتقاننى ھۆل قىلغان ئىدى، ئەمما مېنىڭ يۈرۈكۈمدە نۇرغۇن نەرسىلەر كەلمەسكە كەتكەن ئىدى،ئۇنىڭ قانچە قېتىملاپ«مېنى كەچۈر » دېگىنىنى بىلمەيمەن،مەنمۇ ئۇنى كەچۈرەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئەمما ھېلىقى خەقنىڭ چېچىنى ئوڭشاپ ئولتۇرغان،ماڭا شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك نەزەر بىلەن قارىغان ئۇنىڭ سىماسىنى ھەرگىز ئۇنتىيالمايتتىم،ھەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە ئۆچمەس ئازاب ئوتى سالغان ئىدۇق. مەن ئۇقماستىن،ئۇ بولسا قەستەن قىلغان.
      قورسىقىمدىكى بالىنى ئويلىغىنىمدا يۈرىكىم ئىللىپ قالغاندەك ھېس قىلساممۇ،ئۇنىڭغا نىسبەتەن يۈرىكىم مۇزدەك بولۇپ كەتكەن ئىدى، ئۇ بىر نىمە ئەكىرسىمۇ يېمەيتتىم،گەپمۇ قىلمايتتىم، ھېلىقى قەغەزگە ئىمزا قويغاننىڭ ياقى بىزنىڭ نىكاھىمىز،مۇھەببىتىمىز ھەممىسى يۈرۈكۈمدىن ئۆچكەن ئىدى.ئۇ ياتاق ئۆيىمىزگە كىرىپ ياتاي دېسە مەن باشقا ئۆيگە چىقىپ كېتەتتىم، ئۇ ئاستا ئانامنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتەتتى،كېچىدە ئۇنىڭ «ۋايجان..»دەپ ئىڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم، بۇرۇن يامانلىشىپ قالساق ئۇ دائىم مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مېنى ئالداپ ئەكىرىپ كاپپىدە تۇتىۋېلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى...بۇرۇن ئارىمىزدا مۇھەببەت بولغاچغا كىرىپ «نەرىڭىز ئاغرىۋاتىدۇ؟»دەيتتىم...ئەمما ھازىر بىزدە يەنە نىمە بار؟
      ئەتىيازنىڭ ئاخىرى بىر كېچىسى،قورسىقىم قاتتىق تولغاپ ئاغرىپ ئۇنى چاقىردىم،ئۇ خۇددى مۇشۇ پەيتنى ساقلاپ تۇرغاندەك ،كىيىملىرىنىمۇ يەشمەي ياتقاندەك دەرھال كىردى ۋە كۆتۈرۈپ ئېلىپلا پەسكە چۈشتى ھەم ماشىنىدىن بىرنى توسۇپلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلدى،ئۇنىڭ قوينىدا ياتقان ۋاقتىمدا كاللامغا تۇيۇقسىز «بۇ ئۆمرۈمدە كىممۇ مېنى ئۇنىڭدەك سۆيەلەيدۇ؟»دېگەن خىيال كەلدى،ئوپىراتسىيەخانىغا كىرگۈچە مەن قاتتىق ئاغرىقنى ئۇنتۇپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدۈم. تۇغۇت بۆلۈمىدىن چىققاندا ،يولدۇشۇم كۆزى ياشقا تولغان ھالدا توختىماي كۈلۈپ كەتتى،ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتۇم،ئۇ ماڭا چوڭقۇر مېھىر بىلەن قارىدى ئاندىن ئاستا ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرغان قولۇمنى قويۇپ يىقىلدى..
      مەن بار جېنىم بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىردىم...
     مەن بۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ يولدىشىم ئۈچۈن ياش تۆكمەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم،ئەمما ھازىر ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان ئاغرىق تېنىمنى يىرتىپ تاشلايدىغاندەك قىلاتتى،دوختۇر :«جىگەر راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ،بۇنداق ئۇزاق ياشىشىنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە»دېدى،«سىلەربۇنى قاچان بايقىغان؟»دەپ سورىغىنىمدا ،دوختۇر:«بەش ئاي بۇرۇن »دەپ جاۋاب بەردى ھەم كېيىنلىكىگە تەييارلىق قىلىپ قويۇشۇمنى ئېيتتى ...
     مەن سېستىرالارنىڭ توسۇشىغا باقماي ئۆيگە قايتتىم،ھەم يولدىشىمنىڭ كومپىيوتىرىنى ئاچتىم،يۈرىكىم سەكرەشتىن توختىغاندەك ھېسىياتتا..
      ئۇنىڭ كېسىلى بەش ئاي بۇرۇن بايقالغان،دېمەك ھېلىقى ئىڭراشلار راست ئىكەنتۇق،مەن تېخى...
      كومپىيوتىر ئېكرانىدا «ئوماق بالامغا»ۋە «سۆيۈملۈك ئايالىمغا»دېگەن ئىككى پارچە خەت تۇراتتى،ئوماق بالامغا دېگەننى ئاچتىم:
   بالام،سېنى دەپ ئۇزۇندىن بېرى چىداپ كەلدىم،سېنى بىر كۆرۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق بولغان بولاتتى،بىلىمەن،بۇ ئۆمرۈڭدە چوقۇم نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خوشاللىقلارغا ئۇچرايسەن، ئەگەر مەن يېنىڭدا بولۇپ،بىللە بۇلارنى باشتىن كەچۈرسەم نىمەدىگەن ياخشى بولاتتى-ھە!ئەمما مېنىڭ ۋاقتىم ئاز قالدىم...مەن سەن بەلكىم يولۇقىدىغان مەسىلىلەرنى يېزىپ قالدۇراي، شۇ ۋاقىتتا ئامالىڭ بولمىسا مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنارسەن....
    يولدۇشۇم يەسلىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپكە،تۇرمۇشلۇققا چىققىچە بولغان بارلىق ئۇ ئويلاپ يەتكەن ئەھۋاللار ئاستىدا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى يېزىپ قويغان ئىدى...
    مەن ياش تولغان كۆزۈم بىلەن خەتلەرنى ئاران ئوقۇدۇم...ماڭا يازغان خەتنى ئاچتىم...
«جېنىم،سەن بىلەن توي قىلىغىنىم بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ بەخىتلىك ئىشلارنىڭ بىرى،سېنى ئازاپلىغىنىمنى كەچۈرگىن،كېسىلىمنى يوشۇرغىنىمدىن كەچۈرگىن،سېنى بىر ياخشى كەيپىياتتا بالىمىزنى بۇ دۇنياغا ئەكەلسۇن دەپ ئېيتمىغان ئىدىم.ئەگەر يىغلىغان بولساڭ مېنى چوقۇم كەچۈردۈڭ،شۇندىلا مەن كۈلىمەن. بۇ سوۋغاتلارغا يىل سانىنى يېزىپ قويدۇم،سەن ھەريىلى بالىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا بىرنى بەر.مەن ئۆز قولۇم بىلەن بېرەلمىگۈدەكمەن...سېنى سۆيىمەن.»
    ئوقۇپ بولۇپ دوختۇرخانىغا قايتتىم،ئۇ تېخى ھوشىغا كەلمىگەن ئىدى،سېستىرانىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بالىمىزنى ئاچىقىپ دادىسىنىڭ قوينىغا ياتقۇزدۇم،«ھەي،كۆزىڭىزنى ئېچىڭە،ئوغلىڭىز بىلەن رەسىم چۈشىۋىلىڭ!»دېدىم،شۇنداق تەسلىكتە ئۇ كۆزىنى ئېچىپ كۈلدى...
    كۆزۈم ياشقا تولۇپ ھېچنىمە كۆرمىسىمۇ ئاپاراتنىڭ كونۇپكىسىنى باستىم...  
        
               
         ئۇنى قەدىرلەڭ ،ئاتا-ئانىڭىزنى قەدىرلەڭ،تۈگىمەس يامانلاشلار ،ئۇرۇشلار مۇھەببىتىڭلارنى يۈتۈپ كەتمىسۇن.


ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81045
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3095
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-6-3
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 11:29:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادا سەن بىر سائەتتە نەچچە پۇل تاپىسەن، دادا-- مەن بىر سائەتتە 30 كوي تاپىمەن. قانداق بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ، ئوغلۇم دەپ سوردى 6ياشلىق ئوغىلىدىن دادا؟  ماڭا 15كوي بەرسەڭ بوپتىكەن دادا! دەپ سوردى ئوغۇلى.  دادا ،،،رەنجىپ  مەن جاپا تارتىپ پۇل تاپىمەن  ھەم ھىرىپ كەلگەندە سىنىڭ ئويۇنچۇق ئىلىپ غەجلەيدىغان پۇلۇڭنى بەرمەيمەن. ماڭ كىرپ ئۇغلا دىدى دادا.  بالا ئوز ھوجۇرسىغا كىرپ كەتتى. دادا ئويلىنىپ قالدى. ئاۋۋال پۇلنى نىمە قىلدىغانلىقنى بولسىمۇ بىلىپ باقاي دەپ ئوغۇلۇنىڭ قىشغا كىرىپ ئەستايىدىدل سوردى. ئوغلۇم پۇلنى زادى نىمىگە ئىشلىتىسەن؟ ئوغلى ئاۋۋال پۇلنى بەرگىن ئاندىن دەپ بىرەي دىدى. دادسى پۇلنى بەردى. ئوغلى ئوزى ساقلاپ كويغان 15كوي پۇلنى داداسى بەرگەن پۇلغا قوشۇپ 30 كوي قىلىپ دادىسىغا تەڭلەپ.. دادا ئەتتە سەن بىر سائەتتە تاپىدىغان 30كوي مانا ئەتتە  بىر سائەت ۋاقتىڭنى ماڭ بەر. بىر سائەت بۇرۇن كىلىپ مەن بىلەن توپ ئوينىشىپ بەر........... دادا كوز ياىشىنى ئوغلىغا كورستىشنى خالىمىدى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78534
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4468
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 10:38:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى مەزمۇنلار بىلەن تېمىنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ بېرىپسىز ،بىر ئائىلىدە ئۆزئارا چۈشۈنۈش ،ئۆزئارا ئەپۇ قىلىش بولمىسا كىيىنكى پۇشايمان ئۆزىگە دۈشمەن بۇلىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش