ئۇزۇن قۇلاق مېيى بولمىسا بىڭگور بولمايدۇ دىگەنگە مەن ئىشەنمەيمەن
چۈنكى ئون بەش يىگىرمە يىل ئالدىدا يازلىق سوغۇق يىمەكلىك تەمىنلەش دەپ
شىركىتىمىز ئۆز ئىشچى خىزمەتچىلىرىگە بىڭگور ياساپ تارقىتىپ بېرەتتى...شۇ ۋاقىتتا
نەچچە خىل بىڭگور ياسىغاننى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن،ئىشلەيدىغانلار ھەممىسى
ئۆزىمىزدىن ئىدى،ھىچ نىمىنىڭ مېيىنى ئىشلەتمەيمۇ بىڭگور ياساۋەرگەن....شىركەت
خىزمەتچىلىرىگە ھەر ئايلىق مائاش تارقاتقاندا بىڭگور بىلىتىنىمۇ قوشۇپ تارقىتاتتى،تاس
قالاتتىم ناشتىلىققىمۇ بىڭگور يىگىلى....ھازىر ياسىمايدۇ ھەي شۇ چاغلار بەختلىككەنتۇق.
ھازىرقى بىڭگوردا ئىشقىلىپ مەسىلە بار،ئېلىپ يەرگە تاشلاپ تولۇق ئېرىگەندىن كېيىن
قارىسىڭىز غەلىتە بىر نىمە ئېشىپ قالىدىكەن قويۇقلا،ئەسلى ھىچ نىمە قالمىسا توغرا بولاتتى
ھازىر يەيدىغان نەرسىنىڭ ھىچ قايسىسىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ،بولۇپمۇ مۇشۇلار ئارلىشىپ
قالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق....