رەمەتلىك تولىمۇ باتۇر شەرەپلىك ياشىغان ئادەمتى
شۇغىنىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كورتلار ئامرىكىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن تولا بېشىنى ئاغرىتىپ ئاز تولا قاتتىق قوللۇقمۇ قىلىپ قالدى كورتلارمۇ ئەسلىدىن ناچار ئادەملەر ئەمەستى بىراق ئامرىكا دىگەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ قەبىلىۋازلىق قىلىپ خىلى تۇمشۇقىغا يېدى شۇ چاغدا رەمەتلىك سادامغىمۇ ئامال يوقتى
تورداشلارنىڭ ئاق قارىنى پەرق ئەتمەستىن باتۇر سادام رەمەتلىكنى تىللىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن
2-قەۋەتتىكى laptop
1-سىز باشقىلارغا ئاق-ئاقارىنى ئايىرىش- ئايرىيالماسلىق ھەققىدە ئۆز قارىشىڭىزنى تاڭالمايسز ھەم قايسى ئاق،قايسى قارا ئۇنىمۇ كۆرىسىتىپ بېرەلمەيسىز .مەنچە بولغاندا سىز ھەرگىزمۇ سىياسەت.تارىخ،ئېقىم مەسىلىرىنى باش كۆتەرمەي ماتىريال ئىزدەپ تەھلىل قىلىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس.ھەم ئېراققا ئۆمۈرڭىزدە بېرىپمۇ باقمىغان،ھەم ئۇ يەرنىڭ خەلقىمۇ ئەمەس،ھەم سىز بەلكىم ھازىرىغىچە 50چە ئېراقلىق ئىمام،ئوقۇغۇچى،سودىگەر،ئادەتتىكى پۇخرا،سادام دەۋىرىدىن قېلىپ قالغان ئوفېتسىر -ئەسكەرلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپمۇ باقمىغان بۇلۇشىڭىز مۇمىكىن .مەنمۇ ھەم شۇ، مەنمۇ ھەم ئۇ ئادەمنى ئاق-قارا دىيىشكە سەۋىيەم ھەم بىلىم-قۇرۇلماممۇ يەتمەيدۇ.
2-شۇڭا بىر ئادەمگە ياكى رايۇن ۋەزىيتىگە باھا بېرىشتە يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا بولمايدۇ دەپ قاريمەن.مەسىلەن يېراقتا ئىككى كىشى ئۇرشۇپ قالغىنىنى ھەم بىرسىنىڭ يانا بىرسىنى قاتىتىق ئۇرۇپ كەتىكىنىنى ئاڭلىغىنىمزدا ئۇ خەۋەرنىڭ قۇلقمىزغا ھەرخىل كۆپتۈرلۈپ كېلىش ئېھتىمالىقمۇ بار شۇڭا ئېھتىمالىق نەزىرىيسى دەپ ئاتايتىن ئۆگۈندىغان بىر نەزىيە بار.
ئەمدى سىزنىڭ ئېنكاسىڭىزغا مۇنازىرە ئېلىپ بارمەن.
1-كۇرتلارنى تىلغا ئېلىپ ئاپسىز.ئېزىلىش ھەرقاچان قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ياردىمنى قۇبۇل قىلشقا مەجبۇرلاپ قۇيدۇ.ئۆزىنىڭ گىپىنى قلغان ئادەمگە بەكەرەك ئاغىدۇ.چۈنكى كۇرتلار ئۇچۈن ئۇ رايۇندا ئۇنىڭ ئۈچۈن گەپ قىلدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقى مۇشۇنداق ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ. خۇددى بىزنى ئەرەپلەر ،ئوتتۇر ئاسىيادىكلەر بەك بىلىپ كەتمگەندەك ھەم ئېغىزغا ئىسمىمىزمۇ چىقىپ قالمىغاندەك ئىش.
مەسىلەن :ئاشۇ ئېراقتىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ cctv ئەرەپ تىلى قانىلىدىن شىنجاڭدىكى ئەھۋلىرىنى كۆرگەندە. بۇ ئۇيغۇر خەقنىڭ يۇرتى شۇنداق تەرەققى قىپتۇ نىمىشقا ئۇيغۇرلار تېرورچىلىق قىلدىغاندۇ دەپ قىلىشى مۇمكىن..دىمسىمۇ بىزمۇ كۆتمىزنى قىسماي پارتىيە- ھۆكمەت بىزگە يارتىپ بەرگەن تەرەققىيات،ئالەم شۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن ،ياخشى سياسەتلەردىن پايدىلىنالماي ھەممە ئىشىنى خەقتىن كۆرمىز ئەمەسىمۇ.
2-سادام شۇنچىلىك خەلىق پەرۋەر مىللەت سۈيەر مىللەت ئۈچۈن،دۆلەت ئۈچۈن جنىنى ئۈچۈن تىك تۇردىغان ئادەم بولسىدى، ئۆز خەلقىگە ئىشنەر ئىدى. ھەربىي مۈلكى ئەمەلدارلار،دۆلەت مۇداپىيەسى ئەمەلدارلىرى، دۆلەت مائالىيەسى،نېفىت قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلار باشقۇرغۇچىلىرغا ئاچىسىنىڭ ئېرى،يەنەبىرسىنىڭ قېيىن ئاكىسى قاتارلىق كىشلەرنى قويمىغان ئادەم بۇلار ئىدى.
خەلىق ئۇنى ھەقىقەتەن چوڭ بىلگەن، ئۇنىڭغان ئىشەنگەن بولسا ئىدى ،خەلىق ئىچىدىن چىقان ئوفتىسېىر-ئەسكەرلەر ئامېرىكا قىسىمىلىرى ئالدىدا تام-توساق ھالەتتە تۇرۇپ قەھرىمانىنى قوغدىغان.خەلىق ئاممىسى بىر ئۆيدە ئوغىلى بولسا ئوغلىنى ئېرى بولسا ئېرىنى ۋەتەن،داھى،قەھرىمانى قوغداش ئۇرشغا يولغا سالغان. خەلىق سادامنىڭ بۇتىنى ئۆرمىگەن ، ھەم ئۇ كىشى ئەڭ ئېغىر كۈندە يېنىدا بولغان كىرۋالغان ئورچەكنى كۆرسىتىپ بەرمىگەن بۇلار ئىدى.
مۇنبەرداش سەل جىق گەپ قىلىپ قويدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuk1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-21 01:56 AM