مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Misranim

‹گـۈلـەن› بىلەن مـىسرانىم تورىدا سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78088
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2012-3-29
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 12:48:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4290
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2012-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 01:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەن ئەپەندىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تېلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 666
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32390
تۆھپە نۇمۇرى: 3088
توردا: 3690 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 01:15:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇۋەلىكا(گۈلەن) سىزنى خاتا چۈشنىۋالماسلىقىم ئۈچۈن ‹‹ئۇيغۇردىكى ئاشقۇنلۇق›› دىگەن سۆزىڭىزنى چۈشەندۈرەپ قۇيسىڭىز ؟  ئاشقۇنلۇق دىگىنىڭىز نىمە دىگەن گەپ ؟ سىز كىملەرنى ئاشقۇن داۋاتىسىز ؟ ئۇيغۇرلاردىكى ساقال قۇيغان يۇزىنى ياپقانلارنى ئاشقۇن دەپ سۈكۋاتامسىز يا ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-22 01:17 PM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20581
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6064
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 01:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jangqi يوللىغان ۋاقتى  2012-6-22 01:15 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇۋەلىكا(گۈلەن) سىزنى خاتا چۈشن ...

گۈلەننىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇپ قويىمەن ئەمما ، يازغان  ئىنكاسلىرىنىمۇ چالا قويماي ئوقۇيمەن .   ئۆزىنى كۆرۇپ باقمىغان ئىدىم ،بۈگۈن .ئاخىرى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم مانا ، رەھمەت مىسرانىمغا .             گۈلەن    گۈلەن دىسە  مەن تىخى يوغان  ،ھەيۋەت  ،چوڭ ..... ئادەممىكىن دىسەم كۆزەينەك تاقايدىكەنغۇ .   (چاخچاق ھە  )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71877
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 02:09:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yadikar- يوللىغان ۋاقتى  2012-6-22 12:09 PM
مىللىچە كىيىم بىلەن چىققان بولسا دېمەكچى سىز،شۇنداقم ...

گۈزەل باھانە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71877
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3206
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2012-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 02:12:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil8 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-22 12:48 PM
تورداشلار سىلەر بايقىدىڭلارمىكىن؟

مۇنداق ئىشتى--ئابد ...

زىيارەت فىلىمىنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ تەرجىمىھالىنى دەپ ئۆتتىغۇ .
ئوخشاش ئىسىم ئوخشاش فامىلە ئوخشايدۇ ، ھەيران قالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12981
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6369 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 02:17:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0998attella يوللىغان ۋاقتى  2012-6-22 02:25 AM
بۇرۇن بىر  قىتىم دىگەن   «گۈلەن »  دىگەننىڭ  مەنىسى  تۈر ...

گۈلەن كىم

ئابدۇۋەلى ئايۇپ


گۈلەننىڭ قويۇلىشى ۋە مەنىسى

ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن بۇرۇن غايىبانە سىرداشقان باغىرلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولدى. سورالغان سۇئاللاردىن ”گۈلەن دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟“، ”سىز نېمىشقا خەنسۇچە گۇلېن دەپ تەخەللۇس قويۇۋالدىڭىز؟“، ”گۇلەن دېگەن قىزبالىنىڭ ئىسمىغۇ؟“ دېگەندەك سۇئاللاغا دۇچ كەلدىم. بۈگۈن ھېيت ھارپىسىدا ئارام پۇرسىتى بولغانىكەن بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرەي.
مەن بۇ ئىسىمنى تورغا كىرگەن دەسلەپكى يىللاردا قويغان. ئۇ چاغدا ھەيۋەترەك ئىسىم قويۇش ئارزۇيۇم بار ئېدى. ئۆزەم بىلىدىغان ھەيۋەت سۆزلەرنى بىر بىرلەپ كىرگۈزسەم ھەممىسىنىڭ ئېگىسى چىقىپ قالدى. ئاشقان دەپ يازسام قالماپتۇ، ئۇتقان دەپ كىرگۈزسەم تۈگەپتۇ، يەڭگەن دەپ باسسام يوق دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۈركچە كۈلگەن دېگەن مەنىدىكى گۈلەن دېگەن سۆزنى كىرگۈسەم تېخى بىراۋ قوللانماپتۇ . موككىدە خوش يېقىپ شاپپىدا قوللىنىۋالدىم.  gulen دېگەن بۇ سۆزنى لاتىن ئۇيغۇر يېزىقىدا گۇلەن ئوقۇيدىغان بولغاچقا نۇرغۇن دوستلار گۇلەن يېزىۋالدى. ئامېرىكىداش دوستىمىز جەكنىڭ بلوگىدىكى يازمىلىرىمغا گۇلەن يازمىلىرى دەپ ئىسىم قويۇلغاچقا بۇ ئىسمىممۇ تارقىلىپ يۈرۈپتۇ. پىنيىنچە ئۇيغۇر يېزىقىدا بۇ سۆز گۇلېن ئوقۇلىدىغان بولغاچ بەزىلەر بۇ ئىسىم بىلەنمۇ ئاتاپ يۈرىۋاتىدۇ. مەن ئەسلى ئۆزەم ئەزان چىللىمايلا قويۇۋالغان ئىسمىمدا چىڭ تۇرۇپ ئىزچىل گۈلەن دەپ يېزىۋاتىمەن. يېقىندىن بېرى ئۆز ئىسىمىمنىلا قوللۇنايچۇ دەپ ئابدۇۋەلى ئايۇپ دەپ ئىسىم-ئاتاسى شەكلىدە يېزىپ كېلىۋاتىمەن. بولسا تۈركچە كۈلگەن دېگەن مەنىدىكى گۈلەن سۆزىنىڭ ئىززىتىنى قىلاي دېگەن دوستلارنى گۈلەن دەپ توغرايازسا دەيمەن. ئاللاھ ھەممىزنى گۈلەنلەردىن قىلغاي.

مەن بۇندىن 36 يىل مۇقەددەم مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغان ئوردۇكەنت (پايتەخت) قەشقەردە تۇغۇلغان. ئەزەلدىنلا خىيالچان مۇڭلۇق بىر بالا ئېدىم. ئانامنىڭ دەپ بېرىشىچە تىلىم بۇرۇنراق چىقىپ تۇنجى ئوقۇغان ناخشام
داجەي روھى كۈچ بەردى،
بىزنىڭ بۇ بېلەكلەرگە.
پارتىيەمنى كۈيلىسەم،
كۈچ كىردى بېلەكلەرگە.
دېگەن ئەينى دەۋردە مودا بولغان غەزەلكەندۇق. بۇ ناخشىنىمۇ ئۇزاق ئېيتالماپتىمەن. ماۋزېدوڭ ماركىسنى زىيارەت قىلغىلى كەتكەن كۈنلەردە ناخشا ئوقۇش چەكلىنىپتۇ. قىزىق گەپ، خەنسۇلاردا ئۆلۈم بولغان ئۆيدە ناخشا ئېيتسا بولمايدۇ، دېگەن چۈشەنچە بولمىسا، ئەجەپ مېنىڭ ئىنقىلابىي ناخشىلارنى بولسىمۇ ئېيتىشىمغا يول قويۇشماپتىكىنە! ماۋزىدوڭ ئۇيغۇرمۇ خەنسۇمۇ دەپ سوراش چەكلەنگەن، چوشقا ئىنقىلابىي ھايۋان دەپ قارالغان ئۇ زامانلاردا ئاجايىپ ئىكەندۇق. ئۇ چاغدا مەن پارتىيەم دېگەن سۆزنى بەلكىم پاتىمەم دەپ چۈشەنگەنمۇ، بەك ئامراق ئېدىم. بۇ سۆزنى ئاڭلىساملا مېرىبان بىر موماي كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. چۈنكى پارتىيەم دېگەن ھامان بۇ سۆزگە ئۇلىشىپ كېلىدىغان مېھرىبان، غەمگۈزار، سۆيۈملۈك دېگەن سۈپەتلەشلەر كىشىگە بىر ئايال مەدھىيەلىنىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. چۆرەمدىكىلەر يەۋاتقان ئاش- نان، تۇرۇۋاتقان ئۆي، ھەتتا قالاۋاتقان شىرشىم چاكاندىنىمۇ پارتىيەنىڭ بەرگەنلىكىگە ئىشىنىشەتتى. بىر كۈنى ئۆيىمىزگە بىر تىلەمچى كەلدى. دادامدىن
-دادا ھەممە نەرسىنى بېرىدىغان پارتىيەم تۇرسا، مۇنۇ كىشى نېمىشقا بىزدىن تىلەيدۇ؟ يا بىز بۈگۈن پارتىيەم بولۇپ قالدۇقمۇ؟
سەل ئەقلىمنى تاپقاندىن كېيىن ئۇقسام ئۇيغۇر شىئېر، قوشاقلىرى ئىچىدىكى كومپارتىيە، قىزىل ئارمىيە، ماۋزىدوڭ قاتارلىقلار كۈيلەنگەن قۇرلار ئەسلى ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىز مەدھىيەنگەن مىسرالار ئىكەندۇق.

باشلانغۇچقا كىرگەندە ئىنقىلابىي يېزىق بولغان پىنيىندە ساۋادىم چىقتى. ”قاناتلىق خەت“ ”قىزىل قىيا“ ”گاۋيۈيباۋ“ ”قىزىل تاغ باتۇرلىرى“ دېگەن پىنيىنچە يېزىلغا كىتابلارنى ئوقۇپ چىققىنىم ئېسىمدە. ئۇ چاغدا كىتابلاردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى نېمىشقا ئاكا-ئۇكا قوشنا قولۇملارنىڭ ئىسمىدەك مەمەت، سەمەت، ئايخان گۈلخان بولمايدىغاندۇ دەپ ئويلايتىم. قىزىق يېرى، ئۇلارنىڭ باشقا بىر مىللەت بولغاچقا شۇنداق ئىسىمى بولىدىغانلىقىنى ھىچ كىم دەپ بەرمەپتىكەن. ئەسلى ئۇيغۇر يېزىقىمىز قازاق قىرغىزچىدىن پەرقلىق چاپان كەيدۈرۈلۈپ بىزگە قايتۇرۇپ بېرىلگەندە نەشىر قىلىنغان ”ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى“ دېگەن كىتاب مېنى مەپتۇن قىلىۋالغانىدى. شۇندىن كېيىن كىتاپلاردىن ئوقۇغان ساماۋىي چۆچەكلەر، قوشاقلار، ناخشىلار دۇنياسىدا ياشاپ بىر كۈنى چۆچەك ئېيتىشقا باشلىۋېدىم چۆرەمدىكىلەر ماختاپ كېتىشتىپتۇ. شۇ چاغدا ”ئابدۇراخمان خانغوجا“ داستانىنى تولۇق يادقا سۆزلەپ بەرگەنتىم. سىنىپىي كۆرەش تامغىسى قېقىلغان بۇ كىتاپ ئىككى مىڭىنچى يىللاردا شۇ پېتى نەشىر قىلىندى. يەنە شۇ كەمبەغەل ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى ئۇيغۇر بايلىرى، خاننىڭ بۇيرۇقى ئادىل يەرلىك فىئۇداللار، ئەمەلدارلار غالجىر دېگەن چۈشەنچە قىپ قىزىل پارلاپ تۇرۇپتۇ.

ھاياتىمدىكى ھاياجانلىق مىنۇتلار ئىچىدە پىيونىر بولغان، ساۋاقداشلىرىمغا يېتەكچى بولۇپ دۆلەت مارشى ئوقۇغان، كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن چاغلىرىمنى ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن. 2005- يىلى مالايسىيادىكى بىر ت ۋ قانىلى دۆلىتىگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىپتۇ. زىيارەت قىلىنغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ سۆزىنىڭ بىسىمىللاھسى “ بىز شىنجاڭلىق، شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى“ دەپ باشلىنىپتۇ. ھەممىڭلار بىلىدىغان بىر ناخشا ئوقۇپ بېرىڭلار دېسە ”قوزغال“ دەپ دۆلەت مارشىنى باشلاپ كېتىپتۇ. ماڭا بۇ ئانچە تاساددىپى ئىشتەك تۇيۇلمىدى. بەلكىم تولۇقسىزدا بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم بىلەن يىغىلىپ قالساق ھەممىمىز بىلىدىغان ناخشا كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مارشى بولۇشى مۇمكىن. ئادەم مائارىپنىڭ مەھسۇلى.

ئالىي مەكتەپنى بېيجىڭدا ئوقۇدۇم. كىتاپخۇمارلقىم سەۋەبلىك ياتاقتا غۇلجۇلۇق بىر ئاغىنەمنىڭ مەسخىرىسىگە بەش يىل نىشان بولغانتىم. بۇ يىل ئامېرىكىدىن قايتىپ كېلىپ ئۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم.
- ئامېرىكىدىكى ئوقۇشۇڭ پۈتتىمۇ؟ نېمە ئوقۇدۇڭ؟
-ھەئە، پۈتتى. تىلشۇناسلىقتا ئوقۇدۇم.
- ئوقۇپ ئەجەپ زېرىكمىدىڭ، يەنە ئوقۇماسسەن!
- ياق، يەنە ئوقۇيمەن. كىتابتىن، خاتالىقلىرىمدىن، باشقىلارنىڭ كەچۈرمىشىدىن، ئاۋامنىڭ شاتلىق-قايغۇلىرىدىن يەنە ئۆگىنىشنى داۋام قىلىمەن.
- ياخشىسى جەمئىيەت داشۆسىدە ئوقۇ، مۇناسىۋەت قىلىشنى، ئىش ئەپلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋالمىساڭ بولمايدۇ. يەنە كىتاپ ئوقۇيمەن دەپ ھاياتىڭنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمە!
بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بولۇپتۇ. غۇلجىدا مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدىكەن. بىر كىتاپ ئوقۇغاننىڭ، بىر ئوقۇغۇچىدىن سۆيۈنگەننىڭ گېپى يوق. مەن ئۇنىڭدىن ئەمەس، ئۇنى ئون نەچچە يىل مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىتىپ، مۇئاش بېرىپ، بىر كىتاپ ئوقۇشقا سەۋەپ بولالمىغان تۈزۈلمىدىن ئەپسۇسلاندىم. ھېلىلا روزا ھېيتلىق خەنسۇچە سالام يوللاپتۇ. ”ھېيىتلىق سالامنى بولسىمۇ باشلىقىڭنىڭ تىلىدا يوللىماي ئۆز تىلىڭدا يوللىساڭچۇ!“ دەپ ئۇچۇر قايتتۇردۇم.

گۈلەن يەنە نېمە ئىش قىلدى؟

گۈلەن 2006- يىلى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تۈركىيەدە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇپ ئالتە ئاي تۇردى. غەربى شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدە ئالتە يىل، شىنجاڭ مالىيە ئىقتىساد ئۇنۋېرىستىتىدا ئىككى يىل ئىشلىدى. 1998-يىلى زالىم شۇجىنىڭ تەلۋە بۇيرىقىغا قارشى چىقىپ بىرىنجى قېتىم، 2009-يىلى ئىككىنجى قېتىم ھۆكۈمەتكە تەۋە ئىش ئورنىدىن ۋاز كەچتى. ئىش ئورنىدىن ۋاز كەچتىيۇ ئىشتىن ۋاز كەچمىدى. ھۆكۈمەتكە باج تۆلەۋاتقان، بېقىۋاتقان ئادەملەرنى، كىتابنى، قەلەمنى ۋە سەنئەتنى سۆيۈپ كېلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكىدا ئوقىسىمۇ بەرىبىر گۈلەن

-ئامېرىكىدا ئەمەس، نەدە ئوقۇساڭ بەرىبىر!
قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ كومپىيوتىردا خەتنى ئوڭلاپ ساقلىيالمايدىغان كادىرلار خادىمى خەنسۇچە شۇنداق دېدى. گۈلەنگە ئەدەبىيات فاكۇلتىتى كادىرلار باشقارمىسىدىن ئىمتىھان ئالىدۇ، دەپ ئۇقتۇردى. كادىرلار باشقارمىسى خەۋىرىمىز  يوق، نەدە ئوقۇساڭ ئوخشاش، ساقلا، دەپ يولغا سالدى. ئاخىرى ساقلاشنىڭ قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ مەكتەپتە ئامېرىكىدا ئوقۇغان بىرمۇ ئادەم، ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا چەتئەللەردە زىيارەتچى تەتقىقاتچى بولۇشنى ئىلتىماس سۇنغان بىرمۇ ئادەم يوقكەن.

گۈلەن مەكتەپ قۇردى

گۈلەن مۇنبەر ئۈچۈن قايتقانتى، بېرىشمىۋېدى ئۆزى مۇنبەر قۇردى. گۈلەن نۇرخان تەربىيىلەش مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەن نۇرخان مەكتىپىنى ھەمشىرىك ئېچىۋاتىدۇ. بالىلار، ئۆسمۈرلەر، ياشلار، خىزمەتچىلەر، تىجارەتچى بۇرادەرلەرگە تۈركچە، ئىنگىلىزچە، ياپۇنچە ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلىدى. گۈلەن بالىلارنى چەتئەل ئالى مەكتەپلىرىگە بىۋاستە ئىمتىھان بېرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىپ تىرىشىۋاتىدۇ. ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن، ئىچكىرىدىكى ۋە دىيارىمىزدىكى ئالدامچى مەكتەپلەرنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان، ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن قايتا ئوقۇشنى نىيەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قايتا ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش شارائىتىنى ياراتتى.

http://anana05.blogbus.com/logs/217470798.html

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 50 رەھمەت ئۇچۇرىڭىزغا!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

يوقۇتۇشنىڭ تۈپ ي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10230
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9833
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1714 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 03:04:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ گۇلەن ئەپەندىنىڭ يازمىلىرنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتىم . دەسلەپتە يازغانلىرىدا ئۇيغۇرلاردىكى ناچار ئىستىللار توغۇرلۇق كۆپرەك يازاتتى ، كېيىنكى تېمىلاردا بۇنداق ناچار ئىللەتلەرنىڭ ناھايتى ئاز ساندا ئىكەنلىكىنى ، ئۇيغۇرلانىڭ ئېسىل پەزىلەتلىرنىڭ يەنىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى يېزىۋاتىدۇ . ھەتتا ئۆزىمىزدىكى ھىس قىلالمىغان نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرىمىزنى ھىس قىلدۇرۋاتىدۇ ۋە  ئۆزىمىزدىكى بايلىقنى قېزىپ ياراملىق بىر ئىنسان بولۇشقا دەۋەت قىلىۋاتىدۇ . ئۇ كىشىدىكى تەپەككۇر بىلىمىنىڭ ھەقىقەتەن مول ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز . شۇنچىلىك ياش بولسىمۇ لېكىن بىزلەرگەخۇددى پىشقان بىر تەتقىقاتچىدەك تەسىر بەرگەن ئىدى . مەن گۇلەن ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق ،  تېنىنىڭ سالامەت ، قەلىنىڭ تېخىمۇ بەركەتلىك بولۇشنى تىلەيمەن .

مۇھەببەتتىن كەچسەڭمۇ ئازاپ 。 ۋىسالىغا يەتسەڭمۇ ئازاپ 。 ئاي پاتسا تىترمە قوياش يار ساڭا 。 تەقدىرىڭ ھومايسا چاقچاق دەپ سانا 。

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20068
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6325
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 03:05:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت پۈتۈن كۆرۈپ چىقتىم ،،،،
مانا مىللىي مائارىپ!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
چوقۇم مۇشۇنداق ئۆزىمىزگە خاس مىللىي مائارىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كىرەكتى  ..ناھايتى ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20068
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6325
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 03:06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز  ئىستىمالچىلاردىن   ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ئايلىنىشىمىز كىرەك!!!!!
ناھايتى توغرا دىدى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش