ياقۇتلارنىڭ ئەجداتلىرى بىزگە ئوخشاشلا تېلېلار،ئېگىز ھارۋىلىقلار ،ئىلگىرى شەرقى تۈركلەرگە قارام بولغان ،كېيىن ئۇيغۇر خاندانلىقىغا قارام بولۇپ زور كۆپچىلىگى ئۇيغۇرلارغا سىڭىپ كەتكەن.قالغان قىسمى كېيىن توڭگۇسلار،ئېۋېنكىلار،موڭغۇللارنى ئۆزلىرىگە ئاسسىمىلاتسىيە قىلىپ ھازىرقى ياقۇتلار شەكىللەنگەن.شۇڭا ھازىرقى ئىرقى ئالاھىدىلىگى بىز ئۇيغۇرلارغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ،موڭغۇللارغا ئوخشايدۇ.تىلى تۈركى تىللىرى ئائىلىسىنىڭ شىمالى تارمىقىغا تەۋە،ئەمما ئۇلارنىڭ تىلى تۈرك تىللىرى ئىچىدە بىرقەدەر ئالاھىدە بولۇپ،چۈشەنمەك سەل تەس،سىرت تىللارنىڭ تەسىرى كۈچلۈك.دىنى ئېتىقاد جەھەتتە شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى،روسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىغىغا ئۆتكەندىن كېيىن كۆپىنچىسى پراۋىسلاۋ دىنىنى تاللىدى.ياشاش مۇھىتى ئورمانلىق،يايلاق بولۇپ يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.