يازمىڭىلىرىڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇيمەن. ئاۋۇ ئىككىنچى يازما « ئامېرىكىغا مىھمان موماي » نى قايسى بىر كۈنى ئوقۇپ بولغانغۇ دەيمەن.
لىكىن مەن سەبىرە ھەققىدىكى يازمىدىن سىزگە نىسبەتەن خاتا بىر نەتىجىگە ئىرشىپ قالغاندەك قىلىمەن. بەلكىم مەن سىزنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى خاتا چۈشىنىۋالغاندىمەن، مومكىن بولسا بىر چۈشەنچە بەرسىڭىز.
مىنىڭچە مىنى خاتا چۈشەنچىگە ئىگە قىلغىنى مانا مۇشۇ مەزمۇنلار:
بىر مىننەتدارلىق بايرىمى كۈنى سەبىرە ئۆزى يالغۇز يېنىمىزغا كەلدى. قىزىنى سورۇساق دوستلىرى بىلەن ساياھەتكە كېتىپتۇ. سەبىرەنىڭ نارازىلىقى گەپلىرىدىن چىقىپ تۇراتتى. "ئامېركىلىقلاردەكلا بولۇپ قالدى. قارىسام بىر ئېغىز خوش دەپلا سومكىلىرىنى ئېسىپ ئۆيدىن چىقىۋاتىدۇ. مەن يوق، ئانام ئۆيدە يالغۇز نېمە ئىش قىلار، زېرىكمەسمۇ. مەن قىزبالا تۇرۇپ تالادا مۇشۇنداق چېپىشىپ يۈرسەم بولامدۇ، دەپ ئويلايدىغان گەپمۇ يوق، ئامېرىكىدا چوڭ بولغان بالىلار نېمانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمەيدۇ، خەپ ۋەتەنگە ئاپىرىپ تازا بىر ئۇيغۇر قىلىپ كەلمىسەم..." دەپ سۆزلەپلا كەتتى. سەبىرەگە ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئەمما ئىچىمدە "ئامېرىكىدا چوڭ بولغان بالا ئامېركىلىقتەك بولماي كىمدەك بولسا بولاتتى. ھېلىمۇ سىزنىڭ سەن دېگەن ئۇيغۇر، ئۇيغۇرلاردا قىز بالا دېگەن ئۇنى قىلىدۇ، بۇنى قىلىدۇ، دېيىشلىرىڭىزگە سىزنى ھۆرمەتلەپ تاقەت قىلىپ كەلدى" دەپ ئويلۇدۇم.
.......
سەبىرەنىڭ دەپ بېرىشىچە بىر كۈنى ئۆيگە مېھمان كەپتۇ. قىزى مېھمانلارنى رەسىم تارتىۋاتقان ئانىسىنىڭ قولىدىن ئاپاراتنى "ئاپا، سەن رەسىمنى مەندەك تارتالمايسەن، ماڭا بەر" دەپ ئېلىۋاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سەبىرە رەنجىپ قىزىنى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ مەنچە نورمال بىر ئىش.
دىمەك ئانىسىنىڭ قىزىغا:
ئۇيغۇرلاردا قىز بالا دېگەن ئۇنى قىلىدۇ، بۇنى قىلىدۇ دەپ ئۇيغۇر ئەخلاقى بىلەن تەربىيە قىلىشى ئارتۇقچىما؟
بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزدە ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنتلەر ئارسىدا ئازراق بولسىمۇ ئەخلاق، ھېيىقىش بولماسلىقى كىرەكما؟