arkaksu68 يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 08:58 PM
ئەسلى ياپۇنىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ ھىكايىسى . نامى ‹‹ دە ...
بۇندىن 25-26 يىل بۇرۇنقى 6- 7 ياش ۋاقتلىرىم يادىمغا كېلىپ قالدى. ئاپام دائىم بىر چۆچەكنى ئېيتىپ بېرەتتى. ھېلىمۇ يادىمدا تۇرۇپتۇ. بۇ بىر ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى ئىدى. بۇ چۆچەكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق:
بىر ئادەمنىڭ بىر ئارزۇلۇق بالىسى بار ئىكەن. ئۇ كىشى بالىسىنى ياراملىق تەربىيلەپ چىقىپتۇ. يىللار ئۆتۈپتۇ. ئۇ كىشى چوڭ بولۇپتۇ، چاچلىرىغا ئاق ساچىلىپتۇ. بالىسىمۇ چوڭ بولۇپتۇ. بىر كۈنى دادا بالىسى بىلەن باغدا ئولتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا بىر پاختەك كېلىپ سايراشقا باشلاپتۇ. دادا ئوغلىدىن سوراپتۇ:
ــ گۇگۇك قىلغان نېمە ئۇ؟
ئوغۇل جاۋاب بېرىپتۇ:
ــ پاختەك.
بىر ئازدىن كېيىن پاختەك يەنە سايراشقا باشلاپتۇ، دادا ئوغلىدىن يەنە سوراپتۇ:
ــ گۇگۇك قىلغان نېمە ئۇ؟
بالا سەل خاپا بولغاندەك قىلىپ دادىسىغا ھومۇيۇپ قاراپ جاۋاب بېرىپتۇ:
ــ ئاتا، سايراۋاتقان پاختەك.
بىر ئازدىن كېيىن پاختەك يەنە سايراپتۇ، دادا ئوغلىدىن يەنە سوراپتۇ:
ــ گۇگۇك قىلغان نېمە ئۇ؟
بۇ قېتىم ئوغۇلنىڭ ئەرۋاھى قىرىق گەز ئۆرلەپ، ئاتىسىغا قاراپ ۋارقىراپتۇ:
ــ ھەي تاز، مەن ساڭا نەچچە قېتىم دەيمەن، ئۇ دېگەن پاختەك دەپ، ساراڭمۇ يا گاسمۇ سەن؟
دەل شۇ چاغدا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان بالىنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ يېنىغا كېلىپ شۇنداق دەپتۇ:
ــ ئوغلۇم، سەن تۆت ياش ۋاقتىڭدا دەل مۇشۇ باغدا ئاتاڭدىن قىرىق قېتىم «گۇگۇك قىلغان نېمە ئۇ؟» دەپ سورىغان ئىدىڭ، ئاتاڭ سېنىڭ چۈچۈك تىللىرىڭدىن سۆيۈنۈپ ساڭا قىرىق قېتىم «گۇگۇك قىلغان پاختەك» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. سەن ئەمدىلىكتە تۆت قېتىمغىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىسەن.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئوغۇل ئاتىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىپتۇ.
بۇنداقمۇ توغرا كېلىپ قالغان بارمۇ؟ بۇ چۆچەكنىڭ ئىسمى «گۇگۇك قىلغان نېمە ئۇ؟» ئىدى.