sargarda يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:54 PM
مەن ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن سۆيگۈنىمدىن ئايرىلىپ قې ...
چاخچاق ئەمەس ، راسىت دەۋاتىمەن .
بۇ ئۆمرۈمدە ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىككى ئادەم ئۈچۈن ئۆلۈممۈ مەن ئۈچۈن
ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى . بىرى ئانام ، ئانام دوختۇرخانىدىكى ۋاقتىدا
بىرەر ئەزايىم ئانامنىڭ بەدىنىگە ماس كەلسە ، ئەزا كۆچۈرۈش ئارقىلىق ئانامنىڭ
ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدىم ، ئەمما بولمىدى ...
يىگىرمە نەچچە ياشلارغا كىرگۈچە بىرەر قىزنى ياخشى كۆرۈپ ، يۈرۈپ باقمىدىم .
خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ بىر ـ بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ
ئۆتتۈق . تەپسىيلى سۆزلەپ ئولتۇرمايمەن .
ئەپسۇس.... ئوقۇشماسلىق ، چۈشنىشمەسلىك تۈپەيلى ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق .
ھىكايەم سەل چۈشنىكسىز ھە ؟ ھى....ھى....ھى.........
‹‹ زىندان ئازابىدىن ۋىجدان ئازابى يامان ›› دەپ كىم دېگەن بولغىيتى ؟
شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىمنى سىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايسىلەر ، مەنمۇ ئاددى سۆزلەر
بىلەن ئىپادىلەپ بىرەلمەيمەن . چۈشكۈنلۈك ، ھىجران ، ۋىجدان ئازابى مىنى
بىردەممۇ ئارامىمىدا قويماي قىينايىتتى ... مەن ئۈچۈن ئەمدى ھاياتتىن نە ئۈمىد
ئارزۇ ـ نىشان قالمىغان ئىدى . ھەممىدىن نەپرەتلىنەتتىم . ئۇنى ئىزلەيتتىم .
مىڭ جاپادا تىكلىگەن ئىگلىكىممۇ بەرپات بولدى . بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى.
زاڭلىق قىلساڭلارمۇ مەيلى ! ئۇ مىنى تاشلاپ كەتتى ، قەيەرگە بارىدىغانلىقىنىمۇ
بىلمەيتتىم . ئۇنى ئۇچرىتىپ قېلىش مەن ئۈچۈن ئەڭ زور ئارمان ئىدى .
قارىغۇلارچە ، ساراڭدەك ئۇنى ئىزلەيتتىم . ئۇنى ئىزلەپ دىيارىمىزنىڭ خېلى
كۆپ يۇرىت ـ شەھەرلىرىنى كىزىپ چىقتىم . تاپالمىدىم . ھېچ بولمىسا ئۇنى
تېپىپ ‹‹ مىنى كەچۈر ›› دېگەن ئىككى ئېغىز سۆزنى دېيىۋالسام كۆڭلۈم ئارام
تېپىپ قالاتتى . ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە قايتا ئېرىشەي ، ئېرىشەلمەي بۇ مۇھىم ئەمەس
ئىدى . مەن راستىنلا تۈگىشىپ كەتتىم . دوسىتلىرىمنىڭ كۆيۈنۈپ قىلغان تەسەللىرى
مەسخىرلىك تەنقىدلىرىمۇ كار قىلمايىتتى . مەن ئۆلۈمنى ئويلاپ قالدىم .
ئادەم ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ . مەن ئۆلۈپلا قوتۇلۇپ كەتمەكچى بولدۇم . ئەمما
ئۆينى شۇنچە ئاختۇرۇپ دارغا ئاسقۇدەك ئارغامچە تاپالمىغان ئىدىم .
ناۋادا شۇ ۋاقىتتىكى ھىسياتىم بۇيىنچە ئېيىتسام : ئارغامچا تېپىلغان بولسا...
مەن ھەرگىز ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلىرىم ، ئوي ـ ھىسياتلىرىمدىن گۇمانلىنىپ
نۇمۇس قىلمايمەن . چۈنكى مەن ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرەتتىم .
بىرسىنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئېرىشەلمەسلىك بەخىتسىزلىك ، ئەمما بىرسىنى ھەقىقىي
ياخشى كۆرەلمەسلىك تېخىمۇ زور بەخىتسىزلىك .
مەن ھېچكىمنى ياخشى كۆرەلمەس بولۇپ قالغان ئىدىم . ئۆيدىكىلەرنىڭ تاپا ـ تەنىسى
‹‹ خۇتۇن ئال ، تەڭتۇشلىرىڭنىڭ بىر ـ ئىككى بالىسى بولۇپ بولدى ، قاچانغۇچە
مۇشۇنداق يۈرىسەن ›› ؟ ھەي ، خۇتۇن دېگەن يا تىجارەت قىلغاندەك تەۋەككۇل
قىلىپ ئالدىغان مال بولمىسا .... ؟
‹‹ دۇنيادا ئۈمىدسىزلىك بىلەن ياشاش توغرا ئەمەس ›› . ياشاۋاتىمەن .، گۈزەل غايە
يۈكسەك نىشانلارنى قەلبىمگە پۈكۈپ ، تېرىشىپ ، ئىزدىنىپ ھاياتنىڭ ئەھمىيتى ، قىممىتى
ھەقىقەت توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتىمەن .
كۆپچىلىككە رەھمەت ... ھەممىڭلارغا سالامەتلىك ، بەخىت ـ سائادەت يار بولغاي...