Naprat2009 يوللىغان ۋاقتى 2012-6-25 11:14 PM
پىششىقلاپ ئىشلىگۈچى خام ئەشيا تەمىنلىگۈچىلەردىن كۆپ پ ...
ئەڭ ياخشى ئىنكاس .
مەن سىتىۋالغان سەككىزمو يەرگە ياڭاق كۆچىتى ئارىسىغا قىزىل گۈل كۆچىتىنى كېرىشتۇرۇپ تىككەن ئىدىم. ئەتىراپىمدىكى دىھقانلار رايۇن باشلىقلىرىنىڭ بۇريرىقى بىلەن ئۈرۇك كۆچىتىنى تىككەن ئىدى .
مانا ئەمدى شۇ دىھقانلارنىڭ ئۈرۇكلىرى دىھقانانلارنىڭ بوغراي ئورمىسى مەزگىلىگگە ئدۇل كىلىپ پىشىدىغان بولغاچقا ،بىچارە دىھقانلار ئورمىسىنى ئورمسىا تىخى، بوغداي ئىڭىزنىڭ ئورنىغا تىرىلدىغان زىرائەتنى تىرىمىسا تىخ بولمىغان،ئارقىدىن بوغداي خامىنىنى ئالمىسا تىخى بولمىغان .....مۇشۇنداق ئادەمنىڭ بىشىنى قدتۇردىغان قاتمال ئىش-ئەمگەك سەۋەپلىك پىشىپ ئوتۇپ يەرلەرگە تۆكمە بولۇپ كەتكەن ئۈرۇكلەرنى ۋاقتىدا يىغىۋىلىشقا يىتەرلىك ۋاقىت يوق بولغاچقا ،شەھەردىن چىققان سودىگەرلەر شاپاقتىن ئەزان ، بىر كىلوسى نەچچە مو باھا بىلەن سېتىۋىلىپ ئىلىپ ھەر كىلوسىدىن ئون ھەسسىدىن ئونبەش ھەسسىسىگىچە يۇقۇرى باھادا پايدا ئىلىۋاتىدۇ .
بۇ ئىشتا بىچارە دىھقانلارغىمۇ ئامال يوقتە !
مۇنداق ئەزان باھانى تۆۋەن كۆرۇپ بەرمەي دىسە ئۈرۇكلەر يەرلەرگە تۆكۇلۇپ سىسپ كەتەن ،تىرىپ قىقىنى ساتاي دىسە تىرىلغۇ ئىشلىرىنىڭ ئالدىراش پەسلىدە ۋاقىت چىقىمىغان . ئامالسىز سودىگەرلەرگە يوق ھىسابى ئازان بىرىۋەتكەن شۇنداق ئىچىم سىرىلىدۇ شۇ بىچارە دىھقانلارغا
بۇرنۇمغا تولا سۇ كىرگەن بولغاچقىمۇ ئەۋەل ئاللاھ ،ئاندىن قالسا ئىچكىردە ۋە شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم يېزا-ئىگىلىك ساھەسىدە ئىشلەيدىغان تونۇش بىللىشلەرنىڭ مەسلىھەتى بىلەن تىككەن ياڭاق كۆچەتلىرى ۋە كۆچەت ئارىسىغا كىرىشتۇرۇپ تىككەن قىزىل گۈل كۆچەتلىرى نەچچە يىلدىن كىيىن مول-ھوسۇل بىرىۋىدى ، ئالدىغان سودىگەرلەرنىڭ تلىفۇنى ئۈزۇلمىدى .
بەزى دىھقانلارنى گول كۆرۇپ قالغان .قاقباش سودىگەرلەر باھانى قەستەن چۈشۇرسە. بازار باھاسىدا ئالسىڭىز ئىلىپ بولمىسا ماڭا تىلفۇن قىلپ ئاۋازىڭىزنى ئۇپۇرتۇپ يۈرگىچە باشقا ئىشىڭىزنى قىلىڭ دىسەم . ئىختىيارىڭ ئۇكا كىچىك بالا بىلەن قىلىدىغان سودا دىگەن بىرنىمىسى بىر نىمە زادى !!! -ھە بولىدۇ ئۇكام ئەمسىە . ئەڭ ياخشىسى ئويلىشپ باق . مۇۋاپىق كۆرسەك تىلفۇن قىلارسەن! مۇشۇ مىنىڭ تىلفۇن نۇمۇرۇم دەپ خوشلىشىنڭ شەپىسىنى بىرىپ بىرىپ بولغۇچە ،مەنمۇ-
ۋاي تىجارەتچى جىنىم ئاكا ياڭاق بىلەن قىزل گۈل ھەپتە ئون كۈ ۋاقتى ئۆتۇپ كەتسە بۇزلۇپ قالدىغان ئۈجمە ياكى ئۇرۇك ئەمەس .بىرەر يىل تاشلىنىپ قالسىمۇ ھۆسنىدىن ۋە قىممىتىدىن قالمايدىغان نەرسە ! ئەگەر بازار باھاسىغا زادى چىقمىسا، قىشىچە تېلىۋۇزۇرنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويۇپ خالمۇرات ئۆمەرنىڭ ئىتوتىنى كۆرگەچ چىقىپ يەپ، باغ ئەھيا قىلغان ۋاقىتتىكى جاپانىڭ مىغىزىنى چاقارمەن !!! ئالغۇىڭىز بولسا گەپنى ئەگىتىپ يۈرمەي ئىلىڭ ! بولمىسا ئاۋەرە بولماڭ .....ئەگەر مەن دىگەن باھانى مۇۋاپىق كۆرسىڭىز ئەتىگىچە تىلىفۇن قىلارسىز ! مۇشۇ مىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرۇم دەپ تىلفۇننى تىجارەتچىدىن بۇرۇنراى ئۈزۇشكە تىرىشىمەن.
ئەتىسى ياكى ئۆگۈنى قانداق بولدى ئۇكا ....ھە دىگىنە زادى نەچچىگە كەلسە ساتىسەن ؟ دەپ يۈرۇپ ئاخىرە كۆزلىگەن باھاغا يەتكەندە بىرىۋىتىمەن ياكى ئاڭغۇچە ئارمان گۇرۇھىنىڭ رايۇنىمىزدا تۇرۇشلۇق خادىملىرى كۆتە-كۆتە قىلىپ ئىلىپ كىتىدۇ .
بۇ يىل قىزىل گۈلنىڭ باھاسى بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن ئەڭ ياخشى بولدى ھەر بىر كىلوگىرام قىزىل گۈلنىڭ باھاسىنى خوتەنلىك تىبابەت دورىللىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانسىنىڭ خادىملىرى 26 يۈۋەندىن 28 يۈۋەنگۇچە ھەتتا 'ئۆزلىرى ئادەم سىلىپ ئۈزدۇرۇپ سېىتىۋالدى .
ئەينى يىلى قىزل گۈل تىككەندە تىكىپ ئىشىپ بىر قۇچاك قىزىل گۈلنىڭ كۆچىتىنى تۇتسا تۇتۇپ ئەي بولۇپ قالسا زىمىنغا زىننەت بولار ، تۇتمىسا تەمەچىكە ئايلىنىپ كىتە ! دىگەن خىيالدا ئاپىرىپ بىرسىنىڭ تاشلىنىپ قالغان يىرىنى كىيىنچە بىرەر ئوي قۇشلىرى باقمىچىلىغى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەر قىلارمەن دەپ زىمىنلىق ئىلىپ تاشلاپ قويغان ئۈچ فۇڭچە كىلىدىغان يەرگە تىكىپ قويغان ئىدىم، ئۆستەڭدىن قىچىپ چىقىپ كىرىپ قالغان سۇ ياراشتىمۇ تاڭ تۇتۇپ قاپتۇ . شۇ كۆزگە ئىلمىغان نەچچە قاتارلا كىلىدىغان قىزلگۈلدىن 4000 يۈۋەنگە يىقىن قىزىل گۈل چىقتى .
مانا ئەمدى ئىككى يىلچە بولدى ھەر موسىنى25000 يۈەندىن باھا بىلەن بىغىمنىڭ يىنىدىكى يىلىم بىسىپ ھالدىدن كەتكەن سەككىز-ئون تۈپ ئۈرۇك كۆچىتى بار ئىككى مو يەرنى ئىلىپ قارقاتلىق باغ قىلاي دەپ قانچە تالاشسام ئالالمايۋاتىمەن. بىراق دىھقان ئاكاملار بىر موسىغا ھۆكۇمەت 20000 يۈۋەندىن پۇل بەرسە قوش قوللاپ بىرىۋاتىدۇ .
مەن دەيمەن دىھقانلار يەرلىرىگە بۇغداينى بۇزۇپ چايگۈلى تىرامدۇ ياكى چايگۈلىنى بۇزۇپ كاۋا تىرامدۇ بۇ خاتالىق ئەمەس . بۇ يەردىكى گەپ نىمە تىرسا قارىغۇلارچە ئىش كۆرمەي سېستىمىلق كىيىنلىگى بار تىرىقچىلىق بىلەن شۇغىللانغىنى ياخشى .
ھازىر ھەر قانداق بىر يېزا-ئىگىلىكتىننى چۈشىنىغان ،يىراقنى كۆرەلەيدىغان كىشىنىڭ بىر ئىككى مو يىرى بولسىلا بىر يىلىدا گەپ يوق 20000 يۈۋەندىن 30000 يۈۋەنگىچە ئىقتىسادى كىرىم يارىتىشتا گەپ يوق .
بولمىسا دوستىمىز نەپرەت ئىيىتقاندەك ھەر قاچان ،ھەر ۋاقىت سودىگەرلەرگە تىللا كاكىلاپ بىرىدىغان ئاۋازى ۋات-ۋات مىككىيانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
لىكىن ...بىراق ....خەپ ..... چوشقىنىڭ بۇرۇنلىرى .
مانا ئەمدى بىر نىنىمىز ئىككى بولۋىدى . يەرلەرنى پاخال نەرقىدە مەجبۇرى سىتىۋىلىپ، دىھقانلارنى دىھقانچىلىقتىن ئىبارەت خىزمتتىن ئايرىپ قويۋاتىدۇ دىسە .
جەنۇپلاردا باشلانغان بۇ كىشىنى << خۇشال >> قىلىدىغان ئېسلاھاتنىڭ تۈرۇتكىسىدە تەرەپ-تەرەپلەردىن يەرلىرىدن ئايرىلغان دىھقان باللىرى چوڭ شەھەر بولمىش ئۈرۇمچىگە قاراپ ئاقىدۇ .
يەرلىرىدن ئايرىلغان شۇ دىھقان باللىرى رىقابەت كەسكىن بۇڭ شەھەردە نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
يايما ئاچسا باشقۇرغۇچى قوغلايدۇ .
دۇكان ئاچاي دىسە بۇ ئاي بۇ كۇنلەردە ئازىراق پۇل بىلەن بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ .
ئاياغ مايلامدۇ ئەمسىە .ھەممە ئادەم ئاياغ مايلاپ كەتسە كىم ئاياش مايلىتار ؟ تاشقى پىلانىتنىڭ جانلىقلىرى ياكى بىر قىسىم ئات-ئىشەكلەر مايلىتارمۇ ؟
بوۋئەن ،ساقچى . شىياۋگۇڭ . تازلىقچى بولسا بولارمۇ يا ؟
مەنچە بولسا بۇ خىزمەتنى قىلماقمۇ بەس مۇشكۇل . بۇ خىزمەت ئارقىلىق كىمنى باشقۇرسەن غەيرى مىللەتنىمۇ ؟ موماڭنى يەپسەن ! بۇلارنى باشقۇرۇش تۈگۈل بۇلارغا قاپىقىڭنى تۇرۇپ قارىيالىساڭمۇ چوڭ ئىش . شۇنداق قىلىپ ئۆز مىللىتىڭنى باشقۇرسەندە !
چۈنكى ئۆز مىللىتىڭنىڭ تومۇرىنىڭ قانداق سوقۇدىغانلىغىنى ياخشى بىلىسەن . بوزەك قىلشقا ئوڭاي .مىللىتىم ئۇيغۇرۇم دەپ يۈز خاتىر قىىلپ قاتار-قاتار يايما ئىچىشىغا يول قويساڭ ،ھەر ئايدا ئىلۋاتقان 1200 يۈۋەنلىك ئىقتىساتتىن ئايرىلىپ خەندەك كۆلاپ .قۇرلۇشتا ئىشلەپ جان باقىسەن . بۇنداق ئىش قىش-ياز چىقىۋەرمەيدۇ . بۇ خىزمەتنى ساقالاپ قىلش ئۇچۇن جەزمەن ئىتتەك ئىشلىشىڭگە توغرا قىلدۇ.
ئىتەەك سادىىق ياخشى ئىشلىسەڭ چو بازاردىكى لۈكچەك ئاياللار ،ئاغىزىغا خەپرۈكى توپلۇشۇپ قالغان ئايبەرچىندەك قەسرىمانلىرىمىز تۈكۈردۇ . توردىكى قەھرىمانلىرىمىز ساڭا لەنەت ئوقۇيدۇ ھې ھې ھې
ئۇيغۇر بولغان ئىكەنسەن مۇشۇنداق تۇرمۇش شارائىتىلاردا قان-قان قاھشاپ يۈرۇپ ئۇ ئالامگە كىتىشىڭ كىرەك ! گۈل چايغا يازغان ئىنكاسنى نەلەرگە ئىلىپ كەتتىم مەن ھەي ھې ھې
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzumtal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-26 04:10 PM