QALIB يوللىغان ۋاقتى 2012-6-26 09:04 PM
بىلگە ئەپەندى پولشا بىلەن لىتۋا ئارلىقىدىكى بىر پارچە ...
سىز دەۋاتقان بۇ يەر رۇسسىيەنىڭ كالىنىنراد ئوبلاستى بولۇپ بالتىق دېڭىزى بويىدىكى لىتۋانىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان،رۇسسىيەنىڭ ئەڭ غەربى قىسمىدىكى مەمۇرى رايونى ،كالىنىنراد ئوبلاستى رۇسسىيە زېمىنى بىلەن بىۋاستە تۇتاشمايدۇ.
بۇ جاي ئەسلى لىتۋانىيەنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ كېيىن گېرمانىيە تەرپىدىن بۆلۈۋېلىنىپ شەرقىي پرۇسسىيەنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان.2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن پوتسدام يىغنىدا سوۋېت ئىتتپاقىغا كېسىپ بېرلىپ رۇسىيە سوۋېت فېدېراتىپ سوتسيالىستىك جۇمھۇريىتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان.1991-يىلى سوۋېت ئىتپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن،ئەسلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان لىتۋانىيە بىلەن بېلارۇسسىيە مۇستەقىل بولۇپ كالىنىنرادنىڭ رۇسىىيە زېمىنى بىلەن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.شۇنداق قىلىپ كالىنىنراد رۇسسىيەنىڭ ‹ئۇچار زېمىن›غا ئايلىنىپ قالغان.
كالىنىنرادنىڭ ئەسلى نامى كونىگسبېرگ(
Königsberg)بولۇپ تەخمىنەن 13-ئەسىرلەردە قۇرۇلغان،سوۋېت ئىتتپاقى بۇ جايغا ئېرىشكەندىن كېيىن ۋاپات بولغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان سوۋېت ئىتتپاقى مىنىستىرلار يىغىنى رەئىسى(زوڭلى) مىخايىل ئۋانوۋىچ كالىنىن (
Mikhail Ivanovich Kalinin)نى خاتىرلەش ئۈچۈن بۇ جايغا كالىنىنراد دەپ نام بەرگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-26 11:35 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-6-27 03:48 PM):
كالىننراد ئەمەس كالنىنگراد ئىدى.